يېقىندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2025-يىلدا ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارىدىغان ئىسلاھات خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى سۈپىتىدە چوڭ كۆلەمدىكى 155 تۈر ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى نىشان قىلغان «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ 2025-يىللىق خىزمەت نۇقتىلىرى» رەسمىي تارقىتىلغان.
«شىنخۇا تورى» نىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ خىزمەت پىلانىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي، سانائەت، ئېنېرگىيە، سودا-ئىقتىساد، ئىدېئولوگىيە قاتارلىق ساھەلەرنى ئىدارە قىلىش بويىچە 13 ئىستراتېگىيەلىك ئىسلاھات پىلانى تەكىتلەنگەن.
26-فېۋرال ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان «جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي «شىنجاڭ بىر شاھمات تاختىسى بولسا، جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇنىڭ كۆزى» ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان.
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتى ماھىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەۋزەل شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ، رايوننى ھەر قايسى جەھەتلەردىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ئىچكىرى خىتايغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، جۈملىدىن ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى كۈچلەندۈرۈش ئىكەن. ئۇ يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر يۈرۈش تەدبىر-سىياسەت ۋە ئىسلاھاتلىرىنىڭ تامامەن خىتاينىڭ ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
خەۋەردە، مەزكۇر خىزمەت ۋەزىپىلىرىنىڭ «بىرلىككە كەلگەن دۆلەت بازىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تىجارەت ئورۇنلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ياخشىلاش» ئىكەنلىكى داۋراڭ سېلىنغان.
ئامېرىكادا ياشاۋاتقان تۇڭگان ئانالىزچى ماجۈ ئەپەندى بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ختاي دۆلىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدىكى يوشۇرۇن كۈچ ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن دەپ قارايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي نۆۋەتتە يەنە ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆزىنىڭ ئېنېرگىيە تولۇقلاشتىكى بازىسى قىلىشقا تىركەشسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ئېلىدە «ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات» قاتارلىق ھەر خىل ناملار بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ كېيىنكى يېرىمىنى تاماملاشقا ئۇرۇنماقتا ئىكەن. ئۇ ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى؛
«ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ ئىسلاھات-ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشىنىڭ ھەممىسى يەرلىك خەلقنى ئۆز ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىشنىڭ بىر يولىدۇر. ئۇنداقتا، بارلىق بۇ ئىسلاھاتلارنىڭ مەقسىتى نېمە دەپ قارايدىغان بولساق، بۇ خىتايلارنىڭ رايوندىكى ئىقتىساد ۋە سىياسەتكە بولغان كونتروللۇقىنى كۈچەيتىش بولۇپ، خىتاينىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاتالمىش ئىسلاھاتلىرىنىڭ ئارقىسىغا ئاشكارىلانمىغان نۇرغۇن سىرلار يوشۇرۇنغان دەپ قارايمەن. ھالبۇكى، بۇ پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەھۋال ئەمەس. چۈنكى يېقىنقى ئىككى كۈندە شى جىنپىڭ يۈننەننى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ھازىر ئۇ يەردىمۇ ھەر خىل ئورۇنلاشتۇرۇشلار ئېلىپ بېرىلماقتا. شۇڭا بىز ئۇنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇددىئاسىنىڭ ناھايىتى ئېنىق، ئىلگىرىلەشنىڭ ناھايىتى تېز ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز.»
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنى بىرلەشتۈرۈش ۋە بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇشنى كۈنسايىن كۈچەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم. دەرۋەقە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ يىللىق «ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋەزىپىلىرى» نىڭ ئىچىدە 14 ۋىلايەت ۋە شەھەرنىڭ ئىجتىمائىي-ئىقتىسادى تەرەققىياتىدىكى توسالغۇ ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بىڭتۈەننىڭ باشلامچىلىق روھىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2025-يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارىدىغان ئىسلاھات خىزمەت ۋەزىپىلىرىدە يەنە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك بازىسى قىلىشنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ۋەزىپىلەر ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ما جۈ زىيارەت داۋامىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2025-يىللىق ئىسلاھات خىزمەت پىلانىنىڭ كۆرسەتمىلىرىدە خەلق تۇرمۇشى كاتېگورىيەسى ئەڭ ئاخىرقى ئورۇنغا قويۇلۇپ، دۆلەت بىخەتەرلىكى، ئىجتىمائىي باشقۇرۇش قاتارلىقلارنى خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئالدىدا قويغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە، شى جىنپىڭ دەۋرىدە خىتاينىڭ يەنىلا مەيلى قايسى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەندىزىسىنى قوللاشتىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنىڭ بۇ تاكتىكىلىرىنىڭ ماھىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى؛
«ئەمەلىيەتتە، بىز خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىدە يېزا خەلقىنىڭ غايەت زور بەدەل تۆلىگەنلىكىنى بىلىمىز. مەيلى ماۋ زېدۇڭ دەۋرى، دېڭ شياۋپىڭ دەۋرى، جياڭ زېمىن دەۋرى ياكى خۇ جىنتاۋ دەۋرى بولسۇن، بۇ خىل ئۇسۇل ئىزچىل قوللىنىلىپ كېلىنگەن. ھازىرقى مەزگىلدە بولسا، بىز ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بارلىق پىلان ۋە تەدبىرلەرنىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بەلگىلىك رول ئوينىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز. ئەمما شەك-شۈبھىسىزكى، خىتاي كومپارتىيەسى يەنىلا ئۇيغۇرلارنى تەبىئىي بايلىقلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇشتەك بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئاتالمىش تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن تىنىمسىز تېپىرلاۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. شۇڭا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىسلاھات خىزمەت پىلانلىرى ئۆتمۈشتە قوللانغان ئۇسۇل بىلەن بىردەك بولۇپ، بۇ ھەقىقەتەن بىر نومۇسسىزلىقتۇر. »
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ مەيلى قايسى دەۋردە، مەيلى كىم ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ھەر خىل سىياسىي-تەدبىر يۈرگۈزۈش ۋە ئىسلاھات قىلىش شوئارى ئاستىدا ئۇيغۇر ئېلىنى مۇستەملىكە قىلىش ۋە تالان-تاراج قىلىشتەك قەبىھ نىيىتىدىن ۋاز كەچمەيدۇ، دەپ قارىماقتا.