خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا يېقىندىن بۇيان ئېلان قىلىنىۋاتقان ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم» پروگراممىسى ھەققىدىكى خەۋەرلەردە، ئۇيغۇر رايونىغا كەلگەن ئالدىنقى ئون تۈركۈمدىكى خىتاي كادىرلىرىنىڭ «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزۈش» شوئارىنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان سىياسىي مەقسەتلەر ئاشكارا بولماقتا.
خىتايدىكى «خەلق تورى» نىڭ 1-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر «10-نۆۋەتلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى تەقدىرلەش» ۋە «11-نۆۋەتلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىختىساسلىق خادىملىرىنى كۈتۈۋېلىش» يىغىنى ئۆتكۈزگەن. يىغىندا، خىتايدىكى 19 ئولكە-شەھەردىن «شىنجاڭغا ياردەم» تۈرى بويىچە كېلىپ خىزمەت كۆرسەتكەن ئاتالمىش «تۆھپىكار» خىتاي كادىرلارنى تەقدىرلىگەن.
خەۋەردە، خىتاينىڭ 19 ئۆلكە ۋە شەھەرلىرىدىن كەلگەن خىتاي كادىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىزمەتلىرىنى «ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقى يەتكۈزۈش» دەپ خۇلاسە قىلغان. ھالبۇكى، ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم» نامىدا ئۇيغۇر دىيارىغا تۈركۈملەپ كېلىۋاتقان خىتاي كادىرلىرى راستتىنلا ئۇيغۇر خەلقىگە «ئائىلە ئىللىقلىقى» نى يەتكۈزۈۋاتامدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر يېزا-قىشلاقلىرىغا بېرىپ، ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگىچە كىرىپ، سۆزلەۋاتقىنى ھەم تەشۋىق قىلىۋاتقىنى زادى نېمە؟
سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم» نامىدىكى 19 ئۆلكە-شەھەردىن ئىختىساسلىق كادىر يۆتكەش قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەتلەرنى تالان-تاراج قىلىش، شۇنداقلا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا داۋاملاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئۇيغۇر يېزىلىرى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى يېزىلارنى چېتىش
دىققەت قوزغايدىغىنى شۇكى، خىتاينىڭ بۇ خەۋىرىدە ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم» ۋىۋىسكىسى ئاستىدا ئۇيغۇر رايونىغا كەلگەن خىتاي كادىرلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يېزا-كەنتلەرنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى يېزا-كەنتلەرگە چېتىش ۋە باغلاش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارغانلىقى، شۇنداقلا «قوشماقلىشىپ ئورتاق گۈللىنىش» (结对共建) نى تەشەببۇس قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، جېجياڭ ئۆلكىسىدىن ئاقسۇ ۋىلايىتىگە ئاتالمىش «ياردەم» نامىدا كەلگەن خىتاي كادىرلار، ئاقسۇدىكى ئۇيغۇر يېزا-كەنتلىرىنى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ يېزا-كەنتلىرىگە «قوشماقلاشتۇرۇپ چېتىش ۋە باغلاش» خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان. يەنى ئالدى بىلەن ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى 16 يېزا-كەنتنى جېجياڭدىكى يېزا-كەنتلەرگە چېتىپ، «ئۈلگىلىك ئۆرنەك» پەيدا قىلغان، ئاندىن ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى 405 كەنتنى مۇشۇ ئۆرنەك بويىچە قايتا قۇرۇشنى پىلانغا ئالغان.
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ما جۈ ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاتالمىش ھەر خىل نام ۋە شەكىللەردىكى ياردەملىرى، ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت-مائارىپ ۋە ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرىدىكى كۈچلىرىنى بۇ رايونلارغا يۆتكەپ مەركەزلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. ئۇلار بۇ ئارقىلىق، رايوندا خىتايلارنى ئاساس قىلغان ۋە خىتايلارنىڭ تولۇق كونتروللۇقىدىكى سىستېمىنى شەكىللەندۈرمەكچى».
ئۇيغۇر رايونى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى مەكتەپ-يەسلىلەرنى گۇرۇپپىلاپ باغلاش
خەۋەردە ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم» نامىدا كەلگەن خىتاي كادىرلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئاساسىي مائارىپىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە چېتىپ، ئۇنى «گۇرۇپپىلاش» ئۇسۇلى بويىچە پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇلغان مائارىپ ئەندىزىسى يارىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى نۇقتىلىق تەكىتلەنگەن.
خەۋەردە، بورتالا ئوبلاستىدىكى مەكتەپلەرنىڭ خۇبېي ئۆلكىسىدىكى مەكتەپلەر بىلەن، كورلا شەھىرىدىكى مەكتەپلەرنىڭ خېبېي ئۆلكىسىدىكى مەكتەپلەر بىلەن جىددىي رەۋىشتە گۇرۇپپىلاپ چېتىلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. يەنى بورتالا ئوبلاستىدىكى يەسلى ۋە مەكتەپلەر خۇبېي ئۆلكىسىدىكى 8 داڭلىق مەكتەپ بىلەن گۇرۇپپىلاپ چېتىلغان؛ كورلا شەھەرلىك 23-ئوتتۇرا مەكتەپ خېبېي ئۆلكىسىدىكى نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن «گۇرۇپپىلاش» ئۇسۇلى بويىچە چېتىلغان. بۇنىڭ بىلەن بۇ مەكتەپلەرنىڭ يەسلىدىن تاكى تولۇق ئوتتۇرىغىچە بولغان سىنىپلىرىنىڭ پۈتكۈل ئوقۇتۇش مەشغۇلاتلىرى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئىكەن. خىتاي تاراتقۇلىرى بۇنى «گۇرۇپپىلانغان مائارىپ» («组团式«教育) دەپ ئاتىغان.
ئانالالىزچى ئىلشات ھەسەن، خىتاينىڭ بۇ خىل شەكىلدە ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئاساسىي مائارىپىنى، بولۇپمۇ يەسلى ۋە باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلىرى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى مەكتەپلەرنى ئۆزئارا «گۇرۇپپىلاپ چېتىش» قۇرۇلۇشىنى، ئۇيغۇر مائارىپىنى پۈتۈنلەي خىتايچىلاشتۇرۇش، كېيىنكى ئەۋلادلارنى ئېرىتىپ تۈگىتىشنىڭ قەدەم-باسقۇچلىرى، ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىككىنچى «ئائىلە» پەيدا قىلىش
خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم» تۈرىدە، ئۇيغۇر نوپۇسى ئەڭ زىچ جايلاشقان خوتەن ۋىلايىتى بېيجىڭ شەھىرى بىلەن «قوشماقلاشتۇرۇپ چېتىلغان» . يەنى بېيجىڭ شەھىرىدىن تۈركۈملەپ ئەۋەتىلگەن خىتاي كادىرلىرى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ھەر ساھەلىرىگە ئورۇنلىشىپ، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق سۇغۇرۇش» قۇرۇلۇشىنى جىددىي رەۋىشتە ئېلىپ بارغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، بېيجىڭدىن ئەۋەتىلگەن خىتاي كادىرلىرى خوتەندىكى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرى ئۈچۈن «مېنىڭ بېيجىڭدا ئائىلەم بار» ناملىق «قوشماق تۇغقانلاشتۇرۇش» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان. ئالدىنقى بىرقانچە يىلدا ئۇلار خوتەن ۋىلايىتىدىكى 1000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر بالىسىغا بېيجىڭ شەھىرىدىن «ئائىلە» ۋە «ئاتا-ئانا» تېپىپ، ئۇلارنى «قوشماق تۇغقان» لاشتۇرغان. بۇ ئۇيغۇر بالىلار ھەر يىلى تەتىل مەزگىلىدە پىلان بويىچە بېيجىڭدىكى «ئائىلە» سىگە ئەۋەتىلىپ، ئۇ يەردىكى ئاتالمىش «خىتاي ئاتا-ئانىلىرى» بىلەن بىر مەزگىل بىللە ياشىغان، ھېسسىيات ئالماشتۇرغان ۋە خىتايچە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆگەنگەن. خەۋەردە بۇ قۇرۇلۇشنى «پايتەخت خەلقىنىڭ شىنجاڭ خەلقىگە ئىللىقلىق يەتكۈزۈشى» دەپ ئاتىغان.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ خىل «قوشماق تۇغقانلاشتۇرۇش» سىياسىتى ياكى ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن «ئىككىنچى ئائىلە» تېپىپ بېرىش قۇرۇلۇشى، چەت ئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا. سىياسىي ئانالىزچى ما جۈ بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينىڭ چىرايلىق ناملاردىكى ئاتالمىش «ئىللىقلىق يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان رەزىل سىياسىي غەرەزلىرىنى ئېچىپ كۆرسەتتى.
ما جۈ مۇنداق دېدى: «2017-يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر دىيارىدا لاگېرغا قاماش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش، خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنىڭ پەقەتلا بىر تەركىبىي قىسمى ئىدى. نۆۋەتتە، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بارلىق ئامىللارنى يوق قىلىشنى ئاتالمىش <ياردەم قىلىش> ۋاسىتىسى ئارقىلىق تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئىجرا قىلىۋاتىدۇ. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا تەئەللۇق بولغان ماددىي مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى يۇلۇپ ئالغاننى ئاز دەپ، ئۇلارنىڭ دىنىي-ئېتىقاد، ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيىتىدە تېخىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان بارلىق مەۋجۇتلۇقلار ئۈستىدىن بىر-بىرلەپ يوقىتىش ئېلىپ بارماقتا. خىتاي بۇ تۈردىكى يوقىتىشلارنى يەنە ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن. ئەمما مېنىڭ قارىشىمچە، ئۇلار مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ».
دەرۋەقە، خىتاينىڭ «خەلق تورى» دا بېرىلگەن بۇ خەۋەردە «شىنجاڭغا ياردەم» تۈرىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى- «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق سۇغۇرۇش» ۋە «جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزۈش» دېيىلگەن. بولۇپمۇ ئوتكەن 3 يىل جەريانىدا «ياردەم» نامىدا تۈركۈملەپ كەلگەن خىتاي كادىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق سۇغۇرۇش» شوئارى ئاستىدا 1833 تۈرنى يولغا قويغانلىقى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكى بايان قىلىنغان. بۇ ھەقتە رادىيومىزغا ئىنكاس قايتۇرغان ئانالىزچىلار، بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى يېپىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان پەردازلىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، دەپ قارىماقتا.