يېقىندا «ياپونىيە خەۋەرلىرى» تورىدا «شى جىنپىڭنىڭ ھاكىمىيەت باشقۇرۇشى بېيدەيخېدا مەركەزدىكى ئاقساقاللارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى» ناملىق بىر ماقالىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم ھىندىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان «20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى» غا قاتناشمايدىغان بولغانلىقىنىڭ سەۋەبى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى سىياسىي داۋالغۇشلار ئانالىز قىلىنغان.
9-ئاينىڭ 4-كۈنى چىققان خەۋەرلەرگە كۆرە، شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم «20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى» غا ئۆزى بارماي، باش مىنىستىر لى چياڭنى ئەۋەتىشى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئىكەن. بۇنىڭ ئالدىدا، بۇ يىل يازدا ئۆتكۈزۈلگەن «بېيدەيخې يىغىنى» دا شى جىنپىڭ پېشقەدەم خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان.
«بېيدەيخې يىغىنى» خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ يازلىق ساياھەت كۈنلىرىدە، دېڭىز بويىدىكى بېيدەيخې ئارامگاھىدا جەم بولۇپ، دۆلەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىدىغان يىغىنى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇ يەردە دېيىلگەن گەپلەرنى مۇتلەق مەخپىي تۇتۇپ كەلسىمۇ، مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندە ئۇنىڭ ئىس-بۇسى چىقىشقا باشلايدىكەن.
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىملىق مەخپىي يىغىندىكى كەيپىيات شى جىنپىڭ تەختكە چىققان 2012-يىلدىن بۇيان ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن 10 قېتىملىق يىغىنغا ئوخشىمايدىكەن. بۇ يىغىندا، «جياڭ زېمىن گۇرۇھى» نىڭ غوللۇق ئادىمى زېڭ چىڭخۇڭ شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى خاتا يولغا باشلاپ، ئىقتىسادتا ئېغىر چېكىنىش پەيدا قىلغانلىقىنى قاتتىق تەنقىدلىگەن. يىغىندىن كېيىن شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىغا كۆڭلىنىڭ قاتتىق ئازار يېگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بۇ يىل 84 ياشقا كىرگەن زىڭ چىڭخۇڭ جياڭ زېمىن دەۋرىدە تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن شەخس بولۇپ، جياڭ زېمىننىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى ۋە ئەقىلدارى دەپ تونۇلغان. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا شى جىنپىڭنى بىر قوللۇق ئۆستۈرۈپ مەركەزگە ئېلىپ كىرىپ، ھوقۇقنىڭ بېشىغا چىقىرىشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان ئادەم بولۇپ، جياڭ زېمىن ئۆتكەن يىل 11-ئايدا 96 يېشىدا ئۆلگەندىن كېيىن، «جياڭ زېمىن گۇرۇھى» نىڭ رەھبىرى بولۇپ قالغان. خىتاينىڭ ھوقۇق سەھنىسىدە ئۇنىڭ ھازىرمۇ نوپۇزى ۋە تەسىرى كۈچلۈك ئىكەن.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، شى جىنپىڭ ھەر قېتىملىق بېيدەيخې يىغىنىدا مەركەزدىكى ئاقساقاللارنىڭ تەنقىدىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن. بۇ قېتىم ئۇ زېڭ چىڭخۇڭ قاتارلىقلاردىن قاتتىق تەنقىد ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۆز يېقىنلىرىغا دەرد تۆكۈپ: «ئالدىنقى رەھبەرلەردىن قالغان مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى ماڭا ئارتىلىپ قالدى. ئون يىلدىن بۇيان مەن مۇشۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تىرىشىپ كەلدىم، تېخى ھەل قىلىپ بولالمىدىم، بۇنىڭدا قانداقمۇ مېنىڭ جاۋابكارلىقىم بولسۇن؟» دېگەن. ئۇنىڭ بۇ شىكايەتلىرىنى ئاڭلىغان يېقىن ئادىمى، باش مىنىستىر لى چىياڭ ھەيران قالغان.
«بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى، يازغۇچى خۇ پىڭ ئامېرىكادا تۇرۇپ، خىتاي ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان سىياسىي ئوبزورچى بولۇپ، ئۇ شى جىنپىڭنىڭ بېيدەيخېدا تەنقىدكە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ راستلىقىغا بولغان گۇمانىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مەنچە، بۇ خەۋەر ئانچە ئىشەنچلىك ئەمەس، چۈنكى بېيدەيخې يىغىنى ئاللىقاچان توختىدى. ئىلگىرى مۇشۇنداق رەسمىي بولمىغان بىر يىغىن ئېچىلاتتى، كوممۇنىست خىتاي ئاقساقاللىرى بېيدەيخېدا ئارام ئالغاچ دۆلەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلاتتى. كېيىن بۇ يىغىننى ئېچىشمۇ تەسلىشىپ كەتتى، ئاقساقاللارنىڭ پىكىر بايان قىلىشىمۇ زور چەكلىمىگە ئۇچرىدى. بۇنىڭدىكى سەۋەب، شى جىنپىڭ ئۇ ئاقساقاللارنىڭ بېسىمىغا ئۇچراشتىن ئەندىشە قىلدى. ئاقساقاللار شى جىنپىڭدىن ئەلۋەتتە نارازى، ئەمما شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ بىر يەرگە كېلىپ، دۆلەت ئىشلىرىنى مەسلىھەتلىشىشىگە يول قويمىغاچقا، ئۇلار ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلالمايدۇ. شى جىنپىڭنىڭ يېقىنلىرى ۋە ئاقساقاللار شى جىنپىڭنىڭ قىلمىشلىرىدىن نارازى بولسىمۇ، ئۇنىڭغا بىر نەرسە دېيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، شى جىنپىڭ مۇستەبىتلىشىپ كېتىۋېرىدۇ. مانا بۇ دەل مۇستەبىت تۈزۈمنىڭ ئالاھىدىلىكىدۇر».
خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ھاكىمىيەت قاتلىمىدا شى جىنپىڭدىن نارازى بولۇۋاتقانلار كۆپ، قېرى رەھبەرلەرمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، ئەمما ھەممىسى بىرلىشىپ ئاشكارا ئاۋاز چىقارمايدۇ، خەلق رايىنى قوزغاپ شى جىنپىڭغا بېسىم قىلالمايدۇ، مۇستەبىت ھاكىمىيەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى چەكلەنگەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «يەنە بىر جەھەتتىن، شۇنىڭغا ئىشىنىشكە بولىدۇكى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىچىدىكىلەر، جۈملىدىن ئاشۇ قېرى كوممۇنىستلار شى جىنپىڭنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىدىن رازى ئەمەس. چۈنكى ئۇ ھەممە ئىشنى بۇزدى. شۇغىنىسى ئۇلار بىر يەرگە كېلىپ شى جىنپىڭغا بېسىم قىلالامدۇ؟ مېنىڭچە، بۇ ئاسان ئەمەس. چۈنكى قېرى رەھبەرلەرلا ئەمەس، خىتاي پۇقرالىرىمۇ ھازىر قاتتىق باشقۇرۇلۇۋاتىدۇ، بۇ ئەھۋالدا ھېچكىم ئالدىراپ سەكرەپ چىقالمايدۇ. بۇرۇن خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياۋ باۋ دەۋرىدە قېرى رەھبەرلەر ئانچە-مۇنچە گەپ قىلالايتتى، ھازىر شى جىنپىڭ ماۋ زېدۇڭغا ئوخشاش مۇستەبىتلىشىپ كەتكەچكە، قېرى رەھبەرلەرنىڭ گەپ قىلىدىغان پۇرسىتى ۋە ھوقۇقىمۇ قالمىدى».
ئامېرىكادىكى ئانالىزچى گوردون چاڭ مۇنداق دېدى:
«كۆپلىگەن خىتاي كۆزەتكۈچىلىرى بۇ ئىشنىڭ راستلىقىغا بولغان گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمما بىر نۇقتا ئېنىقكى، خىتاينىڭ ھاكىمىيەت قاتلىمىدا كوممۇنىست خىتاي رەھبەرلىرىگە بولغان نارازىلىق مەۋجۇت. شى جىنپىڭ نۇرغۇن ئادەمنىڭ ھوقۇقى ۋە پۇلىنى تارتىۋالدى، ھازىرقى ئالامەتلەردىن قارىغاندا، شى جىنپىڭنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىشنىڭ يولىنى ئىزدەۋاتىدۇ. خىتايدا ئەنسىز ئىشلار بەك تولا، شۇڭا بۇ ھاكىمىيەتنىمۇ ئانچە مۇقىم دېگىلى بولمايدۇ».
شى جىنپىڭ دەۋرىدىكى خىتاي ھازىر تاشقى مۇناسىۋەتتە سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقان، ئىقتىسادى چېكىنىۋاتقان بولۇپ، چەت ئەلنىڭ خىتايغا سالىدىغان مەبلىغىمۇ جىددىي ئازلاشقا باشلىغان. ماقالىدە تەھلىل قىلىنىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ «20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى» غا قاتناشماسلىقىدىكى سەۋەب، بۇ يىغىندا باشقا دۆلەتلەرنىڭ خىتاي ئىقتىسادى ھەققىدىكى تەنقىدلىرى ۋە سوئاللىرىغا ئۇچراپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بولسا، يەنە بىر جەھەتتىن، ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجە يارىتالمىغانلىقى ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ئامېرىكانىڭ تەلەپلىرىگە كۆنمىگەن شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىل 11-ئايدا سان-فرانسېسكودا ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئاسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇنبىرى» يىغىنىغىمۇ قاتناشماسلىق ئېھتىمالى بار ئىكەن. ئەگەر قاتناشماي قالسا، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ خەتەرلىك سىگنال بېرىدىكەن.