«دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئىچكى ئەزالار» ۋە ئۇيغۇر «ئەزا تەقدىم قىلغۇچى» لار

0:00 / 0:00

خىتايدىكى ئورگان ئەتكەسچىلىكى پاش قىلىنغان «دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئىچكى ئەزالار» ناملىق بىر فىلىم 2023-يىلىدىن بۇيان كانادا، ئامېرىكا قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەردە تۈرلۈك خەلقئارالىق فىلىم فېستىۋاللىرىغا تاللانغان ۋە مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەنىدى. فىلىم تەيۋەندە قويۇلغاندا، كىنوخانىلار ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىغان بولۇپ، خىتايدىكى ئورگان كۆچۈرۈش سىستېمىسىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويغانىدى. بۈگۈن بۇ فىلىمنى تىلغا ئېلىشىمىزمۇ، خىتاي باشقۇرۇشىدىكى « تەڭرىتاغ تورى» دا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى «قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە تەقدىم قىلىش» قا دائىر بىر خەۋەر سەۋەبلىكتۇر. بۇ يىل 3-مارت ئېلان قىلىنغان بۇ خەۋەردە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتىگە 54 مىڭدىن ئارتۇق قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە تەقدىم قىلغۇچى پىدائىيلارنىڭ ئەزا بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن. شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئاتالمىش «جۇڭخۇا يىلىك ئامبىرى» غا يىلىك تەقدىم قىلغۇچىلارنى تېخىمۇ كۆپەيتىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئەگەر بىز «دۆلەت ئىگىلىدىكى ئىچكى ئەزالار» فىلىمىدا بايان قىلىنغان مەزمۇنلار بىلەن «تەڭرىتاغ تورى» دىكى بۇ خەۋەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى بىلەن ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈپ قارايدىغان بولساق، بۇنىڭ كەينىدە باشقىچە بىر رېئاللىقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەخمىن قىلالىشىمىز تەس ئەمەس.

كۆپىيىۋاتقان «قىزىل كرېست جەمئىيەتلىرى ۋە ئەزا تەقدىم قىلغۇچى پىدائىي» لار

خىتاي ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان «ئورگان ئەتكەسچىلىكى» گە دائىر خەلقئارادىكى تۈرلۈك ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ كەلدى. ئەمما يىللاردىن بۇيان بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان تۈرلۈك مۇستەقىل تەتقىقات دوكلاتلىرى، شۇنداقلا شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ياكى ئۆكتىچى خىتايلارنىڭ مەزكۇر «ئورگان ئەتكەسچىلىكى» نىڭ بىۋاسىتە قۇربانلىرىغا ئايلانغانلىقى ئېنىق. بولۇپمۇ خىتايدىكى ئورگان كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەلىرىنىڭ سانى كىشىنى چۆچۈتكۈدەك كۆپ بولۇپ، كۆچۈرۈلگەن بۇ ئورگانلارنىڭ كېلىش مەنبەسى بىلەن خىتاي ئېلان قىلغان ئورگان تەقدىم قىلغۇچىلارنىڭ سانى ئارىسىدىكى زور پەرقنى مەنتىقلىق چۈشەندۈرۈش مۇمكىن بولمايدىغان ھالەت شەكىللەنگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى خەلقئارا جامائەتكە ئاشكارىلانغاندىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلى كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن خىتاينىڭ ئەڭ مۇھىم ئورگان تەمىنلەش مەركىزى ئىكەنلىكى بىلەن قارىلىپ كەلمەكتە. ھەتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىتېتى 2022-يىلى ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىدىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك، خورلاش ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغانىدى. ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم خەلقئارالىق نوپۇزلۇق دوكلاتلاردىمۇ، جازا لاگېرلىرىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىچكى ئەزالارنى ئېلىۋېلىش ئېھتىماللىقىنىڭ مەۋجۇتلۇقى كۆرسىتىلگەن. بەزى شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرىدىمۇ، جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلارنىڭ قەرەللىك تەن-سالامەتلىك تەكشۈرتىدىغانلىقى، قان تىپى، بىيولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرىنىڭ يىغىپ ئارخىپلاشتۇرۇلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. تېخىمۇ مۇھىمى، خىتاي ئۆتكەن بىر قانچە يىلدىن بۇيان ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈش نامىدا، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان بىيولوگىيەلىك ئۇچۇرلارنى يىغىپ ئارخىپلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويغانىدى. بۇ سىياسەت ھېلىمۇ داۋام قىلماقتا. تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ ئەھۋاللار ھەتتا يۇقىرىدا بىز تىلغا ئالغان فىلىمدىكى ئەھۋاللار بىلەن كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە ئوخشاشلىقلارغا ئىگە.

« شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كرىست جەمئىيىتى» ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، نۆۋەتتە ئاساسىي قاتلاملاردا (يېزا-كەنتلەردە) 6144 قىزىل كرېست تارمىقى قۇرۇلغان ۋە 2024-يىلى ئۇلارغا 5000 نەپەر يېڭى پىدائىي قوشۇلغانلىقى كۆرسىتىلگەن. گەرچە ئاڭلىماققا بۇ ئەھۋال گويا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك خىزمەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىدەك تەسىر بەرسىمۇ، ئەمما خىتايدىكى ئۆزگىچە سىياسىي مۇھىت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ رېئاللىقىدىن قارىغاندا، بۇ مەسىلىنى ئىنسانپەرۋەرلىك بىلەنلا باغلاپ چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس.

مەجبۇرىيمۇ ياكى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەنمۇ؟

ئورگان تەقدىم قىلىشتا كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ئالدى بىلەن تەقدىم قىلغۇچىنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقىدۇر. « دۇنيا سەھىيە ۋە ساقلىقنى ساقلاش جەمئىيىتى» مۇ ئەزا ۋە توقۇلمىلارنى ئىئانە قىلىشنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى «ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىئانە قىلىش» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. يەنى ھەر بىر ئىچكى ئەزا ئىئانە قىلغۇچى چوقۇم ئۆزى خالىشى ۋە ھېچقانداق تاشقى بېسىمغا ئۇچرىماسلىقى كېرەك. لېكىن خىتايدا ئۇيغۇرلارغا دائىر ئۇچۇرلارنىڭ مەخپىي تۇتۇلۇشى ياكى ئېنىق بولماسلىقىدىن، بۇ ئاتالمىش «پىدائىيلار» نىڭ ئۆزى ئىختىيار قىلغان ياكى مەجبۇرلانغانلىقىغىمۇ ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدىمۇ «جۇڭخۇا يىلىك ئامبىرى شىنجاڭ شۆبىسى» نىڭ مەسئۇلى مەنسۇر ئەپەندى، ئۇيغۇر ئېلىدە بەزى كىشىلەرنىڭ يىلىك تەقدىم قىلىشتىن قورقىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئەمما كىشىلەردىكى بۇ خىل قورقۇشنىڭ سەۋەبى زادى «يىلىك تەقدىم قىلىش ھەققىدىكى بىلىملەرنى چۈشەنمىگەنلىكتىن» مۇ ياكى ئۇنىڭ كەينىدە باشقا سەۋەبلەرمۇ بارمۇ، بۇنىسى نامەلۇم.

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «خەلق تورى» نىڭ 2023-يىلى ئىيۇندا ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدىمۇ، روزىگۈل ئىسىملىك 40 ياشلىق بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ 2020-يىلىلا «جۇڭخۇا يىلىك ئامبىرى» غا ئەزا بولغانلىقى؛ ئەمما 2023-يىلى روزىگۈلنىڭ يىلىك تىپى مەلۇم بىر بىمار بىلەن ماس كېلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەندە، ئۇنىڭ ئالدى بىلەن شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان قىزىدىن يىلىك تەقدىم قىلىشنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە مەسلىھەت سورىغانلىقى. . . خەۋەر قىلىنغان. ب ىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئورگان تەقدىم قىلىش ۋە كۆچۈرۈشتىكى خەلقئارا ھەمكارلىق ھەمدە ئورگان ئەتكەسچىلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدىكى 2020-يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئورگان ئەتكەسچىلىك جىنايىتى شەكىللەنمەسلىكىنىڭ شەرتلىرى بايان قىلىنغان. يەنى دوكلاتتا، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن، ئورگان كۆچۈرۈشكە دائىر ئۇچۇرلاردىن تولۇق خەۋەردار بولغان ھالەتتە ئىئانە قىلىشقا قوشۇلۇش ۋە ئۆز قارارىدىن خالىغان ۋاقىتتا يېنىۋالالايدىغان بولۇش ھەمدە قارارىدىن يېنىۋالغاندا بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىشمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمەسلىكنىڭ شەرتى سۈپىتىدە بايان قىلىنغان. ھالبۇكى، روزىگۈلنىڭ «جۇڭخۇا يىلىك ئامبىرى» غا ئەزا بولۇپ 3 يىلدىن كېيىنمۇ، قان ئىشلەپچىقارغۇچى غول ھۈجەيرىسىنى تەقدىم قىلىشتا مەسلىھەتنى «جۇڭخۇا يىلىك ئامبىرى» دىن ئەمەس، بەلكى تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتتىكى قىزىدىن ئېلىشى روزىگۈلنىڭ مەزكۇر ئورگان تەرىپىدىن ئەزا تەقدىم قىلىشقا دائىر يېتەرلىك ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. قىزىق يېرى شۇكى، ئەزا تەقدىم قىلىشقا دائىر ئۇچۇرلاردىن خەۋەرسىز قالغان ھەمدە بۇ ئىشنىڭ ئۆز سالامەتلىكىگە زىيانلىق ياكى ئەمەسلىكىنىمۇ بىلمەيدىغان روزىگۈل قانداقلارچە «ئەزا تەقدىم قىلغۇچى پىدائىي» لىققا تىزىملىتىدۇ؟

rozigul-ichki-organ

خىتاي نېمىدىن قورقىدۇ؟

ئەمەلىيەتتە، «دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئىچكى ئەزالار» فىلىمىنىڭ تەيۋەندە ئېغىر تەھىدتكە ئۇچرىشى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تەرىپىدىن تۈرلۈك تەھدىتلەرگە ئۇچرىشىنىڭ كەينىدىكى سەۋەبلەر ئاساسەن ئوخشاش. يەنى خىتاي ئۆز جىنايەتلىرىنىڭ خەلقئاراغا ئاشكارا بولۇپ كېتىشىدىن قورقىدۇ. بۇ ۋەجىدىن قولىدىن كېلىدىغان ھەرقانداق ۋاسىتە بىلەن ئۇنىڭ جىنايىتىنى پاش قىلغانلارنى يوقىتىشقا تىرىشىدۇ. 2021-يىلى ئىيۇندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىتېتىدىكى خادىملارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈۋاتقانلىقىغا دائىر ئىشەنچلىك مەلۇماتلارغا ئېرىشكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈگەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەنىدى.

خۇلاسە قىلغاندا، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى ئورگان تەمىنلەش ئامبىرىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر مەلۇماتلار ئىنتايىن كۆپ. بۇنداق ئەھۋالدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قىزىل كرىست جەمئىيىتىنىڭ تارماقلىرىنى كۆپلەپ قۇرۇپ، «يىلىك تەقدىم قىلغۇچى پىدائىيلار» قوشۇنىنى زورايتماقچى بولۇشى، كىشىدە ئىختىيارسىز گۇمان قوزغايدۇ. بۇ ۋەجىدىن خەلقئارا جامائەت خىتايدىكى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئورگان ئەتكەسچىلىكى مەسىلىسىگە تېزدىن ئىنكاس قايتۇرۇشى، تەدبىر ئېلىشى، شۇنداقلا خىتاينىڭ بۇ ساھەدىكى ئۇچۇرلارنى تاشقىي دۇنياغا ئېنىق ئاشكارىلىشىنى تەلەپ قىلىشى زۆرۈر. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە تەقدىم قىلىشقا قاتناشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى جىددىي دىققەت قوزغىشى كېرەك. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرقانداق ئىچكى ئەزا، قان ۋە يىلىك تەقدىم قىلىشلار چوقۇم خەلقئارا پىرىنسىپلارغا ئۇيغۇن ھالەتتە ئېلىپ بېرىلىشى، ھېچبولمىغاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى «ئىنسانپەرۋەرلىك» نامىدا مەجبۇرىي ئېلىۋېلىنماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ «دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئىچكى ئورگانلار» فىلىمىدىكىدەك قىسمەتلەرگە قېلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىشى كېرەك.

hawagul-qan-ishlep-chiqirish-ghol-hujeyre

[ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]