خىتاي ب د ت نى كۈچلەندۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى مۇستەھكەملەشكە تىرىشماقتا

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستېرى دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا بىر خەلقئارالىق سىمپوزىيۇم ئۆتكۈزۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رولىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى ۋە تەسىرىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشكە ئۇرۇنغان. خىتاينىڭ يەر-شارى ۋاقتى گېزىتىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىغىنغا 100 دىن ئارتۇق مېھمانلار قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە چەتئەل ئەلچىلىرى ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ بار ئىكەن. بۇ يىغىندا ب د ت نىڭ رولىنى كۈچەيتىپ خەلقئارالىق تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش باش تېما قىلىنغان.

يەر-شارى ۋاقتى گېزىتىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستېرى ۋاڭ يىنىڭ بۇ يىغىنغا ئەۋەتكەن يازما باياناتىدا، «بۇ يىل دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبە قازانغانلىقىنىڭ، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى بولۇپ، بۇ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بىر ھالقىلىق دەۋردۇر» دېگەن.

ۋاڭ يى سۆزىدە يەنە، «بىز ب د ت نىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى ۋە بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ب د ت نىڭ ئاساسلىق رولىنى جارىي قىلدۇرۇپ ھەممەيلەن بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ھەقىقىي كۆپ-تەرەپلىمىلىكنى تەرغىب قىلىمىز. بىز بىرلىكتە بۇ ئۆزگىرىشچان ۋە قالايمىقان دۇنياغا مۇقىملىق ئېلىپ كېلىپ، تېخىمۇ ئادىل ۋە باراۋەرلىككە ئىگە بولغان خەلقئارالىق باشقۇرۇش سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىشقا ئىجابىي ئېنېرگىيە بېرىمىز» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلىدىن بېرى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بارغان قەبىھ جىنايەتلىرىنى ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ 10 دىن ئارتۇق ئىتتىپاقداشلىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بارغان بۇ جىنايەتلىرىنى ب د ت مۇ 2022-يىلى ئاۋغۇستتا دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۇلارنى ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان جىنايەت بولۇشى مۇمكىن دەپ جاكارلىغان ئىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن ب د ت دا ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ئورنىنى ۋە تەسىرىنى تىكلەشكە تىرىشقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ب د ت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان جىنايەتلىرىنى دەلىل-ئىسپاتلىرى بىلەن ئاشكارلىغىنىدا، خىتاي ب د ت نى ئەيىبلەپ ئۆزىنىڭ جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان ئىدى.

جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتىدە خىتاينىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىكى توغرىسىدا يېزىلغان ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستېرى ۋاڭ يى شەنبە كۈنى ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستېرى تاكېشى ئىۋايا بىلەن توكيودا كۆرۈشكىنىدە، ئىككى تەرەپنىڭ تېخىمۇ كۆپ دىئالوگ ۋە ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشىنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما بىر كۈن ئۆتە-ئۆتمەيلا خىتاينىڭ ھەربىي پاراخوتى ياپونىيەگە تەۋە سىنكاكو(ختايچە: دىياۋيۈ) ئارىلى ئەتراپىدا بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ياپون كېمىلىرىنى قوغلاپ چىقارغان. ماقالە توكيو خەلقئارالىق ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارالىق ئىستراتېگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى رىيو خىناتا-ياماگۇچىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، «ئۇلار دىپلوماتىك سورۇنلاردا ياخشى نىيىتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرى نەق ئۇنىڭ ئەكسى» دېگەن.