ئانالىزچىلار: « ‹جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى› بويىچە تۇتقۇن قىلىنغانلار شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىدىن نارازى بولغانلار»

0:00 / 0:00

خىتايدا يېڭىلانغان «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» 2023-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغاندىن بۇيان، خىتاي تاراتقۇلىرىدا بېرىلىۋاتقان تۇتقۇن قىلىنغانلار ھەققىدىكى خەۋەرلەر خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

ئالدىنقى ھەپتىدىكى خىتاينىڭ «مالىيە تورى» نىڭ خەۋىرىدە، 2016-يىلى سوت ئېچىلىپ جازا ھۆكۈمى ئېلان قىلىنغان يۈننەندىكى زى سۇ ئىسىملىك پېنسىيەگە چىققان خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ «زەربىدارلار ئەترىتى قۇرۇپ، توپىلاڭ كۆتۈرۈش ئۈچۈن، چەتئەلدىن قورال سېتىۋېلىشقا ئۇرۇنغان» لىقى ھەققىدىكى خەۋەر بېرىلىپ، ئۇنىڭ قىلمىشىنىڭ «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» دىكى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش»، «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش» ماددىلىرىغا خىلاپ ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. ھالبۇكى خىتاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 21-ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنىدىكى خەۋەرلىرىدە، «، ياپونىيەدە ئوقۇپ قايتقان خاۋ فامىلىك خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ، ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە، ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ياپونىيەدىكى خادىمى بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، خىتاي دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مەلۇم ھۆكۈمەت ئورگىنىغا خىزمەتكە كىرىپ، ئۇچۇر توپلاشقا ئۇرۇنغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقى» بىلدۈرۈلگەن.

ئامېرىكادىكى خىتاي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئانالىزچىلاردىن، بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى، ئوبزورچى خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە ئاتالمىش «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» غا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار ھەققىدىكى بۇ خىل خەۋەرلەرنىڭ كۆپەيتىلىشى، خىتاي پۇقرالىرىدا قورقۇش كەيپىياتىنى قوزغاش ئارقىلىق شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان تەدبىر دېيىشكە بولىدىكەن.

خۇ پىڭ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلار ھەققىدىكى بۇ مىساللارنى كۆتۈرۈپ چىقىشىدىكى مەقسەت، جەمئىيەتتە قورقۇنچ كەيپىياتى پەيدا قىلىش. بۇ ئارقىلىق ئۆزىگە ئوخشىمىغان ئاۋازدىكىلەرنى باستۇرۇش. چۈنكى «جاسۇسلۇق قىلدى» دېگەن قالپاقنى كىشىلەرگە خالىغانچە كىيدۈرگىلى بولىدۇ. ئۇندىن باشقا ئۇ يەنە بۇنى ئىجرا قىلىش ئۇسۇلىدا كىشىلەرنى ئۆز-ئارا پاش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە. بۇ ئەھۋال ھازىر ھەممە كىشى ئۆزىنى قوغدايدىغان، بىر بىرىدىن ئەنسىرەيدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى. بۇ خىل ئەھۋال ماۋ زېدوڭ دەۋرىدە، مەدەنىيەت ئىنقىلابىي دەۋرىدە بىزنىڭ بېشىمىزدىن ئۆتكەن ئىدى. بىز بۇنىڭ قانداق ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىمىز. مەن بۇنىڭ نەتىجىسىدە كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى نورمال مۇناسىۋەت ھالقىلىرى پۈتۈنلەي بۇزۇپ تاشلىنىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنمەكتە دەپ قارايمەن.»

خۇ پىڭنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ھازىر خىتاي دۆلىتى ئىچىدە شى جىنپىڭغا قارشى نارازىلىق كۈچەيگەن بولۇپ، بۇ قانۇن خىتاي دۆلىتى ئىچىدىكى ھۆكۈمەتكە نارازى بولغان پۇقرالاردىن باشقا يەنە شى جىنپىڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا نارازى بولۇۋاتقان خىتاينىڭ ھاكىمىيەت قاتلىمىدىكى قىسىم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىمۇ نىشان قىلغان ئىكەن.

خۇ پىڭ مۇنداق دېدى: «ھازىر شى جىنپىڭغا بولغان نارازىلىق ناھايىتى كۈچلۈك. بۇ نارازىلىق ئاۋام پۇقرالار ئارىسىدىلا كۈچلۈك بولۇپ قالماستىن، پارتىيە ئىچىدە، ھەتتا كومپارتىيەنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر ئارىسىدىمۇ ئوخشىمىغان ئاۋازلار كۆپەيمەكتە. ‹بىرلەشمە ئاگېنتلىق ئەتىگەنلىك گېزىتى› دە ئېلان قىلىنغان خوڭكوڭلۇق ليۇ مىڭچىڭنىڭ ماقالىسى بۇنىڭ تىپىك مىسالى. ليۇ مىڭچىڭ خوڭكوڭدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولغىنى ئۈچۈن ئۇ كومپارتىيەنىڭ ئادىمى دەپ قارىلىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ چەتئەل تاراتقۇسىدا بۇنداق بىر قاتتىق ئەيىبلەش خاراكتېرىدىكى ماقالىنى ئېلان قىلىشىنى بۇ جەھەتتىكى بىر سىگنال دەپ قارىساق بولىدۇ. شۇڭا بۇ قانۇن قارشى ئاۋازدىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنى نىشان قىلغان» .

خۇ پىڭ يەنە خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋىرىدە جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن خاۋ فامىلىك چەتئەلدە ئوقۇغان خىتاي ئوقۇغۇچى ۋە 2016-يىلى سوت ئېچىلىپ ئاللىقاچان جازا ھۆكۈمى ئېلان قىلىنغان يۈننەندىكى زى سۇ ئىسىملىك پېنسىيەگە چىققان خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاتالمىش «توپىلاڭ كۆتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش»، «توپىلاڭ كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئادەم توپلىدى، چەتئەلدىن قورال كىرگۈزۈشكە ئۇرۇندى» دېگەن ئەيىبلەشلەرنىڭ، خىتاينىڭ زى سۈ ئۈستىدىن ئېچىلغان ئىلگىرىكى سوت ھۆكۈمىدە يوق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. خۇ پىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە ھازىر خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ مىساللارنى «جاسۇسلۇققا قارشى قانۇن» بىلەن باغلاپ، نەقىل ئېلىشى ئىنتايىن بىمەنە ۋە قايىل قىلىش كۈچى يوق ئىكەن.

خۇ پىڭ يەنە بۇنداق ئورۇنسىز ئەيىبلەشلەردىن، ئىلگىرى خىتايدا «نۇر گېزىتى» دە ئىشلەپ پېنسىيەگە چىققان دوڭ يۈيۈ ئىسىملىك مۇخبىر دوستى نەقىل ئالدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پېنسىيەگە چىققان بۇ مۇخبىر 2022-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ، بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن، دائىرىلەر ئۇنىڭغا دەل مۇشۇ خىل ئاتالمىش «جاسۇسلۇق قىلىش» جىنايىتىنى ئارتقان ئىكەن.

خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئاتالمىش «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» قالپىقى ئاستىدا، شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىگە نارازىلىقىنى ئىپادىلەنگەن بارلىق كىشىلەرنى باستۇرۇش ئوبيېكتى قىلماقتا ئىكەن.

خۇ پىڭ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئۇلار ھازىر قانداقتۇر شۇنچە كۆپ جاسۇسلۇق قىلمىشلىرى ھەققىدىكى دېلولار يۈز بەرگەنلىكىدىن بۇ قانۇننى يولغا قويغان ئەمەس. ئەكسىچە ھازىر ئۇ بۇنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، قورقۇنچلۇق جىددىي بىر ۋەزىيەتنى پەيدا قىلماقچى. ھالبۇكى ئۇنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى بولسا، ئوخشىمىغان قاراشتىكىلەرنى باستۇرۇش، ئۆزىگە ئوخشىمىغان ئاۋازلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇجۇقتۇرۇش. ئەلۋەتتە بۇنىڭدا كومپارتىيە ھۆكۈمىتى ئىچىدىكى ئوخشىمىغان قاراشتىكىلەرنىمۇ باستۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. مېنىڭچە مانا بۇ ئۇنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى.»

نيۇ-يوركتىكى مۇستەقىل ئانالىزچى ما جۈ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن يولغا قويۇلۇۋاتقان «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىشتا، قانۇن تەرتىپلىرى بويىچە ئەمەس، بەلكى خەلق ھەرىكىتى قوزغاشتەك سىياسىي چاقىرىق بويىچە ئىش ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن.

ما جۈ، شى جىنپىڭ تەكىتلەۋاتقان، ئاتالمىش «جاسۇسلارنى بايقاشتا، خەلق كۈچىدىن پايدىلىنىپ نازارەت ۋە پاش قىلىشنى كۈچەيتىش» تەشەببۇسى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ بۇ ئەھۋالنىڭ خىتايدا 50-يىللاردىكى «يەر ئىسلاھاتى» ۋە 60-70-يىللاردىكى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدىكى «خەلق كۈرىشى» ۋەزىيىتىنى قايتا يارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭ بۇ سىياسەتنى ئىجرا قىلىشتا ئاممىنىڭ پاش قىلىشىنى، ئۆزئارا نازارەت قىلىشنى يولغا قويۇشنى تەكىتلەپتۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ كەلتۈرىدىغان ئېغىر ئاقىۋىتى، خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ھەرقانداق بىر دەۋرىدىكىدىن ئېغىر بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار تەكىتلەۋاتقان ‹ئاممىنىڭ پاش قىلىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاش› دېگىنى ئەمەلىيەتتە ‹خەلق ئۇرۇشى قوزغاش› دەپ شەرھلىسەك بولىدۇ.»

ما جۈ سۆزىنى داۋام قىلىپ يەنە مۇنداق دېدى: «ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە ‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى› مودېلى ھېچقاچان توختاپ قالغىنى يوق. ئۇ پەقەت ئوخشىمىغان دەۋرلەردە ئوخشىمىغان ھالەتتە تەكرار داۋام قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ ھالەتنى پەقەت 60-يىللاردىكى ئەھۋالغىلا تەدبىقلىساق بولمايدۇ. خىتاي كومپارتىيەسى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتى، ئەمەلىيەتتە 1951-1953-يىللاردا ئېلىپ بېرىلغان كاپىتالىستلارنى، يەر ئىگىلىرى بولغان پومېشچىك باي دېھقانلارنى قىرغىن قىلىش، 1958-يىلدىكى زىيالىيلارنى ئوڭچى، ئەكسىلئىنقىلابچى دېگەن قالپاقلار بىلەن باستۇرۇش ھەرىكىتى يېقىنقى يىللاردا قايتا داۋام قىلىۋاتىدۇ. ھالبۇكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› بولسا، ئۇ دەۋردىكىلەردىنمۇ ئېشىپ كەتتى.»

خىتايدا 2023-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئجرا قىلىنىش يولغا قويۇلغان «يېڭىلانغان جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ، بۇ يىل 4-ئاينىڭ ئاخىرى ماقۇللانغان بولۇپ، ما جۈ ئەپەندى خىتايدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» سەۋەبىدىن نۆۋەتتە خىتاي دۆلىتى ئىچىدىكى خىتاي پۇقرالىرىلا زىيانكەشلىككە ئۇچراپ قالماستىن، ھەتتا چەتئەل پاسپورتى بىلەن خىتايغا تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن ياكى ساياھەتكە بارغان چەتئەل پۇقرالىرى ۋە ئۇلارنىڭ خىتايدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئاتالمىش «جاسۇسلۇققا قارشى قانۇنى» غا خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى ئارتىلىپ، ھەر ۋاقىت ھەرقانداق جايدا تۇتقۇن قىلىنىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.