مۇتەخەسسىسلەر: «ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بازىسى لوپنۇردىكى يادرو سىناق بازىسىغا ئوخشاپ كېتىدۇ»

0:00 / 0:00

يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاينىڭ ئاساسلىق ۋە ئەڭ چوڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى باشلىغانلىقىنى ۋە بۇ قۇرۇلۇش ئۈچۈن دەسلەپكى قەدەمدە 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش بازىسىنى قۇرۇشى، لوپنۇردىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلغانغا ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. يەنە ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تۈر ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 11-مارتتىكى مەخسۇس خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاينىڭ ئاساسلىق ۋە ئەڭ چوڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى باشلىغان. مەزكۇر خەۋەردە، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق 6-دوختۇرخانىسىنىڭ دۆلەتلىك ئاساسلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش بازىسى تۈرىگە دەسلەپكى قەدەمدە 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ھېنرىك شاجىۋسكى (Henryk Szadziewski) ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرۇلماقچى بولغان ئەڭ چوڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش بازىسى ھەققىدە كۆز قارشىنى شەرھلەپ مۇنداق دېدى:

ئەلۋەتتە ھۆكۈمەت بۇ تەرەققىياتنى، يەنى بۇ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش بازىسىنى خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىدۇ دەپ سۆزلەۋاتىدۇ. مېنىڭچە، بۇ ھەرىكەتنىڭ نېمىگە چېتىلىدىغانلىقى خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن تونۇشلۇق بىر ئىش. بىر قىسىم قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا بولۇشى كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ. بۇ بازىنىڭ قۇرۇلۇشى خۇددى لوپنۇردىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلىش بازىسىغا ئوخشايدۇ. بۇنى خىتاي نوپۇسى زىچ ئولتۇراقلاشقان جايدا قىلغىلى بولمايدۇ. ئەگەر بۇنداق قىلسا خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقىنىڭ قاتتىق قارشىلىقى ۋە غەزىپىگە دۇچ كېلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار ئۇيغۇرلار كۆپ جاينى تاللىغان. بۇ بازىنى ئۇيغۇر رايونىغا قۇرۇش خىتاي ھۆكۈمىتىگە سىياسىي جەھەتتىن بىخەتەر ھېسابلىنىدۇ».

لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرۇلماقچى بولغان «يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش بازىسى» نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە داۋام قىلىۋاتقان كىلىنىكىلىق سىناق بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى تىلغا ئالدى. 2018-يىلى 3-ئايدا تۇتقۇن قىلىنىپ ئۈرۈمچىدىكى بىر لاگېرغا قامالغان زۇمرەت داۋۇتنىڭ قەيت قىلىشىچە، لاگېردا تۇتقۇنلارنىڭ ھەممىسىگە ھەر 24 سائەتتە بىر قېتىم دورا بېرىلىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «لاگېردا بېرىلگەن دورا ۋە ئوكۇللارنىڭ تەسىرىدە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىم بەك ناچارلاشتى، ھەيزىم كەلمەيدىغان ۋە سۈيدۈكۈمنى تۇتالمايدىغان بولۇپ قالدىم».

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ گېن ئۇچۇرلىرىنى مەجبۇرىي يىغىپ، ئۇنى خالىغانچە ئىشلىتىش مەسىلىسى خەلقئارانىڭ ئەيىبلەشلىرىگە ئۇچرىغانىدى. يېقىنقى يىللاردا چەت ئەل شىركەتلىرى ۋە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى باشقا يەرلىك مىللەتلەر ئۈستىدىن كىلىنىكىلىق سىناق، توقۇلما ھۈجەيرىسى ۋە DNA تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىشى بۇ خىل ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ ئىلمىي ئەخلاق ئۆلچەملىرىگە بولغان ئەندىشىنى پەيدا قىلغانىدى. ئاۋسترالىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ توقۇلما ھۈجەيرىسى ۋە DNA سى ئۈستىدىن تەتقىقات ئېلىپ بارغانلىقى، بۇنىڭ 10 يىلدىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغانىدى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۇقۇملۇق كېسەل بازىسى قۇرىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋىرىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ تۈر تاماملانغاندىن كېيىن، چوڭ تىپتىكى يۇقۇملۇق كېسەللىك يۈز بەرگەندە، جىددىي ۋە ئېغىر كېسەللەرنى بىر يەردە توپلاپ داۋالاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ. ئۇ دۆلەتنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، يۇقۇم ئەھۋالى جىددىي ۋە ئېغىر بولغان كېسەللەرنى باشقا رايونلاردىن بۇ يەرگە تېزلىكتە يۆتكىيەلەيدۇ».

ھالبۇكى، ئامېرىكىدىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ (Gordon G. Chang) يۇقىرىدىكى بايانلارغا رەددىيە بېرىپ، قۇرۇلماقچى بولغان بۇ بازىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دەپ ئاتىلىدىغان يەردە «دۆلەتنىڭ ئاساسلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش بازىسى» نى قۇرۇشى گۇمانلىق. بىز دائىرىلەرنىڭ ئۇ رايوندىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈرك ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ DNA سىنى زورلۇق بىلەن يىغقانلىقىنى بىلىمىز. يېڭى ئەسلىھەدىن پايدىلىنىپ بۇ خەلقلەر ئۈستىدە ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ئالماي تۇرۇپ تەجرىبە ئېلىپ بارىدىغانلىقى ئېنىق. خىتاي شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، شۈبھىسىزكى، بۇ پىلانلانغان ئەسلىھە بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ».

مەزكۇر بازىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭغا تەسىر قىلىدىغان ئامىللار ھەققىدە سۆز بولغاندا، ئامېرىكادا ياشايدىغان دوختۇر مەمەت ئىمىن ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «تەننەرخىنىڭ تۆۋەن بولۇشى (يەنى تۇر ئۈچۈن كېتىدىغان چىقىم) ۋە ئىقتىسادى ئۈنۈمىنىڭ بەك يۇقىرى بولۇشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش بازىسىنى قۇرۇشنى پىلانلىغان. بۇ ئاساسلىقى خىتايلارغا پايدا-مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇيغۇرلار كۆپ بەدەل تۆلەيدۇ. كوۋىدتەك ۋابا تارقالغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن خىتاي كېسەللەرنى ئۇيغۇر ئېلىگە ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن».

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ 2016-يىللىق دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1964-يىلىدىن 1996-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا لوپنۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان ئاتوم سىناقلىرىنىڭ تۇپراق سۈپىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇشى بىلەن بىرگە يەرلىك خەلقنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكى، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ راك كېسىلىگە ئوخشاش ئېغىر كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ ئاشقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.