گېرمانىيەدە خىتايدىن تارالغان كورونا ۋىرۇسى توغرىسىدا يېڭىدىن بەس-مۇنازىرىلەر كۈچەيمەكتە

0:00 / 0:00

يېقىندا ئامېرىكا فېدېراتسىيە سوتچىسى كورونا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتايغا 24 مىليارد دوللار جەرىمانە قويغاندىن كېيىن، گېرمانىيەدىمۇ كورونا ۋىرۇسى توغرىسىدا يېڭىدىن بەس-مۇنازىرىلەر قايناپ كەتتى.

گېرمانىيەدە بۇ ھەقتە بەس-مۇنازىرىلەرنىڭ قايتىدىن قوزغىلىشىغا گېرمانىيە فېدېراتسىيە ئاخبارات ئىدارىسى يېقىندا توساتتىن ئاشكارىلىغان بىر مەخپىيەتلىك سەۋەبچى بولغان. گېرمانىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «ئەينەك» ژۇرنىلى 12-مارت ئېلان قىلغان «مېركىل ۋە شولتز كورونا ۋىرۇسىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا فېدېراتسىيە ئاخبارات ئىدارىسى ھازىرلىغان دوكلاتنى باستۇرۇپ قويغان» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىشىچە، فېدېراتسىيە ئاخبارات ئىدارىسى باش مىنىستىر ئىشخانىسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن 2020-يىلى كورونا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇنىڭ نەتىجىسىنى شۇ چاغدىكى باش مىنىستىر ئانجىلا مېركىلگە تاپشۇرغان.

گېرمانىيە فېدېراتسىيە ئاخبارات ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئۇشبۇ تەكشۈرۈشنىڭ ئاساسلىق نىشانى «كورونا ۋىرۇسى تەبىئىي تارقالغانمۇ ياكى ۋۇخەندىكى تەجرىبەخانىدىن چىقىپ كەتكەنمۇ؟» دېگەننى ئېنىقلاش بولغان. تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسى بولسا «ۋۇخەندىكى ۋىرۇس تەتقىقات ئورنىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يېتەرلىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ۋىرۇس تەجرىبىخانىدىن چىقىپ كەتكەن» دېگەن خۇلاسىگە مۇجەسسەملەشكەن ھەمدە بۇنىڭ توغرىلىق نىسبىتى «80 پىرسەنتتىن 95 پىرسەنتكىچە» دەپ بېكىتىلگەن. بۇ يەكۈننى چىقىرىشتا فېدېراتسىيە ئاخبارات ئىدارىسى مۇشۇ ساھەدە قولغا چۈشۈرگەن خىتاينىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى ۋە ئۇچۇرلىرىنى مەنبە قىلغان. گېرمانىيە فېدېراتسىيە ئاخبارات ئىدارىسى گېرمانىيەنىڭ جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگىنى بولۇپ، ئۇلار بۇ ھەقتە قولىدا يېتەرلىك مەلۇماتلار بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولغىنىدەك، دۇنيادىكى مىليونلىغان ئىنساننىڭ جېنىغا زامىن بولغان، دۇنيا ئىقتىسادىنى ئېغىر دەرىجىدە چۆكتۈرگەن، ئىنسانلارنى ئاز دېگەندە 3 يىل نورمال ھاياتتىن مەھرۇم قىلغان بۇ ۋىرۇسنىڭ ۋۇخەندىكى تەجرىبەخانىدىن تارقالغانلىقىنى خىتاي ھاكىمىيىتى ئىزچىل ئىنكار قىلىپ كەلمەكتە. گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋەلى تۇرسۇننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ۋىرۇسنىڭ زەربىسىگە ئەڭ قاتتىق ئۇچرىغان خەلقلەردىن بىرى ئۇيغۇرلار بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

13-مارت گېرمانىيەنىڭ دۆلەتلىك تاراتقۇسى بولغان «ARD» تېلېۋىزىيە قانىلى ئېلان قىلغان «مېركېل فېدېراتسىيە ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ دوكلاتىنى باستۇرۇپ قويغانلىقىنى ئىنكار قىلدى» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىشىچە، ئۆز ۋاقتىدا ئانجىلا مېركىل فېدېراتسىيە ئاخبارات ئىدارىسىدىن دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ۋاقتى كەلگەندە ئۆزى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ باستۇرۇپ قويغان. تەھلىلچىلەر: «بەلكىم مېركىل خەلق ئىچىدە ساراسىم پەيدا قىلماسلىق ھەم خىتاي بىلەن دېپلوماتىك كىرىزىسكە پېتىپ قالماسلىقنى ياكى سىياسىي كوزىر سۈپىتىدە پايدىلىنىشنى ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن» دەپ قاراشماقتا.

بىراق ئانجىلا مېركىل 13-مارت ئاخبارات ئاستىلىرىغا قىلغان سۆزىدە، ئۆزىنىڭ بۇ دوكلاتنى باستۇرۇپ قويغانلىقىنى رەت قىلغان. ئاخبارات ۋاسىتىلىرى يەنە مەزكۇر دوكلاتنىڭ گېرمانىيەنىڭ مېركىلدىن كېيىنكى باش مىنىستىرى ئولاف شولتزنىڭ ئىشخانىسىدا بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە. ئەمما ھازىرقى باش مىنىستىر ئولاف شولتزمۇ 13-مارت مەزكۇر دوكلاتنى باستۇرۇپ قويغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ، «بۇ يەر بۇنى مۇزاكىرە قىلىدىغان جاي ئەمەس» دېگەن ۋە مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان. شۇنداق بولسىمۇ، ئانجىلا مېركىل ۋە ئولاف شولتز ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىد نىشانىغا ئايلانماقتا.

گېرمانىيە فېدېراتسىيە ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ خىتايدىن ۋىرۇس تارقىلىپ ئارىدىن 5 يىل ئۆتكەندە بۇ ئۇچۇرنى «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» ۋە «زامان» گېزىتى ئارقىلىق ئاشكارىلىشى زور غۇلغۇلىلارغا سەۋەبچى بولماقتا. خىتاي تەرەپ 12-مارت دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ «كورونا ۋىرۇسى مەسىلىسىدە، خىتاي ھەرقانداق شەكىلدىكى سىياسىي تەقىبلەشكە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ» دېگەن ۋە 2021-يىلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋۇخەندە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ۋىرۇسنىڭ تەجرىبىخانىدىن چىقىپ كەتمىگەنلىك خۇلاسىسىنى چىقارغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ھالبۇكى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئۆز ۋاقتىدا خىتاي تەرەپ مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىمىگەنلىكى ۋە تەكشۈرۈشكە چەكلىمە قويغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭدىن خۇلاسە چىقىرالمىغانلىقىنى، تەكشۈرۈشنىڭ تېخى ئاخىرلاشمىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

نۆۋەتتە گېرمانىيەدە كورونا ۋىرۇسىنىڭ «ۋۇخەندىكى ھايۋاناتلار بازىرىدىن تارقالغان تەبىئىي ۋىرۇسمۇ ياكى ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىدىن تارقالغان سۈنئىي ۋىرۇسمۇ؟» دېگەن تېما ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلار ئەۋجىگە چىقماقتا. خەۋەرلەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، دۆلەتنىڭ تەكلىپى بىلەن گېرمانىيەدىكى بىر بۆلۈك ۋىرۇس تەتقىقاتچىلىرى فېدېراتسىيە ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ دوكلاتى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان. ئەگەر بۇ ۋىرۇسنىڭ «خىتاينىڭ ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىدىن تارقالغان سۈنئىي ۋىرۇس» ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشسە، خىتاينى ئېغىر باش ئاغرىقىغا گىرىپتار قىلىدىكەن. گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندى بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.

14-مارت «ئاپونېت» تورىدا ئېلان قىلىنغان مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە ياۋروپادىكى 18 دۆلەتتە كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 289 مىليون كىشىگە يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 16 مىليون 800 مىڭ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان. يالغۇز گېرمانىيەدىنلا 2 مىليون 300 مىڭ ئىنسان ئۆلۈپ كەتكەن.