خىتاي ئۇيغۇرلارنى قانداق باستۇرۇۋاتىدۇ؟

0:00 / 0:00

گېرمانىيەدىكى داڭلىق رادىئو قاناللىرىدىن «غەربىي جەنۇب رادىئوسى» 30-دېكابىر «خىتاي ئۇيغۇرلارنى قانداق باستۇرۇۋاتىدۇ؟ شىنجاڭدىكى تەربىيەلەش لاگېرلىرى» ناملىق خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ھەجىملىك بىر پروگرامما تارقاتتى.

مەزكۇر پروگراممىنى كىرىستېنى ئادېلھارد (Christine Adelhadt)، فىلىپ ئېكشىتايىن (Philipp Eckstein)، جان لۇكاس شىتروزىك (Jan lukas Strozyk)، بېنېدىكىت شىترۇنىس (Benedikt Strunz) قاتارلىق 4 مۇخبىر بىرلىكتە ھازىرلىغان بولۇپ، 28 مىنۇتلۇق بۇ پروگراممىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى يورۇتۇپ بېرىلگەن.

مۇخبىرلار بۇ پروگرامما ئۈچۈن جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەردىن مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئادرىئان زېنزنى، مەشھۇر سىياسەتچىلەردىن گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى مارگېرېتا بائۇسېنى، گېرمانىيەدىكى بىرقانچە ئۇيغۇرنى ھەم مەركىزى بېرلىندىكى «مېركاتو خىتاي تەتقىقات ئىنستىتۇتى» نىڭ بىر قىسىم تەتقىقاتچىلىرىنى زىيارەت قىلغان.

پروگراممىنىڭ كىرىش سۆزىگە «خىتاينىڭ مەخپىي ھۆججەتلىرى خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەققىدە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ قانداق بۇيرۇق بەرگەنلىكى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىسپاتلىدى» دېگەن جۈملە يېزىلغان.
بۇ رادىئو پروگراممىسى خىتاينىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا قامىغانلىقى، يېقىندا ئاشكارىلانغان مەخپىي ھۆججەتلەر جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىدىكى مەركىزى كومىتېتنىڭ بۇيرۇقى بىلەن يولغا قويۇلغان بىر سىياسەت بولغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن باشلانغان.

پروگراممىدا گېرمانىيەدىكى بەزى ئۇيغۇرلارمۇ سۆز قىلغان بولۇپ، ئۇلار بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئېتنىك ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقلىرىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسىدىن ھازىرغا قەدەر خەۋەر ئالالمايۋاتقانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئادرىئان زېنز خىتاي دەۋاتقاندەك بۇ ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» گە كىشىلەرنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كەلمىگەنلىكىنى، مىليونلىغان ئىنساننىڭ مەجبۇرىي تۇتۇپ سولانغانلىقىنى، بۇ مەركەزدىكى كىشىلەرنىڭ يۈكسەك نازارەت ئاستىدا ياشايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۆزى خالىغان تاماقنى يېيىش، خالىغاندا ئۇخلاش، ھاجەتخانىغا بېرىش، يۇيۇنۇش، دوختۇرغا كۆرۈنۈش قاتارلىق ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانى ھەقلىرىدىنمۇ مەھرۇم بولغانلىقىنى، مېڭىسى يۇيۇلۇپ، تەربىيەلىنىش ئىپادىسى ياخشى بولۇپ «ئوقۇش پۈتتۈرگەن» ئۇيغۇرلارنىڭ مانا ئەمدى ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە مەجبۇرىي ئەمگەكلەرگە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى مارگېرېتا بائۇسې سۆزىدە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تىپىك ساقچى دۆلىتىگە، ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇرلار يۇقىرى تېخنىكىلىق دىگىتال نازارەت ئاستىغا ئېلىندى. ھەممە يەرگە چىراي تونۇيدىغان كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى ئورنىتىلغان، شەخسلەرنىڭ تېلېفونلىرىغا جاسۇسلۇق يۇمتاللىرى قاچىلانغان، كىشىلەرنىڭ ھەربىر سۆزى، يازمىسى ساقچىلار تەرىپىدىن كۆزىتىپ تۇرۇلىدۇ. خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرى لاگېر سىرتىدىكىلەرنىڭ ئۆيلىرىنى قەدەمدە بىر تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ.»
پروگراممىدا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ خىتاي قىزىل ئارمىيەسى بۇ زېمىننى 1949-يىلى بېسىۋالغاندىن بۇيانلا مەۋجۇتلۇقى، 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى زور كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بارغانلىقى، نامايىشتا 200 دىن ئارتۇق خىتاينىڭ ئۆلگەنلىكىمۇ ئەسكەرتىلىدۇ.

ميۇنخېندىكى جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى بۇ توغرۇلۇق توختالغاندا، بۇ رادىئو پروگراممىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ناھايىتى ئەتراپلىق ئاشكارىلاپ بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

پروگراممىدا يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېتنىك ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقلىرى قاتارىدا مەسچىتلەرنىڭ چېقىلىۋاتقانلىقى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ ئاياق ئاستى قىلىنىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەتتا ئۆزىگە ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇش ھەقلىرىدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىدۇ.

28 مىنۇتلۇق بۇ پروگراممىدا «مېركاتو خىتاي تەتقىقات ئىنستىتۇتى» نىڭ تەتقىقاتچىلىرىمۇ پىكىر بايان قىلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ئۈچۈن پىلانلىق، مەقسەتلىك، سىستېمىلىق ھالدا باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغان يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان خىتاي شۆھرەت زاكىرنىڭ ئاغزى ئارقىلىق لاگېردىكىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى تارقاتقان بولسىمۇ، غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇنىڭغا ئىشەنمىگەنلىكى ۋە لاگېرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېلان قىلىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.