ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ سۈنئى ئەقىل ۋە ئىلغار ھىسابلاش قابىلىيىتىنى چەكلەش ئۈچۈن 50 تىن ئارتۇق خىتاي شىركەتلىرىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن. ۋال سترېت جورنىلىنىڭ 25 - مارت خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى بۇ خىتاي شىركەتلىرىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خىتايغا قاراتقان چەكلىمىسىنى بايدىن ھۆكۈمىتىدىنمۇ قاتتىقىراق قويىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
ئامېرىكا سودا مىنىستېرىلىقى بۇ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە تاشقىي سىياسەت مەنپەتلىرىگە قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن قارا تىزىملىككە كىرگۇزگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ بۇ تىزىملىككە كىرگەن خىتاي شىركەتلىرىگە قىلىدىغان تېخنىكىلىق تەمىناتلارنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.
CNBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا بۇ قېتىم قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن خىتاي شىركەتلىرى ھەربىي سانائەتنى كۈچلەندۇرىدىغان ئىلغار سۈنئى ئەقىل، يۇقۇرى سۈرئەتلىك كوميوتېر ۋە يۇقرى ئىقتىدارلىق سۈنئى ئەقىل ئۆزەكلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغان ئىكەن. ئامېرىكا سودا مىنىستېرلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ تىزىملىككە كىرگەن 27 خىتاي شىركىتى خىتاينىڭ ھەربىي زامانىۋىلىشىشىنى ۋە 7 شىركىتى كۋانىت تېخنىلوگىيە قابىلىيىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن ئىكەن.
خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ خىتاي شىركەتلىرىگە قويغان ئېكسپورت چەكلىمىسىنى ئەيىپلىگەن ۋە ئامېرىكانى دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسىلىسىنى ئومۇملاشتۇرماسلىقىغا ئۈندىگەن.