پەيزىۋات مائارىپ ئىدارىسى خادىمى: «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى بىلىشى ھاجەتسىز، چۈنكى دەرسلەرنىڭ ھەممىسى دۆلەت تىلىدا ئۆتۈلىدۇ»

0:00 / 0:00

قەشقەرگە ئۇرغان تېلېفونلىرىمىز داۋامىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2016-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدا مەجبۇرىي يولغا قويغان «دۆلەت تىلى مائارىپى» نامىدىكى خىتاي تىللىق ئوقۇتۇشنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشقانلىقى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر ۋىلايىتىدە خىتاي تىلى مائارىپىنىڭ ئەڭ قاتتىق ۋاسىتىلەر بىلەن يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

«قەشقەر تېلېۋىزىيەسى» نىڭ 26-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ۋە «خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 30-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە، شەندوڭ ئۆلكىسىدىن قەشقەر ۋىلايىتىگە يېتىپ كەلگەن 377 نەپەر خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋىلايەت تەۋەسىدىكى ھەرقايسى ناھىيەلەرنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلىرىگە خىزمەتكە چۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ 2023-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى چىقارغان ئۇقتۇرۇشىدا، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ «دۆلەت تىلى ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش» ئۈچۈن، 2023-يىلى 9-ئايدىكى يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا ھەرقايسى ناھىيەلەردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتىدىغان 273 نەپەر ئوقۇتقۇچىنىڭ قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.

بىز مەزكۇر ئېلاندا قالدۇرۇلغان تېلېفون ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن، پەيزىۋات ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ كادىرلار بۆلۈمىگە تېلېفون قىلدۇق.

تېلېفونىمىزنى ئالغان بىر خىتاي ئەر خادىم ئۆزىنىڭ پەيزىۋات ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى كادىرلار بۆلۈمىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى، 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يېڭى قوبۇل قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ناھىيە تەۋەسىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە خىزمەتكە چۈشكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا قويۇلىدىغان سەۋىيە تەلىپى ۋە نۆۋەتتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئوقۇتۇش سىستېمىسى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارلىق مەكتەپلەردە «دۆلەت تىلىدا ئوقۇتۇش» نىڭ زۆرۈرىيەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇلار، يەنى ئوقۇتقۇچىلار چوقۇم دۆلەت تىلىنى بىلىشى كېرەك! چۈنكى ھازىر دۆلەت تىلى مائارىپى يۈرگۈزۈلۈۋاتىدۇ».

بىز ئۇنىڭدىن، «ئۇقتۇرۇشتا پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىن ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ، دېيىلىپتۇ. ئۇنداقتا، ئۇلارغا تىل جەھەتتە يەرلىكتە قوللىنىلىۋاتقان ئۇيغۇر تىلىنى بىلىش شەرتى قويۇلمامدۇ؟» دەپ سورىدۇق.

ئۇ بۇ سوئالىمىزغا ناھايىتى كەسكىن ھالدا مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئۇلارنىڭ، يەنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى بىلىشى ھاجەتسىز، دەرسلەرنىڭ ھەممىسى چوقۇم دۆلەت تىلىدا ئۆتۈلىدۇ».

ئۇنىڭ بۇ جاۋابىدىن كېيىن، سۆھبىتىمىز دىيالوگ شەكلىدە تۆۋەندىكىدەك داۋام قىلدى.

مۇخبىر: ھازىر مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىدە «دۆلەت تىلى» دا دەرس ئۆتۈلەمدۇ؟

خىتاي خادىم: «ئەلۋەتتە، ھەممە دەرسلەر دۆلەت تىلىدا ئۆتۈلۈۋاتىدۇ. مەن بۇنى بايا سىزگە دەپ بولغان ئىدىم.

مۇخبىر: ئۇنداقتا، ئىلگىرىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارمۇ «دۆلەت تىلى» دا دەرس ئۆتەمدۇ؟

خىتاي خادىم: توغرا، ئۇلارمۇ دۆلەت تىلىدا دەرس ئۆتىدۇ. بىز قوبۇل قىلغان ئوقۇتقۇچىلار ھەر مىللەتتىن، ھەركىم ئۆزىنى تىزىملاتسا بولىدۇ.

مۇخبىر: ئۇلارمۇ ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەندە، ئۇلارغا قانداق تەلەپلەر قويۇلىدۇ؟

خىتاي خادىم: ئۇلار چوقۇم ئورتاق قوللىنىلىدىغان دۆلەت تىلى سەۋىيەسىگە يېتىشى كېرەك. بۇ شەرتلەر ھازىر ھەممە كىشىگە قويۇلىدىغان تەلەپ. مەن بايا بۇ ھەقتە ناھايىتى ئېنىق قىلىپ ئېيتتىم. ئۇلار چوقۇم دۆلەت ئورتاق تىلى دەرىجە ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشى كېرەك.

مۇخبىر: ئۇنداقتا، ھازىر مەكتەپلەردىكى خىتاي ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نىسبىتى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟

خىتاي خادىم: بۇنى مەن ئېنىق بىلمەيمەن. ئەگەر سىز بۇ ئەھۋاللارنى ئىگىلىمەكچى بولسىڭىز، ئۆزىڭىز مائارىپ ئىدارىسىگە كېلىڭ. مەن نەق مەيداندا بۇ مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىدىغان ئادەم تېپىپ بەرسەم بولىدۇ. ماقۇلمۇ؟ ئەگەر سىز يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئىگىلىمەكچى بولسىڭىز، كادىرلار بۆلۈمىمىزگە كەلسىڭىز بولىدۇ.

مۇخبىر: بۇنى ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ، شۇنداقمۇ؟

خىتاي خادىم: بۇلارنى مەن ئېنىق بىلمەيمەن. مەن سوراپ باقاي، سىز كونكرېت قانداق ئەھۋاللارنى بىلمەكچى؟

مۇخبىر: مېنىڭ بىلمەكچى بولغىنىم، ھازىرقى مائارىپ سىستېمىسىدا ئۇيغۇر تىلى، يەنى يەرلىك تىلنىڭ ئوقۇتۇشتىكى نىسبىتى زادى قانچىلىك بولۇۋاتىدۇ؟

خىتاي خادىم: بۇ ئەھۋاللارنى سىز ئۆزىڭىز بۇ جايغا كېلىپ ئىگىلەڭ. مېنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشىم قۇلايسىز.

مۇخبىر: چۈنكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ زور كۆپ قىسمى ئۇيغۇر بالىلىرى ئىكەن، ئۇلار نېمە ئۈچۈن «دۆلەت تىلى» دا دەرس ئاڭلىشى كېرەك؟ بۇ مەسىلىلەرگىمۇ جاۋاب بېرىش چەكلەنگەنمۇ؟

خىتاي خادىم: «بۇلارنى مەن راستلا ئېنىق بىلەيمەن. بۇنداق ئەھۋاللارغا سىز بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، ئاندىن جاۋاب بەرسەم بولىدۇ. بايا سىزگە ئېنىق ئېيتتىم. بۇنداق ئەھۋاللارغا پەقەت سىز ئۆزىڭىز مائارىپ ئىدارىسىگە بىۋاسىتە كەلگەندىلا، ئاندىن يۈزتۇرانە جاۋاب بەرسەك بولىدۇ.

پەيزىۋات ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ خىتاي خادىمى بىلەن بولغان سۆھبىتىمىز شۇنداق ئاياغلاشتى. يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئىگىلىشىمىز نەتىجىسىدە، قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ 2018-يىلدىن بۇيان، ھەر يىلى دېگۈدەك پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدىن ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش ئېلانلىرى چىقىرىپ، خىتاي تىللىق ئوقۇتقۇچىلارنى تۈركۈم-تۈركۈملەپ قوبۇل قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. ھالبۇكى، 2016-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر تىلىدىكى ئوقۇتۇش پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، «دۆلەت تىلى مائارىپى» نامىدىكى خىتايچە مائارىپ مەجبۇرىي يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، زادى قانچىلىك ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىنىڭ مائارىپ سېپىدىن شاللاپ چىقىرىلغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلار ھازىرغا قەدەر خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئاشكارىلانمىدى. 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدا ئەۋجىگە چىققان زور تۇتقۇن ۋە لاگېرلارغا قاماش دولقۇنىدا، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار نۇقتىلىق تۇتقۇن ئوبيېكتىغا ئايلانغان، نۇرغۇنلىغان مۇنەۋۋەر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار تۈرمە-لاگېرلارغا قامالغان ياكى ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىۋېتىلگەن ئىدى.