ئاساسىي قاتلامنى «ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش» سىياسىتى ئۇيغۇرلارنى مەۋھۇم قەپەسكە قاماشتىن باشقا نەرسە ئەمەس

0:00 / 0:00

«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» 14-مارت «ئاساسىي قاتلامدىكى ئىجتىمائىي باشقۇرۇشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى» ھەققىدە بىر خەۋەر ئېلان قىلغان. خەۋەرنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتالمىش «ئاساسىي قاتلامنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش مەركەزلىرىنى قۇرۇش» قا باشلىغان. يەنى بۇ ھەرىكەت 2024-يىلى باشلانغان بولۇپ، بۈگۈنگىچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى 16 ناھىيە ۋە شەھەرلەردە بۇ خىل مەركەزلەر قۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە «ئاساسىي قاتلامنى باشقۇرۇشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى يارىتىش» نى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ كەلگەنىدى. شۇنداقلا جەمئىيەتنى بۇ خىل شەكىلدە باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ئاتالمىش «ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق باشقۇرۇش ۋە ئورتاق بەھرىلىنىشىنى ئاساس قىلغان ئاممىۋى مۇلازىمەتنى ياخشىلاش» دەپ ئاتاپ كەلدى. ھالبۇكى، ئاساسىي قاتلاملارنى باشقۇرۇشتىكى بۇ خىل تەدبىرلەرنىڭ ئەسلىي ماھىيىتى ھەرگىزمۇ خىتاي تەشۋىق قىلغاندەك «ئاممىۋى مۇلازىمەتنى ياخشىلاش» بولماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارغا بولغان نازارەت ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان.

قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلغان «ئاساسىي قاتلامنى باشقۇرۇش مەركىزى» نىڭ ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، قانۇنىي مۇلازىمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغانلىقى تەشۋىق قىلىنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكاغا تايىنىپ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. يەنى بۇ سىستېما خىتاينىڭ «ئۆتكۈر كۆز قۇرۇلۇشى» (雪亮工程)، «چوڭ ساندان نازارەت سىستېمىسى» (大数据)، «تورلاشقان باشقۇرۇش سىستېمىسى» (网格化管理) قاتارلىقلارنى ئۆز ئارا باغلاپ، ئىنسانلارنى ئومۇميۈزلۈك نازارەت ئاستىدا باشقۇرىدىغان ئۇسلۇبتۇر. دېمەك، خەۋەرنىڭ ماھىيىتىدىن قارىغاندا، بۇ ئۇسلۇب نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۈستىدە سىناق قىلىنىۋاتقانلىقى ئېھتىمالغا تولىمۇ يېقىن.

بۇنداق بىر ئۇسلۇبتا جەمئىيەتنى باشقۇرۇش، ئۇچۇر تېخنىكىسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان بولۇپ، يەرلىك خەلقنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىنىدۇ. ھەتتا چىراي تونۇش تېخنىكىسى، سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىش ۋە جەمئىيەتتىكى ئىشەنچلىك دەرىجىسى ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ. ھەتتا شەخسلەرنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرى، ئىجتىمائىي ئالاقە تورى، شۇنداقلا ئىدىيەسىنى ھەرۋاقىت تەقىب قىلالايدۇ. بۇنداق بىر سىستېما ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسىي ھاياتىدا ھېچقانداق مەخپىيەتلىكنى قالدۇرماسلىق بىلەن ئۇلارنىڭ ئىنسانلىق ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مىللىي مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى خالىغانچە باستۇرۇش شارائىتىنى ھازىرلايدۇ.

خىتاي يەنە بۇ خىل سىستېمىنى جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىپ، ئاممىغا ياردەم قىلىش دەپ تەشۋىق قىلسىمۇ، بۇنىڭ ماھىيىتى يەنىلا «گەپ قىلساڭ تىلىڭنى كېسىمەن، قارىساڭ كۆزۈڭنى ئويىمەن» شەكلىدە ئەمەلىيلىشىدۇ. مىسالغا ئالساق، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ھوقۇقلىرى، دىنىي بايراملىرىنى خالىغان شەكىلدە تەبرىكلەش، مال-مۈلۈك ماجىرالىرى ياكى جەمئىيەتتە كەمسىتىلىشكە ئۇچراش قاتارلىق مەسىلىلەردە ھېچقانداق ياردەمگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئەكسىچە، ئاتالمىش «ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش مەركىزى» مەسىلىنى ھەل قىلغۇچى ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇش رولىنى ئوينىشى مۇمكىن. چۈنكى بۇ ئورگانلار پۈتۈنلەي ج خ ئورگانلىرى، ھۆكۈمەت مەمۇرلىرى ۋە ئەدلىيە سىستېمىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلەيدىغان بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ دىتىغا ياقمايدىغان ھەرقانداق تەلەپلەر بۇ مەركەز تەرىپىدىن «ئەسەبىي ئىدىيە» ياكى «بىخەتەرلىك تەھدىتى» سۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلىنىشى ؛ شۇنداقلا بۇ خىل ئەھۋال ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ ئېغىر بولغان سىياسىي بېسىملارنى پەيدا قىلىشى، ھەتتا لاگېرلارغا قامىلىش قاتارلىق قىسمەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

خىتاي ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە «مۇقىملىقنى ساقلاش» نامىدا ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان قاتتىق باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىپ كەلدى. ئەمدى بولسا «ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش مەركىزى» نامىدا يۇقىرى پەن-تېخنىكىغا تايىنىپ، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى نازارەت ۋە كونتروللۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. بۇ مەركەزلەر خەلقنىڭ نارازىلىقلىرىنى ئاتالمىش «كېلىشتۈرگۈچىلەر ئارقىلىق ھەل قىلىش» نى تەشۋىق قىلسىمۇ، لېكىن بۇ كېلىشتۈرگۈچىلەرنىڭ ۋەزىپىسى «مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش» نى پىرىنسىپ قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىرىنى قوغدىشىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ. ئەكسىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانلىق ھەقلىرىمۇ ئاتالمىش مۇقىملىقنىڭ كۈشەندىسى دەپ قارىلىپ، دەپسەندە قىلىنىشى، باستۇرۇلۇشى مۇمكىن. بۇنداق بىر شارائىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش ئىمكانلىرى تېخىمۇ تارىيىپ، سەللا دىققەت قىلمىسا، «قانۇنغا تايىنىپ باشقۇرۇش» نامىدىكى ئېغىر پاراكەندىچىلىكلەرگە دۇچ كېلىشىمۇ مۇمكىن.

دەرۋەقە، بۇ خىل مەركەزلەرنىڭ قۇرۇلۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقى تەبىئىي. بۇنداق بولۇشىنى بۇ خىل سىستېمىنىڭ خاراكتېرى بەلگىلىگەن بولۇپ، ئۇ تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىلار گەۋدىلىنىدۇ.

بىرىنچىدىن، بۇ مەركەزلەر ئۇچۇر سۇپىسىغا تايىنىپ خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، شەخسنىڭ ھاياتى، ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى، ئىنتېرنېت ئالاقىسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت سىستېمىغا كىرگۈزىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش «ئالاھىدە توپلۇق» لار نۇقتىلىق نازارەت نىشانى قىلىنىپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئادەتتىكى گەپ-سۆزلىرى، ئىش-ھەرىكەتلىرى ھەتتا سىرتقا چىقىشىمۇ بۇ مەركەزلەر تەرىپىدىن گۇمانلىق دەپ قارىلىشى ۋە بىر تەرەپ قىلىش كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلۈشى مۇمكىن.

ئىككىنچىدىن، خىتايلار ئۈچۈن ئادەتتىكى ئىشلار دەپ قارىلىدىغان ئائىلىۋى جەم بولۇشلار، ئۇيغۇرچە پاراڭلىشىشلار، چېگرا سىرتىدىكى تور سۇپىلىرىنى قوللىنىشلار، ھەتتا چەت ئەلدىكى ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى، دوستلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشلارمۇ بۇ مەركەزلەر تەرىپىدىن «گۇمانلىق ھەرىكەت» لەر سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنىشى مۇمكىن.

ئۈچىنچىدىن، بۇ مەركەز ج خ ئىدارىسى، قوراللىق ساقچى ۋە تۈرمە بىلەن ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىچىككىنە قارشىلىقلىرىمۇ بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ھەرىكەتكە كېلىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. بىر قانچە يىل بۇرۇن ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش بولغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. بۇ مەركەزلەرنىڭ قۇرۇلۇشىمۇ ئەمەلىيەتتە ئەنە شۇنداق چوڭ تۇتقۇننى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان دېسەك تامامەن بولىدۇ.

تۆتىنچىدىن، يۇقىرىقىلاردىن سىرت ئۇيغۇرلار ئىزچىل يوسۇندا ئىشەنچلىك ياكى گۇمانلىق تۈرلەرگە ئايرىلىش قىسمىتىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، بۇ مەركەزلەرنىڭ قۇرۇلۇشى، «گۇمانلىق ئۇيغۇر» لارنىڭ سانىنى تېخىمۇ كۆپەيتىشى ۋە ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ بېسىملارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ «گۇمانلىق ئۇيغۇر» تامغىسى بېسىلغانلارنىڭ سىرتلارغا ئەركىن-ئازادە چىقىشى، خىزمەت تېپىشى، بالىلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىشى، ھەتتا ئىجتىمائىي ئالاقىسىدىمۇ زور قىيىنچىلىقلار كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

قىسقىسى، «ئاساسىي قاتلاملارنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش مەركەزلىرى» نىڭ قۇرۇلۇشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خەۋپنىڭ كۆپىيىشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھاياتىنى تۈرلۈك قورقۇنچ ۋە بىسەرەمجانلىققا ئىتتىرىشى ئېنىق. تېخىمۇ مۇھىمى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئاستىدا زۇلۇم چېكىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ، تېخىمۇ كۆپ ئادالەتسىزلىكلەرگە ئۇچراش خەۋپىنى ئېغىرلىتىشى تەبىئىي. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، نۆۋەتتە خىتاي پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى مەۋھۇم شەكىلدە ئېلىپ بارىدىغان يوچۇقلارنى ئىزدەشكە تىرىشماقتا. ئاتالمىش «ئاساسىي قاتلامنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش مەركەزلىرى» خىتاي ئېيتقاندەك، «ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان مەركەزلەر» ئەمەس، بەلكى دەل خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى يوشۇرۇن شەكىلدە ئېلىپ بېرىشنىڭ بىر يولى، ئېنىقراقى، مەۋھۇم قەپەسكە قاماپ باشقۇرۇشنىڭ ۋاسىتىسى، خالاس.

[ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]