مۇستافا دەستىچى: تۈركىيەنىڭ ب د ت دا رەت قىلىش ھوقۇقى بولغان بولسا خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرەلمەيتتى

0:00 / 0:00

تۈركىيەنىڭ سىۋاس شەھىرىدە ئېچىلغان تۈركمەنلەر يىغىنىدا سۆز قىلغان بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى رەئىسى مۇستافا دەستىچى، ئەگەر تۈركىيەنىڭ ب د ت بىخەتەرلىك دائىمىي كومىتېتىدا ئېلىنغان قارارلارنى رەت قىلىش ھوقۇقى بولغان بولسا، خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرەلمەيتتى، دېدى.

يىغىندا سۆز قىلغان تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسمەت يىلماز تۈركىيەنىڭ پەقەت تۈركلەرنىڭ ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۈمىدى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى مەزلۇم مىللەتلەرنىڭمۇ ئۈمىدى بولغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: تۈركىيەنىڭ مەقسىتى ئىنسانپەرۋەرلىكتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ بىرلىك-باراۋەرلىك ئىچىدە كۈچلۈك بولۇشى، پەقەت تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى دۇنيادىكى پۈتۈن مەزلۇم مىللەتلەرنىڭ ئۈمىدى بولدى.

تۈركىيەنىڭ سىۋاس شەھىرىدە ئېچىلغان 11-نۆۋەتلىك تۈركمەنلەر يىغىنىغا، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسمەت يىلماز بىلەن بىرلىكتە قاتناشقان بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى، تۈرك دۇنياسىنىڭ بىرلىكى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ بىر قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

مۇستافا دەستىچى ئەپەندى سۆزىدە، تۈركىيە دۇنيادىكى 10 چوڭ دۆلەتنىڭ بىرىگە ئايلانغان تەقدىردە تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى ھەل بولىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ناھەق ئۆلتۈرەلمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: يەر يۈزىنىڭ قايسى جۇغراپىيىسىگە قارايدىغان بولساق، قەيەردە زۇلۇم ۋە قايغۇ-ئازاب بولسا، ئۇ يەر يا بىر تۈرك-ئىسلام جۇغراپىيىسى، ياكى بىر ئىسلام جۇغراپىيىسى بار. شەرقىي تۈركىستاندا يۈز نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز خىتاي زۇلۇمى ئاستىدا ئىڭراۋاتىدۇ، لېكىن بىز بۇنى كۈنتەرتىپكە ئالالمايۋاتىمىز.

مۇستافا دەستىچى ئەپەندى سۆزىدە يەنە، مىسىردا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: ھەركىم شۇنى ئۇنتۇمىسۇنكى، ھەر پىرئەۋننى غەرق قىلىدىغان بىر دېڭىز، ھەر نەمرۇتنى كۆيدۈرىدىغان بىر ئوت بولىدۇ. ھەم ئىسلام دۇنياسىنىڭ، ھەم تۈرك دۇنياسىنىڭ كېلەچىكى، بىرلىكى ۋە باراۋەرلىكى تۈركىيەگە باغلىق. شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيە بىرلىك، كۈچلۈك ۋە رايون خاراكتېرلىك لىدەر دۆلەت بولۇشقا مەجبۇر. تۈركىيە دۇنيادىكى 10 چوڭ ئىقتىسادى دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇش ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە قارارلارنى قوللاش ياكى رەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان بىر دۆلەت بولۇشى كېرەك. ئەگەر بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيە ب د ت دا رەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان دۆلەت بولسا ئىدى، مىسىردا، سۈرىيەدە، ئىراقتا، ئافغانىستاندا، شەرقىي تۈركىستاندا قەتلىئاملار يۈز بەرمەيتتى. خىتاي ئۇيغۇرلارنى قەتلىئام قىلالمايتتى. رۇسىيە كاۋكازلاردا، بالقانلاردا قەتلىئام قىلالمايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىرلىك بولۇش، باراۋەر بولۇشقا مەجبۇرمىز. ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى بىزنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىمىز تۈركىيەدىكى 75 مىليون تۈرك بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، باشتا ئوسمانلى جۇغراپىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن تۈرك-ئىسلام جۇغراپىيىسىدىكى ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى مەزلۇم مىللەتلەرنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئۆزىمىزدە ھېس قىلىشىمىز كېرەك.

پۈتۈن دۇنيادىكى تۈركلەرنى ۋە تۈرك جۇغراپىيىسىنى بىرلەشتۈرۈپ چوڭ بىر تۇران دۆلىتى قۇرۇشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى تۈرك دۇنياسى مەسىلىلىرىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى ئۇيغۇرلارغا ئەڭ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان بىر پارتىيە بولۇپ، بۇ پارتىيىنىڭ رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىش، خىتاينىڭ زۇلۇمىنى توختىتىش توغرىسىدا ئارقا-ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ كەلدى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىشكە چاقىرىق قىلدى.

بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى، خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى دىپلومات ئەمەلدارلىرى بىلەن بىر قانچە قېتىم مۇنازىرىلىشىپ، ئۇيغۇرلارغا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك بېرىشنى تەلەپ قىلدى ۋە 2009-يىلى يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە چېتىلىپ تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى دېڭىزلى شۆبىسى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇردى

18-ئاۋغۇست شەنبە كۈنى تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ دېڭىزلى شۆبىسى تەرىپىدىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلدى ۋە مىسىردىكى ۋەقەلەر شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى دېڭىزلى شەھەرلىك شۆبە تەشكىلاتى، مىسىردا ھەربىي ئۆزگىرىش قىلغان ئەسكەرلەرنىڭ، رابىئەتۇل ئەدۋىيە ۋە نەھدى مەيدانلىرىدا مۇھەممەد مۇرسى تەرەپدارلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان قەتلىئامغا نارازىلىق بىلدۈردى. بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى دېڭىزلى شۆبە رەئىسى سۇلايمان ئۇرۇچ ئەپەندى، سۆزىدە ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئېلىپ، قىزىل خىتاينىڭ زۇلۇمى ئاستىدا ئىڭراۋاتقان مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار پەقەت تۈرك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئىگە چىقمىغانلار زالىمنىڭ يېنىدا ئورۇن ئالغان ۋە زۇلۇمنى قوللىغان بولىدۇ دېدى.

دېڭىزلى خەۋەر گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى دېڭىزلى شۆبە رەئىسى سۇلايمان ئۇرۇچ، ئىسلام دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: سەلتەنىتىڭىز ئەبەدىي داۋام قىلمايدۇ، زۇلۇمغا ئۇچرىغان مەزلۇملارنىڭ دەرد-پەريادلىرى سىلەرنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدۇ. مىسىر، ئىراق، سۈرىيە، پەلەستىن، شەرقىي تۈركىستان، ئافغانىستاندا زۇلۇم بولۇۋاتىدۇ، ئەمما بۇنىڭدىن كېيىن قارشىلىق ھەر يەردە بولىدۇ. دېموكراتچى كۆرۈنۈپ مىسىردا پەقەت مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ھاكىمىيەت تۇتقانلىقى ئۈچۈن ھەربىي ئۆزگىرىش قىلغان زالىملارنى قوللىغانلارغا شۇنى خىتاب قىلىمىزكى، ھېساب سورايدىغان كۈنمۇ كېلىدۇ، قىزىل خىتاينىڭ زۇلۇمى ئاستىدا ئازاب چېكىۋاتقان مۇسۇلمان تۈركلەر پەقەت تۈرك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا ئىگە چىقمىغانلار زالىمنىڭ يېنىدا ھېسابلىنىدۇ، زۇلۇمنى قوللىغانلىق بولىدۇ. ئەگەر بۇ مەيداننى ئۆزگەرتىپ مەزلۇمنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئالمايدىغان بولسا، مۇشۇ دۇنيادىلا قەھرى-غەزەپكە ئۇچرايدۇ ياكى ئاخىرەتتە ئاللانىڭ دەرگاھىدا چوڭ بىر ئازابقا دۇچار بولىدۇ.