يەتتەسۇ بىر كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر سەنئەتكارى. ئۇ 2019-يىلى دېكابىردىن باشلاپ، ئۆز سەنئىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئوچۇق-ئاشكارا تەشەببۇس قىلدى. ئۇ يەنە، خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەھشىيلىكلەر، بولۇپمۇ جازا لاگېرلىرى ۋە خىتاي ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن بارغانسېرى ئەشەددىي ۋە مۇستەبىت رەۋىشتە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلەرنى كىشىلەرگە تونۇشتۇردى.
يەتتەسۇ، خىتاينىڭ ۋەھشىيلىكىگە قارشى تۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن قەلەمنى قولىغا ئېلىپ، پلاكات، كارتون ۋە سىن قاتارلىق بەدىئىي ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلدى ھەم شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس بەلكى خوڭكوڭ ۋە تىبەت خەلقىنىمۇ قوللىدى.
يەتتەسۇ «مىڭ ئاڭلىغاندىن، بىر كۆرگەن ئەلا» دېگەندەك كۆرۈنۈشلۈك ئالاقە قىلىشنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ زور بولىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ. ئۇ سەنئەت ئارقىلىق كىشىلەرگە كۈچ-قۇۋۋەت ۋە ئۈمىدنى بېغىشلاشقا تىرىشىدۇ. ئۇ ھەم سەنئەت ئوخشىمىغان مىللەتلەر ۋە جەمئىي'يەتلەردە مەۋجۇت ئىدېولوگىيەلىك پەرقلەرنى ئازايتىدۇ، دەپ قارايدۇ.
يەتتەسۇ يەنە تەجرىبىلىك سەنئەتكار ۋە ئىجادىيەتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەركىن ئاسىيا راديوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ھەر ساھەدىكى ئاڭلىغۇچىلىرى ۋە ئوقۇرمەنلىرىنى جەلپ قىلغۇدەك مول مەزمۇنلۇق بەدىئىي ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.