خىتاي كومپارتىيە رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بىر نەچچە يىل بۇرۇن ئېيتقان «شەرق يۈكسەلدى، غەرب زاۋاللىققا يۈزلەندى» دېگەن سۆزى غەرب تاراتقۇلىرىدا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلغانىدى. ئانالىزچىلار بۇ سۆزنى «شى جىنپىڭنىڭ خىتاينى 21-ئەسىردىكى دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك دۆلەت قىلىش ئارزۇسىنىڭ ئىپادىلىنىشى» دەپ قارىغانىدى.
خىتاينىڭ دۆلەت تاراتقۇلىرىمۇ «شى جىنپىىڭ دەۋرىدىكى بۈيۈك مۇۋەپپەقىيەتلەر» نى توختىماي تەشۋىق قىلغان، 2018-يىل «مېنىڭ دۆلىتىم قالتىس» (厉害了,我的国) دېگەندەك تەشۋىقات فىلىملىرىنى بازارغا سالغانىدى. كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىقات مىنىستىرلىكى بۇ فىلىمنى قويۇشنى توختىتىپ قويغان بولۇپ، بۇنىڭغا ھېچقانداق ئىزاھات بەرمىگەن؛ كۆزەتچىلەر بۇنىڭ سەۋەبىنى «خىتاي بۇ فىلىم ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىدىغاندەك تەسىر بېرىپ قويۇشتىن، ئامېرىكا بىلەن بولۇۋاتقان سودا جېڭىدە ئېغىر زىيان تارتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن» دەپ تەھلىل قىلغانىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ 2019-يىلدىكى ئېكسپورت سوممىسى 2 تىرىللىيون 600 مىليارد دوللارغا يەتكەن بولۇپ، ئامېرىكانىڭ 2 تىرىللىيون 500 مىڭ دوللارلىق ئېكسپورت سوممىسىدىن ئېشىپ كەتكەن. ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشى، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ كوۋىد يۇقۇمى مەزگىلىدە زەربىگە ئۇچرىشى قاتارلىق بىر قاتار سەۋەبلەر غەرب دۇنياسى زاۋاللىققا يۈزلىنىۋاتقاندەك، خىتاي كۈچىيىۋاتقاندەك تەسىراتنى پەيدا قىلغان.
ئەمما ۋۇخەندىن يامرىغان كوۋىد ۋىرۇسى ۋە 2022-يىل قاتتىق ئىجرا قىلىنغان قامال سىياسىتى خىتاينىڭ ئۆزىنىمۇ ئىقتىسادىي زەربىگە ئۇچراتقان بولۇپ، 2023-يىل كىرگەندىن بۇيان خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئازراق ئۆرلەش كۆرۈلگەندىن كېيىن يەنە تۆۋەنلىگەنلىكى ۋە بىر ئىزدا توختاپ قالغانلىقى خىتاي ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ كىرىزىس بولۇپ قالغان. ئەمەلىيەتتە، خىتاي ئىقتىسادىنى بۇ ھالغا ئېلىپ كەلگەن باش رولچى شى جىنپىڭ بولۇپ، ئۇنىڭ دۆلەت كارخانىلىرىنى يۆلەپ، خۇسۇسىي كارخانىلارغا زەربە بېرىشى، «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا ھەددىدىن زىيادە مەبلەغ سېلىپ، خىتاينىڭ دۆلەت خەزىنىسىنى قۇرۇتۇشقا باشلىغانلىقى خىتاينى كىرىزىسقا يۈزلەندۈرۈۋاتقان تۈپ سەۋەب دەپ قارىلىشقا باشلىغان.
يېقىندا «سىياسەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاي نېمىشقا غەرب دۇنياسى ئويلىغاندەك ئۇنچە كۈچلۈك ئەمەس؟» ناملىق ماقالىدە، شى جىنپىڭنىڭ ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىنىڭ غەرب كارخانىلىرىنى قايىل قىلالمايۋاتقانلىقى ھەمدە غەرب سىياسەتچىلىرىنى بالدۇرراق ھوشىنى تېپىشقا ئۈندەۋاتقانلىقى تەھلىل قىلىنغان.
بۇ ماقالىدە بېرىلگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، خىتاي-ياۋروپا سودا جەمئىيىتىگە ئەزا 1700 كارخانا ۋە شىركەت ئىچىدە ياۋروپا شىركەتلىرى كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىكەن، تەكشۈرۈش داۋامىدا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 570 شىركەتنىڭ خىتايغا بولغان ئىشەنچىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولغان. بىر قىسىم غەرب شىركەتلىرى باشقا دۆلەتلەرگە قىزىققان، 11 پىرسەنت كارخانا خىتايدىن ئايرىلىشنى ئويلاشقان، يەنە 11 پىرسەنت كارخانا خىتايدىن ئايرىلىشنى قارار قىلغان.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، كوۋىدتىن كېيىن خىتاينىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى (GDP) نىڭ تۆۋەنلىشى، ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ كاساتلىشىشى، ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ خەتەرلىك سەۋىيەگە چۈشۈپ قېلىشى(بەزىلەرنىڭ مۆلچەرىچە ئىشسىزلىق نىسبىتى 50 پىرسەنتكە يەتكەن)، ئالى باباغا ئوخشاش خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ بېسىمغا ئۇچرىشى، چەتئەلنىڭ ۋە خىتاينىڭ نۇرغۇن شىركەتلىرىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ سولچىل، ئەخمىقانە، بىمەنە سىياسەتلىرىدىن نارازى بولۇشى ۋە ھۆكۈمەتكە ئىشەنمەسلىكى ۋە بەزىلىرىنىڭ چەت ئەلگە مەبلەغ يۆتكەشكە باشلىغانلىقى، خىتايدىكى ئىچكى ئېھتىياجنىڭ تۆۋەنلەپ بازارنىڭ سوۋۇپ قېلىشى، يەنى خىتاي ئىستېمالچىلىرىنىڭ كوۋىد مەزگىلىدىن بۇرۇنقىدەك پۇل خەجلىمەسلىكى خىتاينىڭ ئىقتىسادىنى تېخىمۇ چوڭ كىرىزىسقا يۈزلەندۈرمەكتە ئىكەن؛ ئەگەر بۇ كىرىزىسلار ئېغىرلاشسا، خىتاينىڭ غەرب ئەللىرى ئويلىغاندەك كۈچلۈك دۆلەت بولالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «كوممۇنىست خىتاي نەچچە ئون يىلدىن بېرى ئىقتىسادىي قۇرۇلما مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلالمىدى. شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىسادىي يۈزلىنىش خىتايغا داۋاملىق پايدىسىز بولىدۇ. خىتاي شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى تەدبىر قوللانمىغاچقا، ئىقتىساد ۋە پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنى تۈزەيدىغان ئۈنۈملۈك چارىسى قالمىدى. ئىقتىسادىي كىرىزىسنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىياسەتلىرى، ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش پىلانلىرىمۇ ۋاقىتلىق تەدبىر بولۇپ، ئۇ پەقەت خىتاينىڭ تۈزۈلمە خاراكتېرلىك مەسىلىسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدۇ ۋە خىتاينى تېخىمۇ قىيىن ئەھۋالدا قويىدۇ».
گوردون چاڭ ئەپەندى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چۆكۈشىدىكى سەۋەبلەرنى شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىگە باغلاپ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي خەلقىنىڭ ھازىر كۆرۈۋاتقىنى دۆلەتنىڭ ھەممىنى قايتىدىن كونترول قىلىۋېلىشى ۋە دۇنيادىن يىراقلاپ كېتىشى. بۇ سىياسەتلەر خىتاي ئىقتىسادىنى، خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى ئاجىزلاتماقتا. خىتاي ھاكىمىيىتى ھازىر ھەقىقىي مەنىدە ئۆزىنى ھالاك قىلماقتا. خىتاي ھازىر چەتئەلنىڭ مەبلىغى ۋە تېخنىكىسىغا تولىمۇ موھتاج. ئەمما شى جىنپىڭنىڭ چەتئەل دۈشمەنلىكى چەتئەل شىركەتلىرىنى خىتايدىن قاچۇردى، تېخنىكىلىق كۈچكە ئەھمىيەت بېرىدىغان خىتاي ئەمەلدارلىرىمۇ بۇ بىر نەچچە ئايدىن بېرى ئۇلارغا تەربىيە ئىشلەپ ھېچكىمنى ئىشەندۈرەلمىدى. خىتاينىڭ گېپى باشقا، قىلىۋاتقانلىرى باشقا. خىتاي ھازىر ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى بويىچە ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ، ئۇ ھالدا چەت ئەللىكلەر ئەلۋەتتە قېچىپ كېتىدۇ».
كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، سودا ۋە سىياسەت ئانالىزچىسى ماتتىۋ فۇلكو (Matthew Fulco) 9-ئاۋغۇست كۈنى linkedin تورىدا باھا يېزىپ، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زاۋاللىق دەۋرىگە كىرگەنلىكىنى، بۇنىڭدىكى بىرىنچى سەۋەبنىڭ شى جىنپىڭنىڭ سولچىل، ھاكىممۇتلەق سىياسىتى ۋە خەلقئارادىن زەربە يەۋاتقان ئىقتىسادى ئىكەنلىكىنى تەھلىل قىلغان؛ ئاندىن شى جىنپىڭنىڭ بۇ سىياسىي، ئىقتىسادىي، دىپلوماتىك كىرىزىسنى ھەل قىلالىشىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى دوكتور ئاندېرس كور ئەپەندى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلىشىنىڭ ياخشى ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاپ قالدى، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارايدىغان بولسىڭىز، ئۇ تەخمىنەن ئىككى ھەسسە تۆۋەنلىدى، بۇرۇن 10 پىرسەنتتىن ئېشىپ ماڭاتتى، بىر نەچچە يىل ئاۋۋال 5.7 پىرسەنتكە چۈشتى. بۇنداق مۇستەبىت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگۈچى ھاكىمىيەتنىڭ ئىقتىسادىنىڭ چۆكۈشى ياخشى ئەھۋال. بۇنداق دېيىشىمدىكى سەۋەب، بۇنداق ئەھۋالدا خىتاي تەھدىت پەيدا قىلالمايدۇ، چۈنكى خىتاي ھازىر يادرو قوراللىرىنى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يادرو كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ھەسسىلەپ مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ».
ئەمما ئاندېرس كور ئەپەندى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلىشىنى تەھدىتنىڭ ئازلىشى دەپ قاراشقا تېخى بالدۇرلۇق قىلىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ يەنە كۈچىيىپ تەھدىت پەيدا قىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى: «باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، خىتاينىڭ ئىقتىسادى گەرچە ئازراق تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، دۆلەت كۈچى يەنىلا ئېشىۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇ يەنىلا ئىنتايىن خەتەرلىك دۈشمەن. ئۇنىڭغا ئازراق بىخۇدلۇق قىلساق بېشىمىزغا بالاسى ئاپەت ياغىدۇ. بىز خىتاي ئىقتىسادى چېكىندى، خەتەر ئازايدى دەپ خوش بولۇپ، ئۆزىمىزنى مەغلۇبىيەتكە دۇچار قىلماسلىقىمىز كېرەك. خىتاي مۇستەبىت پۇتىنغا، شىمالىي كورېيەگە، ئىرانغا ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن ئېفىيوپىيە بىلەن بىرمىغا ياردەم قىلىۋاتقان بىر دۆلەت، ئۇلار يەنىلا چوڭ تەھدىت، بىز بۇ ئىشقا ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەك جىددىي قارىشىمىز لازىم».
خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مۆجىزىسىنىڭ ئاخىرلىشىشى ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرى ئۈچۈن خىتاينى ئاجىزلىتىشنىڭ بىر ياخشى پۇرسىتى بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ ئاندېرس كورنىڭ قارىشىچە، ھازىرچە ئالدىراپ خۇش بولغىلى بولمايدۇ. بايدىن ھۆكۈمىتى، شۇنداقلا ياۋروپا دۆلەتلىرى تېخى خىتايغا قاتتىق زەربە بېرىش يولىنى تۇتمىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز چوقۇم چىداپ بولسىمۇ بەزى خەتەرنى ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىز، مەيدانىمىزنى مۇستەھكەم قىلىشىمىز كېرەك. مەنچە بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى، خىتاي بىلەن بولۇۋاتقان سودىنى چەكلەش، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەك (چىپ) نى قاتتىق كونترول قىلىش. يەنى، خىتاي بىلەن ئۇرۇش قىلماي تۇرۇپمۇ بىز قىلالايدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار، خىتاينىڭ مۇستەبىتلىكىنى، قوشنىلىرىغا تاجاۋۇز قىلىشىنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشىنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدىغانلىقىمىزنى ھەر ۋاقىت بىلدۈرۈشىمىز كېرەك».
«سىياسەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ھەر يىل 10 پىرسەنتتىن ئاشىدىغان دەۋرىنىڭ قايتىپ كېلىشى تەس ئىكەن، ھازىرقىدەك 5 ياكى 5.5 پىرسەنتلىك ئېشىش خىتاينىڭ ھەرگىز بۇرۇنقى يول بىلەن تەرەققىي قىلالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. ھازىر ئامېرىكادىن باشلاپ ياۋروپاغىچە رەھبەرلەرنىڭ ھەممىسى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ خارابلىشىشىدىن كېلىدىغان خەتەرنى قانداق تۈگىتىشنى مۇھاكىمە قىلىشقا باشلىغان. گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شۇلىز خىتاينىڭ كەلگۈسى ئىقتىسادىدىن ئەنسىرەشكە باشلىغان. فىرانسىيە پرېزىدېنتى ئېمانۇل ماكرون خىتاينىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى تەنقىدلىگەن. ئىتالىيە باش مىنىستىرى گىئورگىيا مېلونى خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» پىلانىدىن چېكىنمەكچى بولغان. مانا بۇلار خىتاينىڭ داۋاملىق يۈكسىلىش ۋە دۇنياغا كېڭىيىش چۈشىنىڭ ئاسانلىقچە ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ھەمدە شى جىنپىڭ تۇتقان يولنىڭ خىتاينى ھامان زاۋاللىققا ئېلىپ ماڭىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن.