خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدىكى 630 يېزا-قىشلاقنىڭ نامىنى ئۆزگەرتكەن

«كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» ۋە نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇريار» فوندى بىرلىكتە تەييارلىغان بۇ دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2009-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر دىيارىدىكى يېزا-قىشلاقلارغا خاس بولغان 3600 يەر نامى ئۆزگەرتىلگەن ياكى قايتا بېكىتىلگەن. بۇلاردىن 630 يېزا-قىشلاقنىڭ ناملىرىدىكى «سەزگۈر» تەركىبلەر، جۈملىدىن «خوجا»، «خانىقا»، «سۇلتان»، «مەسچىت»، «بەگ»، «مازار»، «ئوردا» دېگەندەك ناملار بىردەك «زامانىۋى ئاتالغۇ» لارغا ئالماشتۇرۇلغان. بۇنىڭ بىلەن «قىزىل يۇلتۇز»، «قىزىل بايراق»، «بەخت»، «دوستلۇق» دېگەندەك سىياسىي مەنىگە ئىگە يېڭى ناملار بارلىققا كەلگەن.