ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، يېقىنقى ۋاقىتلاردا خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئابرۇيى بارغانسېرى چۈشمەكتىكەن. بولۇپمۇ رۇس، قازاق تىللىق مەتبۇئاتلاردا ھەمدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەر ۋە ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان پىكىرلەر خىتاينىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ تۈرك-مۇسۇلمان خەلقلىرىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئەربابلىرى، كۆزەتكۈچىلەر، ژۇرنالىستلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، بولۇپمۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلار توغرىلىق قانۇن لايىھەسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى، شۇنداقلا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى ھەققىدە قارار لايىھىسىنى ماقۇللىشى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى مەملىكەتلىرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى ئۆتۈۋاتقان زور كۆلەملىك نامايىشلار خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئابرۇيىنىڭ چۈشۈشىگە سەۋەب بولماقتىكەن.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارغا قاماش، مىللىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەقىبلەش ئەھۋالىغا ئائىت ماقالىلەر ھازىر خەلقئارالىق چوڭ مەتبۇئاتلارنىڭ ئاساسلىق تېمىلىرىدىن بىرىگە ئايلىنىپ بولغان بولۇپ، ھەتتا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىكى «ۋاشىنگتون پوچتىسى»، «نيۇ-يورك ۋاقتى»، «ۋال سترىت ژۇرنىلى» دېگەن داڭلىق گېزىتلەردىمۇ شۇنىڭدەك دۇنيادا تەسىرى بار «رويتېرس»، CNN ،BBC، «ئەلجەزىرە» ۋە باشقا مەتبۇئاتلاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ئىزچىل كەڭ پاش قىلىنماقتا ۋە تەنقىد قىلىنماقتا.
بۇلاردىن باشقا يەنە، ياۋروپا ئەللىرىنىڭ شۇنىڭدەك يەنە خىتاي بىلەن ھەر جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى ئالاھىدە كۈچەيتىپ كېلىۋاتقان تۈركىيە، رۇسىيە ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ مەتبۇئاتلىرىدىمۇ ھازىر بۇ تېما توختاۋسىز ئورۇن ئېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ئۆزىنى قانچە ئاقلىسىمۇ، ئەمما خەلق ئاممىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان خەلقلىرىگە يۈرگۈزۈۋاتقان قىلمىشلىرىنى چۈشىنىپ يەتمەكتە.
رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىمۇ خىتاينىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىگە كەڭ ئورۇن بېرىشكە باشلىغان بولۇپ، موسكۋادا چىقىدىغان «نېزاۋىسىمايا گازېتا»، يەنى «مۇستەقىللىق گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا قارشى قارىتىلغان تەقىبلەشلەر بېيجىڭنىڭ خەلقئارادىكى ئابرۇيىنى بۇزماقتا» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىلى خىتاينىڭ بولۇپمۇ ئىككى ئاپتونوم رايونى - خوڭكوڭ مەخسۇس مەمۇرىيەت رايونى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بولغان سىياسىتىدە چوڭ خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگەن ئىكەن.
ماقالىدە بىر يىل داۋامىدا خوڭكوڭدا نامايىشلارنىڭ بېسىقمايۋاتقانلىقى نامايىشچىلارنىڭ ئۆز ھوقۇقلىرى ئۈچۈن توختىماي كۈرىشىۋاتقانلىقى ئېيتىلغان. ئەمدى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن: «شىنجاڭدا بولسا ھەممە نەرسە جىمجىتتەك. ئەمما ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇ مۇقىملىق شۇنىڭ بىلەن قولغا كەلگەنكى، دائىرىلەر بىر مىليونغا يېقىن ئۇيغۇرنى «تەربىيەلەش مەكتەپلىرىگە» ئورۇنلاشتۇرغان. خىتاينىڭ بۇلارغا ئاساسلىق ئاساسىي گۇمانى-ئۇلارنىڭ جىھادچىلارغا قىلغان ھېسداشلىقى. ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى خوڭكوڭ ۋە ئېزىلىۋاتقان دىنىي ئاز سانلىق خەلقلەرنى قوغداش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى.»
ماقالىدە دېيىلىشىچە، ھازىر ئىقتىسادىي ساھەدىمۇ خىتاي ئۈچۈن بەزى قىيىنچىلىقلار پەيدا بولۇۋاتماقتىكەن. خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئۆسۈش سۈرىتى 7 پىرسەنتكە كېمەيگەن. بەزى مۆلچەرلەشلەرگە قارىغاندا، 2020-يىلى ئۇ كۆرسەتكۈچ يەنە تۆۋەنلىشىشى مۇمكىن ئىكەن.
«ت ج» تور ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاي قانداق قىلىپ ئىنسان ھەقلىرىنى بۇزۇۋاتىدۇ ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ جازاسىز قېلىشى نېمىگە ئېلىپ كېلىدۇ؟» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ھۆكۈمران پارتىيەسى ئۆزىنى كوممۇنىستىك پارتىيە دەپ ھېسابلىسىمۇ، ئۇزۇندىن بۇيان سوتسىيالىزم ئىدىيەلىرى بىلەن ھېچ قانداق ئالاقىسى يوق ئىكەن.
ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى-بۇ كاپىتالىستىك ئىقتىسادقا ئىگە، ئۆزىنىڭ دېڭىز چېگرالىرىدىن سىرتتىكى سۈنئىي ئاراللار تېررىتورىيەسىنى بېسىۋېلىشتىن ئۇيالمايدىغان ھاكىممۇتلەق جازا دۆلىتى. خىتاي يېڭى تاجاۋۇزچىلىق، باسقۇنچىلىق بىلەن ئاكتىپ شۇغۇللانماقتا: ئافرىقا ھەم جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرىنى قەرز بېرىپ ئۆزلىرىگە بېقىندۇرماقتا، ھازىر ئۇلار قەرزلىرىنى بېرەلمەيۋاتىدۇ، خىتاي بولسا ئۇلارنىڭ بايلىقلىرىنى ئېزىۋاتىدۇ.»
ماقالىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنىمۇ ھەر خىل جىنايەتلەردە ئەيىبلەپ، جازالاۋاتقانلىقى ئېيتىلغان.
ماقالىدە يەنە ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىلىپ، بىر يېرىم مىليون ئۇيغۇرنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى، ھەتتا ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قارىتا رەھىمسىز قىرغىنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ماقالىدە بىر ئۇيغۇرنىڭ سەرگۈزەشتى بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «باشتا ئۇلار بالىلارغا قۇرئاننى ئۆگىنىشنى، ئاندىن مەسچىتكە بېرىشنى مەنئى قىلدى. كېيىن بولسا رامىزاننى قۇتلۇقلاشنى، ساقال ئۆستۈرۈشنى مەنئى قىلدى. يېڭى تۇغۇلغان بالىلارغا مۇسۇلمان ئىسىملىرىنى قويۇشنى مەنىي قىلدى. ۋاقىت ئۆتۈپ، بىزنىڭ تىلىمىزغىمۇ تەگدى. خىتاي تىلىنى بىلمىسەڭ-ئىش تاپالمايسەن. بىزنىڭ پاسپورتلىرىمىزنى تارتىۋالدى ۋە بىر-بىرىمىز ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشنى بۇيرۇدى. ھېچ قانداق گۇناھسىز ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈردى ھەم ئورگانلىرىنى كېسىپ ئېلىۋالدى.»
ماقالىدە ھەتتا خىتاينىڭ ئىچكىرى رايونلاردىكى مۇسۇلمانلارنىڭمۇ تەقىبلىنىۋاتقانلىقى، خىتاي قانۇنلىرىغا قارشى چىقىۋاتقانلارنىڭمۇ لاگېرلارغا سولىنىۋاتقانلىقى ئېيتىلغان.
مۇشۇنداق بىر ۋاقىتتا خىتاي ئۆز ئابرۇيىنىڭ چۈشۈۋاتقانلىقىنى، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ھالسىزلىنىۋاتقانلىقىنى چۈشىنەمدۇ؟
سىياسەتشۇناس جاسارال قۇئانىشالىن بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «خىتاي ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋېرىدۇ. ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز بولغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى بۇ قىرغىنچىلىق سىياسەتتۇر. مۇبادا ئامېرىكا ھەم غەرب ئەللىرى خىتايغا نىسبەتەن سىياسىتىنى ئۆزگەرتسە، شۇ ۋاقىتتىلا ئەھۋال ئۆزگىرىدۇ. مېنىڭ پىكىرىمچە، ھەم ئامېرىكا، ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەرىكىتى بىر يەردىن چىقىپ، خىتايغا قارشى ئېمبارگولار ئېلان قىلسا، شۇ ۋاقىتتا بىر ئېنىق نەتىجە بولىدۇ. بۇنىڭدا مېنىڭ گۇمانى يوق. ھازىر مەتبۇئاتلاردا خىتاي خەۋپى توغرىلىق كۆپ نەرسىلەر ئېيتىلىۋاتىدۇ. ئەمما بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز رەھبەرلىرى خىتايغا بىر نەچچە سەپەرلەرنى قىلسىمۇ، ئۇيغۇر، قازاق مەسىلىسىنى كۆتۈرمىدى. ھازىر بىزدە خىتاي بىلەن ئالاقىلەرنى ساقلاپ قېلىش، دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش تەرەپدارلىرىمۇ ئاز ئەمەس. ئۇلار ئىچىدە ئاخبارات قوراللىرىمۇ بار. خەلق كۆپىنچە شۇلارغا ئىشىنىۋاتىدۇ.»
سىياسەتشۇناس غالىم ئاگېلېئۇئوف ئەپەندى بولسا، خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىۋاتقان ئىقتىسادىي بېسىمى بىلەن ھېسابلىشىش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بۇ ئېمبارگولارنىڭ يەنىمۇ كېڭىيىشى مۇمكىن. ھازىرچە خىتاي بۇنى تۇيمايۋاتىدۇ. خىتاي قازاق، قىرغىز، ئۇيغۇر ئوخشاش مۇسۇلمانلارنى بىر-بىرىدىن ئايرىمايلا ئېزىۋاتىدۇ. خىتاي باستۇرۇش سىياسىتىنى ئىلگىرىمۇ يۈرگۈزگەن، ئەمما ھازىر ئۇ مۇشۇ خەلقلەرنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىشقا كۆچتى. خىتاي ئۆز خاتالىقىنى چۈشەنگۈچە كەچ بولىدۇ. خىتايغا بولغان قارشىلىق كۈچىيىدۇ، شۇ جۈملىدىن خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىنى ئەيىبلەيدىغان دۆلەتلەر سانىمۇ بارغانسېرى كۆپىيىدۇ، دەپ ئويلايمەن. بۇنىڭ بارلىقى خىتايغا بولغان ئىلگىرىكى كۆز قاراشنىڭ سەلبىي تەرەپكە ئۆزگىرىشىگە ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.»
غالىم ئاگېلېئۇئوف خىتاينىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقىمۇ خەلقلەر بىلەن كېلىشىمگە كېلىش ئورنىغا ئەكسىچە ئۇلارغا نىسبەتەن باستۇرۇش سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ خىتاينىڭ چوڭ بىر خاتالىقى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.