ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تۈركىيەدىكى تۆھپىكار قوللىغۇچىسى ياقۇپ ئۆمەرئوغلۇ ئالەمدىن ئۆتتى

0:00 / 0:00

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تۈرك دۇنياسى ئەدەبىياتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان، ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تۆھپىكار قوللىغۇچىسى، يازغۇچى ياقۇپ ئۆمەرئوغلۇ 8-ئاينىڭ 16-كۈنى ئەتىگەندە ئەنقەرەدە ئالەمدىن ئۆتتى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى، دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆز تەزىيەلىرىنى بىلدۈردى.

د ئۇ ق ۋەخپىسىنىڭ باياناتىدا مەرھۇم دوكتور ياقۇپ ئۆمەرئوغلۇ ئەپەندىنىڭ 30 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كەلگەن كىشى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ۋاپاتىنىڭ تۈرك دۇنياسى ئەدەبىياتى، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈنمۇ چوڭ يوقىتىش بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئەنقەرە ھاجى بايرام ۋەلى مەسچىتى جىنازا نامىزى، 2024-يىلى 17-ئاۋغۇست، ئەنقەرە
ئەنقەرە ھاجى بايرام ۋەلى مەسچىتى جىنازا نامىزى، 2024-يىلى 17-ئاۋغۇست، ئەنقەرە (RFA/Erkin Tarim)

دۇنيا ئۇيغۇر ئەدەبىياتچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ 16-ئاۋغۇستتا ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «59 ياشتا ئالەمدىن ئۆتكەن ياقۇپ ئۆمەرئوغلۇ ئەپەندىنىڭ ۋاپاتىغا ئىنتايىن قايغۇردۇق. ئاللاھتىن ئۇنىڭغا جەننەت تىلەيمىز. مەرھۇمنىڭ تۈرك دۇنياسى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، ئۇنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.»

ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكى 2006-يىلى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە قۇرۇلغان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى تۈركىي مىللەتلەردىن بولغان يازغۇچى ۋە شائىرلار ئەزا بولغان چوڭ تەشكىلاتتۇر. ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا «بەنگۈ نەشرىياتى»، «قېرىنداش قەلەملەر» ۋە «تىل تەتقىقاتى» نامىدىكى ژۇرناللار بار بولۇپ، ئۇلار تۈركىي مىللەتلەردىن بولغان يازغۇچى ۋە شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تاللاپ تۈركچىگە تەرجىمە قىلدۇرۇپ، نەشر قىلماقتا.

ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكى 2020-يىلىدىن كېيىن نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر شائىر مۇتەللىپ سەيدۇللانىڭ «سوغۇق ساھىللار» قاتارلىق 3 پارچە شېئىرلار توپلىمىنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلدۇرۇپ نەشر قىلدۇرغان ئىدى. مۇتەللىپ سەيدۇللا ئەپەندى ياقۇپ ئۆمەرئوغلۇنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ياقۇپ ئۆمەرئوغلۇنىڭ ۋاپاتى تۈرك دۇنياسى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭمۇ كۆڭلىنى يېرىم قىلدى. مېنىڭمۇ كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولدى. مەن ياقۇپ ئۆمەرئوغلۇ بىلەن 2017-يىلى تونۇشقان ئىدىم. مەن كۆپ شېئىرلىرىمنى تەرجىمە قىلىپ يوللىسسام، ‹قېرىنداش قەلەملەر› ناملىق ژۇرنىلىدا ئېلان قىلدى. كېيىن مەن بىر قانچە قېتىم ئەنقەرەگە بېرىپ ئۆزى بىلەن كۆرۈشتۈم. مېنىڭ ‹دېڭىزنىڭ ئېيتقانلىرى›، ‹سوغۇق ساھىللار› ۋە ‹ئايرىلىش مەرسىيەسى› ناملىق 3 پارچە شېئىرلار توپلىمىمنى نەشىر قىلدى. يەنە بىر كىتابىمنى يېقىندا نەشر قىلماقچى ئىدى. »

قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدىكى تۈركىيە-قىرغىزىستان ئورتاق قۇرغان ماناس ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان كەمال بوزوق ئەپەندى، ياقۇپ ئۆمەرئوغلۇنىڭ يېرىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان بىر كىشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ياقۇپ ئۆمەرئوغلۇ ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان تۈرك زىيالىيسىدۇر. ئۇنىڭ باشقا زىيالىيلاردىن پەرقى شۇكى، ئۇ ئۆز چۈشەنچىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن بىر كىشىدۇر. ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا چىقارغان ئەسەرلىرى بۇنىڭ دەلىلىدۇر. ئۇ ھاياتىنى تۈرك دۇنياسىغا ئاتىغان ئىدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە خىزمەت قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۇنى ياخشى بىلىمەن. ئۇ باشقا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماستىن، مۇستەملىكە ئاستىدىكى تۈركىي خەلقلەرگىمۇ كۆڭۈل بۆلەتتى. شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدىمۇ كۆپ ساندا كىتاب نەشر قىلدۇردى. زوردۇن سابىرنىڭ ‹ئانا يۇرت› رومانى، خېۋىر تۆمۈرنىڭ ‹بالدۇر ئويغانغان ئادەم›، ئابدۇلئەھەت ئابدۇرېشىت بەرقىنىڭ ‹ئابدۇلخالىق ئۇيغۇر› رومانى، زىيا سەمەدىنىڭ ‹ئىپارخان› ناملىق تىياتىرى، ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ ‹ئىدىقۇت› رومانى، راھىلە كامالنىڭ ‹لەيلانىڭ ئۈچ شېئىرى› ناملىق شېئىرلار توپلىمى، نۇرئەخمەت قۇربان يازغان ‹مۇھەممەد سالىھ داموللام› ناملىق كىتابلار ياقۇپ ئۆمەرئوغلۇنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىندى. بۇلاردىن سىرت كۆپ ساندا رادىيو ۋە تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرى ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ئاڭلاتتى.»

سولدىن مۇتەللىپ سەيدۇللا، ياقۇپ ئۆمەرئوغلۇ ۋە ئابدۇرەشىت ئابدۇلخەمىت
سولدىن مۇتەللىپ سەيدۇللا، ياقۇپ ئۆمەرئوغلۇ ۋە ئابدۇرەشىت ئابدۇلخەمىت (RFA/Erkin Tarim)

ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكى بۈگۈنگىچە شەرقىي تۈركىستان ۋە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە شائىرلىرىنىڭ كۆپلىگەن رومان ۋە شېئىرلىرىنى تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ، نەشر قىلدۇردى. مۇتەللىپ سەيدۇللا ئەپەندى، ياقۇپ ئۆمەرئوغلۇنىڭ ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىياتى، تارىخى ۋە فولكلورى توغرىسىدا 13 كىتاب ۋە كۆپ ساندا ماقالە، شېئىر نەشر قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قوشقان تۆھپىسىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

مەرھۇم ياقۇپ ئۆمەرئوغلۇ 2006-يىلى ئەنقەرەدە ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكى قۇرۇلغاندىن تارتىپ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە. ئۇ، 2008-يىلىدىن تارتىپ خەلقئارالىق «مەھمۇد قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى» مۇكاپاتىنى تەسىس قىلغان ئىدى. بۇ مۇسابىقە ئۇيغۇر ئېلىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى تۈرك دۇنياسىغا ئاڭلىتىشتا مۇھىم رول ئوينىماقتا ئىدى. «خەلقئارالىق مەھمۇد قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى» نىڭ تۇنجى قېتىملىقىدا تۈركىيەدىن ئاسۇمان گۈزەلجە خانىم 1964-يىلى تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىگە يەرلەشتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈش سەرگۈزەشتلىرى تەسۋىرلەنگەن «كۆچ» ناملىق ھېكايىسى بىلەن بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىدى. بۇ مۇكاپاتنىڭ 7-قېتىملىقى ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى، ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكىنىڭ ‹قېرىنداش قەلەملەر› ژۇرنىلىنىڭ تۈرك دۇنياسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ژۇرنال ئىكەنلىكىنى، مەزكۇر ژۇرنالدا ئۇيغۇر شائىر ۋە يازغۇچىلىرىنىڭ كۆپلىگەن ئەسەرلىرىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى، ياقۇپ ئۆمەرئوغلۇنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قوشقان تۆھپىسىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ياقۇپ ئۆمەرئوغلۇ 1966-يىلى چانقىرى ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى چارۋا دوختۇرلۇق كەسپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۆزى پۈتتۈرگەن مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالغان. ئۇ، گەرچە چارۋا دوختۇرلۇق كەسپىنى پۈتتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەدەبىياتقا بولغان كۈچلۈك قىزىقىشى سەۋەبلىك كېيىنكى ۋاقىتلاردا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەدەبىياتى، تارىخى، مەدەنىيىتى ھەققىدە كۆپلىگەن پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان ئىدى.