تىل مەھكۇملۇقى ۋە خىتايلاشتۇرۇلۇۋاتقان ئەۋلادلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىن ئايرىۋېتىلىشى

0:00 / 0:00

يېقىنقى كۈنلەردە، خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا بەزى ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ مەكتەپ يېشىدىكى بالىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئانا تىلىدا ئاددىي سۆزلەرنىمۇ تەلەپپۇز قىلالمايۋاتقانلىقى، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇيغۇرچە سوئاللىرىغا جاۋاب بېرەلمەي گاڭگىراپ قېلىشلىرى ئىپادىلەنگەن ۋىدىيولار تارقالغان بولۇپ، بۇلار مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەندىشىنى قوزغاۋاتقانلىقى مەلۇم.

شۇنداق ۋىدىيولارنىڭ بىرىدە، بىر ئۇيغۇر ئانىنىڭ باشلانغۇچ ھەمدە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان 3 پەرزەنتىدىن «شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى» دېگەن 3 سۆزدىن تەركىب تاپقان بىر جۈملىنى تەكرارلاشنى سورىغىنىدا، ئۇلارنىڭ بىرىنىڭمۇ ئانا تىلىدا راۋان سۆزلىيەلمەيدىغانلىقى مانا مەن دەپ ئاشكارىلىنىدۇ.

خىتاي 2000-يىللاردىن ئېتىبارەن باشلىغان ئاتالمىش قوش تىل مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتلىرىدا، بۇ خىل ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنىڭ خىتاي ئەمەس مىللەت بالىلىرىنى ئۆز ئانا تىلىغا ۋە خىتاي تىلىغىمۇ پىششىق، قوش تىللىق، ئەقىللىك بالىلاردىن قىلىپ يېتىلدۈرىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ كەلگەنىدى. ۋاھالەنكى، لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت قاتارلىقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە چەت ئەللەردىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھىرلەنگەن ئۇيغۇر بالىلاردا ئۇيغۇرچىغا تىلى كەلمەسلىك ئەھۋاللىرى ئىپادىلەنگەن بۇ قىسقا سىن كۆرۈنۈشلىرى ئاتالمىش قوش تىل مائارىپى ئېلىپ كېلىۋاتقان يامان ئاقىۋەتنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتە.

لاگېر شاھىتى ۋە 30 يىللىق ئوقۇتقۇچى قەلبىنۇر سىدىق خانىم، ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىدىكى ئانا تىلىنىڭ كەمتۈك بولۇشىدەك ئېچىنىشلىق ھالنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق باشلانغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردىلا ئاتا-ئانىلىرى لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلىپ، ياتاقلىق مەكتەپلەرگە مەھكۇم قىلىنغان ئۇيغۇر بالىلىرىدا بىلىنىشكە باشلىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ياتاقلىق مەكتەپتىكى بالىلارنىڭ ئاقىۋىتى تېخىمۇ ئېغىر بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرى، ئاتالمىش «شىنجاڭ سىنىپى» توغرۇلۇق ئەتراپلىق تەتقىقاتلارنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ۋە بۇ توغرۇلۇق بىر قانچە دوكلاتلارنى تەييارلاپ تارقاتقان ئامېرىكالىق مۇتەخەسسىسلەردىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقات ئىشخانىسى دىرېكتورى ھېنرىك شاجىۋىسكى (Henryk Szadziewski) بۇ خىل قىسقا سىنلاردىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئېچىنارلىق ھالىغا بولغان ئەندىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

«بۇ ئۇيغۇر كىچىك بالىلارنىڭ ھالىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن بىر قىيىن باسقۇچتا تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە ھەرىكىتىدە ۋاسىتە قىلىپ قوللانماقتا. ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئەڭ نۇقتىلىق ئىپادىلىرىنىڭ بىرى بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە مەدەنىيىتىدىن ئايرىۋېتىلىشىدۇر. گەرچە پەرقلىق بولسىمۇ مەن ئۆزۈمنىڭ كەچمىشىنى مىسال ئالغۇم بار، مەن بىر پولشالىق ئائىلىنىڭ پەرزەنتى، كىچىك چېغىمدىلا ئاتا-ئانام بىلەن ئەنگلىيەگە كۆچۈپ كېلىپ، مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ئىنگلىزچە مېنىڭ بىرىنچى تىلىمغا ئايلاندى. گەرچە ئاتا-ئانامدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلگەن بولمىساممۇ، ئۆز ئانا تىل ۋە مەدەنىيەت مۇھىتىدىن مەھرۇم ياشاش ئەسلى يۇرتۇم، ئەسلى مەدەنىيىتىم ۋە بارلىق ئىجتىمائىي ئامىللاردىن يىراقلىشىشىمغا سەۋەب بولغانىدى.»

تەتقىقاتچى ئارىئەننې م. دۇۋايېر (Arienne M. Dwyer) ئۆزىنىڭ «شىنجاڭ توقۇنۇشى: ئۇيغۇر كىملىكى، تىل سىياسىتى ۋە سىياسىي مۇنازىرە» ناملىق كىتابىدا، مەخسۇس خىتاينىڭ تىل سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئۈستىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بارغان. ئۇ خىتاي تىلىدا مائارىپ تەربىيەسى ئالغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىنىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاپ بارىدىغانلىقى، بارغانسېرى ئۆزىنىڭ ئېتنىك كىملىكىدىن يىراقلىشىپ، خىتاي جەمئىيىتىگە خاس خاراكتېر شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى ئومۇميۈزلۈك مەجبۇرىي ھالدا ئۇيغۇر ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتىدىن مەھرۇم قالدۇرۇشىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى تەكىتلىگەن دوكتور ھېنرىك يەنە مۇنداق دەپ ئوتتۇرىغا قويدى:

«ئۇيغۇر بالىلاردا ئىپادىلەنگەن بۇ ئاقىۋەتلەر بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپ نامىدا ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر بالىلىرىنى كىچىكىدىن خىتاي تىلىدا تەربىيەلەشتەك ​​تىل سىياسىتى داۋامىدا كۆرۈپ كېلىۋاتقان بىر ئىش، ھازىر بولسا بۇنى تېخىمۇ تېزلەتكەن بولۇپ، ئەگەر ئۇلار خىتاي تىلىنى ئۆگەنمىسە، خىتايچە سۆزلەشمىسە خىزمەتسىز قالىدۇ، ئۇنى مەكتەپتە ئۆگىنىشكە مەجبۇر. بۇ سىياسەت ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئۆز ئائىلىسىدىن، مەدەنىيىتى ۋە تىلىدىن ئايرىيدۇ. بىر مۇھىتتا تەدرىجىي ھالدا، قۇلار خىتاي مەدەنىيىتىگە سىڭدۈرۈلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاخىرىدا بۇ رايوننى خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ كونتروللۇقىدا ساقلاپ قېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ».

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى تىل ۋە مائارىپ ھەمدە مەدەنىيەت ئارقىلىق ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتىكى ئەڭ ئەشەددىي سىياسەتلىرىدىن بىرى 2015-يىلىدىن باشلاپ 3 يىللىق باغچە مائارىپىنىمۇ خىتايچىلاشقان مەجبۇرىيەت مائارىپى قىلىپ بېكىتىشى بولغانىدى. مۇنتىزىم 3 يىل خىتايچە يەسلىدە ئۇقۇمىغىچە مەكتەپلەرگە تىزىملاتماسلىق تەدبىرى بىلەن، ئۇيغۇر بالىلىرىغا ئەڭ دەسلەپكى ئاڭ تەربىيەسى خىتايچە ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىغانىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ-2016يىلى دېكابىردا ئېلان قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئىلىدا قوش تىللىق يەسلىلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى سانىنىڭ 2 مىليوندىن ئاشقانلىقىنى، قوش تىللىق يەسلى ئومۇملىشىش نىسبىتىنىڭ 90 پىرسەنتكە يەتكەنلىكى مەلۇم بولغانىدى.

2017-يىلى ئاۋغۇستتا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئېلان قىلغان «ئاپتونوم رايوننىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى قوش تىل ئوقۇتۇشى دەرسلىك ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسى» ناملىق ئۇقتۇرۇش بويىچە شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ بىرىنچى يىللىقىدىن باشلاپ، بارلىق دەرسلەر دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى يەنى خىتايچە ئۆتىلىشكە، ئۇيغۇر ئەدەبىيات دەرسلىكى قوشۇمچە ئۆتىلىشكە باشلىغانىدى. ئۆز ۋاقتىدا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، بۇ تەدبىرلەر بىلەن ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ ئانا تىل مائارىپىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قېلىپ، مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسىگە يۈزلەنگەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغانىدى.

گوللاندىيەدىكى لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم ئۆزىنىڭ 30 يىلغا يېقىن ئۈرۈمچىدە باشلانغۇچ مەكتەپ خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەش جەريانىدىكى تەجرىبىسىگە ئاساسەن، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن يوقىتىش ئۈچۈن ئىشقا سالغان سىياسەت تەدبىرلىرىنىڭ جەريانى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرىگىمۇ شاھىت بولغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە ئۇيغۇر بالىلار ئاتا-ئانىسى بىلەنمۇ ئۇيغۇر ئانا تىلدا پاراڭلىشالمايدىغان بۇ ھالغا كەلگەنلىكىدەك ئاچچىق رېئاللىق ھەر قانداق ئۇيغۇرنى چۆچۈتۈشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

قەلبىنۇر سىدىق خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلار پەقەتلا ئائىلىدىن ئىبارەت تار مۇھىتتا ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ۋە بالىلىرىنىڭ ئانا تىلىنى چىقىرىش بىلەن خىتاي ئاسسىمىلياتسىيەسىگە قارشى تىركەشمەكتە.

لاگېرلار بىلەن تەڭ قۇرۇلغان ۋە داۋام قىلىۋاتقان ياتاقلىق مەكتەپلەر، ئاتالمىش پەرىشتىلەر باغچىلىرىدا، ئاتا-ئانا ۋە تىل ھەمدە مەدەنىيەت مۇھىتىدىن ئايرىۋېتىلگەن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرگە، خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ مەجبۇرىي ۋە جىددىي يوسۇندا سىڭدۈرۈلۈۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ جىددىي ئەندىشىسىنى قوزغىغان ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭمۇ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان مەسىلە.

ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىلدا بىرەر سۆزنىمۇ راۋان تەلەپپۇز قىلالمايدىغان، ئۆزئارا ۋە ھەتتا ئاتا-ئانىلىرى بىلەن ئانا تىلىدا سۆزلىشەلمەيدىغان بىر ئېچىنارلىق ھالغا كېلىپ قالغانلىقى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ يوقىتىلىشى ھەققىدىكى ئىلگىرىكى بۇ ئەندىشىلەرنىڭ قىياس ئەمەس بەلكى ئاچچىق رېئاللىققا ئايلانغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى تىلشۇناس دوكتور مەغپىرەت كامال خانىمنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، «تىل بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئاساسلىق ئامىلى، مەدەنىيىتىنىڭ ئۇل تېشى»، شۇڭلاشقا ئۇيغۇر تىلى يوقىتىلغاندا ئۇيغۇر مىللىتىمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ.»

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى ھەمدە تارىخىدىن يىراقلاشتۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئەۋلادلارنىڭ ھالىدىن، ئۇيغۇرلار تىلى ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇقىنىڭ چوڭقۇر كىرىزىسقا پېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن.

يېقىنقى مەزگىللەردە بەزى خىتايلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا «بىر مىللەتنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىشنىڭ 3 خىل ئاددىي ئۇسۇلى» دېگەن تېمىدا ئاشكارا ھالدا تارقاتقان بەزى سىنلاردا تىلنى يوقىتىش ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەنىدى:

«3-ئۇسۇلى شۇكى، ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى ۋەيران قىلىش، ئۇلارنىڭ ئوقۇشلۇق كىتابلىرىغا قول سېلىش، قىستۇرما رەسىملەرنى سەلبىيلەشتۈرۈش، ئۇلارنىڭ تارىخىنى ئۆزگەرتىش، مەدەنىيىتىنى كەمسىتىش، قەھرىمانلىرىنى يوقىتىۋېتىش، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى كىچىكىدىن ئۆزىنىڭ دۆلىتى ۋە مەدەنىيىتىدىن يىرگىنىدىغان، كەمسىتىدىغان قىلىۋېتىش، مانا شۇنچىلىك ئاددىي. . .»

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2016-يىلىدىن بېرى ئۇيغۇر تىلى ۋە مائارىپىنى يوقىتىشتا ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشىغا قول سېلىشى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دەرسلىكىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىپ، ئۇيغۇر تىلى دەرسلىك كىتابلىرىنى چەكلىشى، ئۇنىڭ تۈزگۈچىلىرى، ئۇيغۇر تىلى ۋە تارىخى ھەمدە مەدەنىيىتى قوغداپ قېلىشتا كۈچ چىقارغان يالقۇن روزى، ۋاھىتجان ئوسمان قاتارلىق ئۇيغۇر مائارىپچى ۋە زىيالىيلارنى قاماق جازالىرىغا مەھكۇم قىلىشى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغانىدى.

ئۇيغۇرلار تىل-مەدەنىيەت ۋە باشقا ھەر جەھەتتىن مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىلىش گىردابىدا تۇرۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە، ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىش يولىدا ئىزدەنمەكتە ۋە تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار تەرىپىدىن قۇرۇلۇپ داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئانا تىل سىنىپلىرى بۇنىڭ بىر مىسالى.

جەنۇبىي ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىدىكى ئۇيغۇر ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئېچىلغان ئانا تىل سىنىپىنىڭ پىداكار ئوقۇتقۇچىسى ئاۋسترالىيە «تەڭرىتاغ ئۇيغۇر خانىم-قىزلار ئۇيۇشمىسى» نىڭ ئاكتىپ ئەزاسى يۇلتۇز تېيىپجان مۇنداق دېدى: «ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي تىلى ئانا تىلنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ بىرىنچى تىلىغا ئايلانغان، خىتايچىدىن تەرجىمە قىلىنغان تەرجىمە تارىخ ئارقىلىق، كىچىكىدىن سىڭدۈرۈلگەن خىتاي زېھنىيتى بىلەن ھەتتا خىتايچە ئويلايدىغان، خىتايچە تەپەككۇر قىلىدىغان بولۇپ يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ھالى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كەلگۈسىنىڭ ئىنتايىن خەتەر ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ».

يۇلتۇز خانىم يەنە چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشتا بىردىن بىر قىلالايدىغان ئەمەلىي ئىشى، پەقەت پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر ئانا تىلىنى ئۆگىتىش بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر مائارىپى ۋە تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە ئۈست-ئۈستىلەپ كەلگەن ئاپەتلەر بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىدا ئىپادىلىنىۋاتقان يامان ئاقىۋەتلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قەدەم باسقۇچلۇق ھالدا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ، ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە پۈتۈنلەر يوقىتىش سىياسىتى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.