ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 13-دېكابىر كۈنى «شەرقىي تۈركىستاننى ساقچىلاشتۇرۇش: ئۇيغۇر رايونىدىكى ساقچى ۋە خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنىڭ خەرىتىلەشتۈرۈلۈشى» سەرلەۋھىلىك يېڭى بىر دوكلات ئېلان قىلغانىدى.
مەزكۇر دوكلاتتا ساقچىلارنىڭ ئوخشىمىغان ۋەزىپە ۋە ئايرىم قوماندانلىق تەشكىلى بارلىقى، بەزىلىرىنىڭ يەرلىك قاتلامدا، بەزىلىرىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك قاتلاملاردا ئىكەنلىكى ۋە ھەممىسىنىڭ ئوخشاشلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قاتتىق كونتروللۇقىدا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى ئىسخېمىلاشتۇرۇلۇپ كۆرسىتىلگەن.
مەزكۇر دوكلاتنىڭ تەييارلىغۇچىسى بېن كاردۇس ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قىلىپ، ئۇيغۇر رايونى ھەققىدىكى خەۋەرلەردە ئارمىيە، ساقچى دېگەندەك ئۇقۇملارنىڭ بىر-بىرىگە ئارىلىشىپ كېتىدىغانلىقنى بىلدۈرگەنىدى.
بىز بۇ ھەقتە ئېنىقراق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئىلگىرى ئۇيغۇر رايونىدا رەسمىي «ساقچى» بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەمەت (زىيارەت قىلىنغۇچىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەخەللۇس قوللىنىلدى) ئەپەندىنى بۈگۈنكى سۆھبەت پىروگراممىمىزغا تەكلىپ قىلدۇق.
مەمەت ئەپەندى خىتاينىڭ ساقچى سىستېمىسى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقنى «دۈشمەن» قاتارىدا كۆرۈپ سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.