مىسسۇرى ئىشتاتى كوۋىد يۇقۇمىدا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان خىتاينىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكانىڭ مىسسۇرى ئىشتاتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كوۋىد-19 يۇقۇمىنى يوشۇرغانلىقى ۋە كېرەكلىك سەھىيە لازىمەتلىرىنى باستۇرۇۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تۇرۇپ سۇنغان ئەرزى نەتىجىلەنگەن. مىسسۇرى ئىشتاتىنىڭ فېدېراتسىيە سوتچىسى ستىفېن ن. لىمباۋ (.Stephen N. Limbaugh Jr) 7-مارت جۈمە كۈنىدىكى قارارىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى كوۋىد يۇقۇمىنى يوشۇرۇش ۋە سەھىيە ئەسلىھەلىرىنى باستۇرۇۋېلىشتا مەسئۇلىيىتى بار، دەپ قارىغان ھەمدە 24 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق پۇل جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

مىسسۇرى ئىشتاتى باش تەپتىش مەھكىمىسى بۇ ئەرزنى ئەسلىدە 2020-يىلى 4-ئايدا يەنى كوۋىد يۇقۇمىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە سۇنغان بولۇپ، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنى «كوۋىد-19 ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىۋاتقانلىقىنى يوشۇرۇپ، پاجىئەنىڭ زورىيىشىغا سەۋەب بولدى» ۋە يەنە «ۋىرۇستىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ماسكا قاتارلىق سەھىيە ئەسلىھەلىرىنى بېسىۋېلىپ، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا تەمىنلىنىشىنى ئۈزۈپ قويدى»، دەپ ئەرز قىلغان.

فېدېراتسىيە سوتچىسى ستىفېن ن. لىمباۋ بۇ داۋا ھەققىدىكى قارارىدا: «خىتاي دۇنيانى كوۋىد-19 تارقىلىشنىڭ خەۋپى ۋە دائىرىسى ھەققىدە قايمۇقتۇرغان، مونوپول ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، سەھىيە لازىمەتلىرىنى تۇتۇپ قالغان، بۇ ھەرىكەتلەر ئامېرىكانىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېز ھەرىكەتكە ئۆتۈشىگە توسقۇنلۇق قىلدى ۋە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارغا يېتەرلىك ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىش مۇمكىن بولمىدى.» دەپ ھۆكۈم چىقارغان.

كوۋىد-19 ۋىرۇسىنىڭ خەلقئارالىق بىر يۇقۇمغا ئايلانغانلىقى ئېلان قىلىنغىنىغا دەل 5 يىل تولغاندا نەتىجىلەنگەن بۇ داۋا كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ بىر چەت ئەل ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى قېتىم ئامېرىكا سوتىدا ئەيىبلىنىشى ۋە جەرىمانىغا ھۆكۈم قىلىنىشى بولغاچقا بۇنىڭ قانۇنىي ئاساسلىرىنىڭ نېمە بولىدىغانلىقى، ئۇنىڭ قانداق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى مۇنازىرە پەيدا قىلماقتا.

بىز بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن خەلقئارا قانۇن ساھەسىدە تونۇلغان مۇتەخەسسىسلەردىن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئۇرۇش ئىنستىتۇتى، ستوكتون خەلقئارا قانۇن مەركىزى پىروفېسسورى، دوكتور جەيمىس كراسكا (Dr. James Kraska) نى زىيارەت قىلدۇق. دوكتور جەيمىس كراسكانىڭ بىزگە دېيىشىچە، مىسسۇرى ئىشتاتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن ئاچقان بۇ داۋاسى قانۇنغا ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە بۇ سوت ھۆكمىنى ئىجرا قىلىش ھوقۇقىغىمۇ ئىگە ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

«مەن بۇنى تامامەن مۇمكىن، دەپ قارايمەن ۋە ھەتتا ئۇنى ئىجرا بولىدۇ، دېسەممۇ بولىدۇ. ئەسلىدە خەلقئارا قانۇنلار بويىچە دۆلەتلەر ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە. دۆلەتلەر سوتنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن خالىي. مەسىلەن، بىر دۆلەت ئۆزى قوشۇلمىغان تەقدىردە، ئۇنى مەجبۇرلاپ خەلقئارا سوت مەھكىمىسىدە سوتقا چىقىشقا مەجبۇرلىغىلى بولمايدۇ. ئامېرىكامۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدۇ. ئەمما كوۋىد يۇقۇمىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇ ئالاھىدە ۋەقەدە، ئامېرىكانىڭ ‹چەت ئەل ئىگىلىك ھوقۇقى كەچۈرۈم قانۇنى› ئىشقا سېلىندى. يەنى بۇ قانۇن بويىچە بولغاندا، ئەگەر بىر ھۆكۈمەت بىر مەسىلىدە ھۆكۈمەتتەك ئەمەس، خۇددى بىر شىركەتتەك ھەرىكەت قىلغان بولسا، ئۇ ھالدا ئۇلارنى سوتقا ئەرز قىلغىلى ۋە جازالىغىلى بولىدۇ. قايسى دۆلەت ھۆكۈمىتى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار ئەگەر بىر شىركەتكە ئوخشاش ھەرىكەت قىلسا، ئۇ ھالدا ئۇلار دۆلەت ئىممۇنېت كۈچىنى يوقىتىپ قويىدۇ. مىسسۇرى ئىشتاتىنىڭ ئەرزى دەل مۇشۇ نۇقتىدا تۇرۇپ سۇنۇلغان.»

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئەرز دەسلەپتە سۇنۇلغاندا مىسسۇرى ئىشتاتىنىڭ فېدېراتسىيە سوتچىسى ستىفېن ن. لىمباۋ مىسسىورى ئىشتاتىنىڭ بۇ ئەرزىنى ھۆكۈمەتلەرنىڭ قارشىلىق قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، رەت قىلغانىكەن. بىراق، ئامېرىكانىڭ سەككىزىنچى رايونلۇق سوتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى چاغدا ئاللىقاچان ئامېرىكا شىركەتلىرى ۋە باشقا دۆلەتلەر تەرىپىدىن خىتايدىكى زاۋۇتلارغا زاكاز قىلىنىپ بولغان ماسكا قاتارلىق سەھىيە ئەسلىھەلىرىنى تۇتۇپ قېلىش ئارقىلىق سودا پائالىيىتىگە ئارىلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە بۇ داۋانى رايونلۇق سوت مەھكىمىسىگە قايتۇرغانىكەن.

قانۇن پىروفېسسورى جەيمىس كراسكانىڭ دېيىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدا بۇ زاۋۇتلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشتىن چەكلىگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«ئۇلار ئامېرىكادىن زاكاز قوبۇل قىلغان زاۋۇتلار ئىشلەپچىقارغان سەھىيە ئەسلىھەلىرىنى تۇتۇپ قالغان، بۇ زاۋۇتلارنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ ئۇلارنىڭ ئامېرىكاغا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا بۇ ئەسلىھەلەرنى يەتكۈزۈپ بېرىشىغا توسالغۇلۇق قىلدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە نۇرغۇن كىشىلەر ئۆلۈپ كەتتى. ئەسلىدە بۇ زاكاز قىلىنغان مەھسۇلاتلار مىسسۇرى ئىشتاتى بىلەن خىتايدىكى زاۋۇتلار ئارىسىدا ئاللىقاچان تۈزۈپ بولۇنغان كېلىشىمگە ئاساسەن ياسالغانىدى. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ زاكاز مەھسۇلاتلىرىنى تۇتۇپ قېلىش ئارقىلىق بۇ سودا پائالىيىتىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىلغا ئايلاندى، جۈملىدىن خىتاي سوت ھۆكمى بويىچە، ئۇنىڭغا بېرىلگەن 24 مىليارد دوللارلىق جازانى تۆلىشى كېرەك.»

نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا بۇ سوت نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى ليۇ پېڭيۇ بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ: «خىتاي ئۇنى ھەرگىز ئېتىراپ قىلمايدۇ ۋە قوبۇل قىلمايدۇ. ئەگەر خىتاينىڭ مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىسا، بىز خەلقئارا قانۇن بويىچە ئۆزئارا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قەتئىي قوللىنىمىز» دەپ جاۋاب قايتۇرغان.

ئەمما مىسسۇرىنىڭ باش تەپتىشى ئاندرۇ بەيلېي (Andrew Bailey) بولسا ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان ئاندرېۋ بەيلېي مۇنداق دېگەن: «خىتاي تەرەپ بۇ سوتقا قاتنىشىشنى رەت قىلدى، ئەمما بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان ساناقسىز ئازاب-ئوقۇبەت ۋە ئىقتىسادىي ۋەيرانچىلىقتىن مۇنداقلا قۇتۇلىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بىز مىسسۇرىدىكى خىتاي ئىگىدارچىلىقىدىكى تېرىلغۇ يەرلەر ۋە باشقا مال-مۈلۈكلەرنى مۇسادىرە قىلىش ئارقىلىق، بېرىلگەن جازانىڭ بىر تىيىنىنىمۇ قالدۇرماي ئالىمىز» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سوت قارارىنى تونۇمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر ۋەزىيەتتە، مىسسۇرى ئىشتاتى خىتاينىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلالامدۇ؟

جەيمىس كراسكا قانۇن بويىچە مىسسۇرى ئىشتاتىنىڭ مۇسادىرە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«شۇنداق، قانۇن نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سوتقا چاقىرىلغان بولسىمۇ، قاتناشماسلىقنى تاللىدى، بۇ ئۇلارنىڭ تاللىشى. ئۇلار بەرىبىر سوت ھۆكمىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ. بۇ دېگەنلىك بۇ بىر ھۆكۈمنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇڭا مىسسۇرى بۇ ھۆكۈم بويىچە ھەرىكەت قىلىپ، بۇ ھۆكۈمنى ئىجرا قىلالايدۇ. ئۇلار مىسسۇرى ئىشتاتىدىكى خىتايغا تەۋە مال-مۈلۈكلەرنى تارتىۋېلىش ئارقىلىق ئىجرا قىلسا بولىدۇ. خىتاي ئەمدى مىسسۇرىدىكى مال-مۈلۈكلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.»

جەيمىس كراسكا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭغا قارىتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈشى تۇرغانلا گەپ بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىشتاتلىق ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىشىغا ئارىلىشالمايدىغان بولغاچقا، خىتاينىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئارقىلىق نارازىلىق بىلدۈرۈشىنىڭ بىر پايدىسى بولمايدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مىسسۇرى ئىشتاتى ئامېرىكادا كوۋىد يۇقۇمىنىڭ زىيىنىغا ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان جايلارنىڭ بىرى بولۇپ، 2022-2021-يىللىرى ئارىسىدا مىسسۇرى ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن ئۆلۈم ۋەقەلىرىنىڭ كۆپ قىسمى كوۋىد بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. شۇڭا مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىشتاتلارغا ۋە ھەمدە خەلقئارادىمۇ بىر ئۈلگە بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئامېرىكادىكى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئاندېرس كور مىسسۇرى ئىشتاتىدىكى بۇ سوت ھۆكمىنى قارشى ئېلىپ، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىنى جازالاشتىكى تۇنجى قەدەم ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«مەنچە بۇ ناھايىتى چوڭ ئىش. خىتاي ھۆكۈمىتى كوۋىد يۇقۇمى مەسىلىسىدە باشتىن بېرى مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ كەلمەكتە. ئۇ ھازىرغىچە بۇ مەسىلىدە تېخى ئوچۇق-ئاشكارا بولۇپ باقمىدى. ھەتتا يۇقۇمنىڭ سەۋەبى ئۈستىدىكى تەكشۈرۈش باشلىماقچى بولغان دۆلەتلەرنى جازالاشقا ئۇرۇندى. شۇڭا مەن مىسسۇرى سوتىنىڭ قارارىنى توغرا، دەپ قارايمەن.»

جەيمىس كراسكا ئەپەندىمۇ بۇ ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشتىكى ئۈلگىلىك بىر ھەرىكەت بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«مەنچە بۇ باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشىگە ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قاتار مەسئۇلىيەتسىزلىكى كوۋىد يۇقۇمىنىڭ تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىغا سەۋەب بولدى. ئۇ نۇرغۇن جانلارغا زامىن بولدى ۋە نۇرغۇن ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقاردى. ھازىرغىچە بۇنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلمىگەنىدى. مىسسۇرىنىڭ ھەرىكىتى بۇ يۆنىلىشتىكى بىر قەدەم بولدى.»

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا مىسسۇرى ئىشتاتىنىڭ شەرقى رايونلۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى لىمباۋ تەرىپىدىن چىقىرىلغان قارار خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمىتى، خىتايدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە شۇنداقلا سەھىيە ئورگىنى ۋە تەجرىبىخانىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

بۇ يىل 1-ئايدا ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) يېڭى باھالاش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، 2020-يىلى خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن تارقىلىپ پۈتۈن دۇنيانى قاپلىغان كوۋىد-19 ۋىرۇسىنىڭ خىتاي ئىلگىرى سۈرگەندەك ھايۋانلاردىن ئەمەس، بەلكى تەجرىبىخانىلاردىن تارقالغان بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.