خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ يېقىندا ئاياغلاشقان خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدا دۆلەتنىڭ ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك پىلانىنى ئېلان قىلغان ۋە دۆلەتنىڭ ئاساسلىق بانكىلىرىنى 500 مىليارد يۈەن ھۆكۈمەت مەبلىغى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
«نىككى ئاسىيا» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ خىتاينىڭ 1997-يىلدىكى ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىدىن بۇيان، تۇنجى قېتىم زور مىقداردىكى ھۆكۈمەت مەبلىغىنى دۆلەت ئىلكىدىكى بانكىلارغا سېلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن، شۇنداقلا بۇ پىلان باسقۇچلۇق ھالدا يولغا قويۇلىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 1998-يىلى ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى يۈز بەرگەندىمۇ، خىتاي بىر يىلدىن كېيىن 270 مىليارد يۈەن ئالاھىدە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق زايوم تارقىتىشنى قارار قىلىپ، بۇ ئارقىلىق توپلانغان مەبلەغنى دۆلەت ئىلكىدىكى 4 چوڭ بانكىسىغا كىرگۈزگەن ئىكەن. ھازىر بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىلكىدىكى ئاساسلىق بانكىلارغا 500 مىليارد يۈەنلىك ياردەم قىلىشقا تەييارلانماقتىكەن. نۆۋەتتە خىتاي ئىقتىسادى خىتايدىكى ئۆي-مۈلۈك كىرىزىسى ۋە ئىشسىزلىق قاتارلىق مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن ناچار ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، بۇ 500 مىليارد يۈەنلىك ھۆكۈمەت مەبلىغىنىڭ ئىقتىسادنى ئوڭشاشتا قانچىلىك پايدىسى بولىدۇ؟ بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنىۋاتقان مۇلاھىزىلەردە بۇنىڭ بەك چوڭ پايدىسى بولمايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ئامېرىكادىكى راند تەتقىقات مەركىزىنىڭ خىتاي ئىشلىرى بويىچە مۇتەخەسسىسى دوكتور رايموند كومۇ شۇ خىل كۆز قاراشتا. ئۇنىڭ دېيىشىچە، خىتاي ئىقتىسادى ئېكسپورت ۋە مەھسۇلاتقا ھەددىدىن زىيادە تايىنىپ قالغاچقا، ھۆكۈمەت ياردەم مەبلىغىنىڭ ئۈنۈمى چەكلىك بولىدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«ئەلۋەتتە، بۇ مەبلەغنىڭ زىيىنى بولمايدۇ. 2008-يىلى يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي چېكىنىش بولغاندىمۇ خىتاي بۇ ئۇسۇلنى قوللانغان. ئەمما ئۇ ۋاقىتتا خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ھازىرقىدىن كۈچلۈك ئورۇندا ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاي 2008-يىلىدا بۈگۈنكىدەك دۇنيانىڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلىنىش يولىدا مېڭىۋاتقان ۋاقتى بولغاچقا، ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىش ئارقىلىق ئىقتىسادىنى زورايتىش ئىمكانىيىتى بار ئىدى. خىتاي ئىقتىسادى ھازىر ئېكسپورتقا ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا ھەددىدىن زىيادە تايىنىپ قالدى. ھازىر باشقا دۆلەتلەر خىتاينىڭ بۇنداق ئىقتىساد مودېلىنى داۋاملىق قوبۇل قىلىشنى خالىمايۋاتىدۇ. چۈنكى بۇ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئىشلەپچىقىرىش سانائىتىنى يوقىتىپ قويۇشىغا سەۋەب بولدى. شۇڭا ھازىر بۇ دۆلەتلەر پەقەتلا تاموژنا جازالىرى بىلەن ئەمەس، باشقا تەدبىرلەر بىلەنمۇ خىتاي ئېكسپورتىنى چەكلىمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئەگەر خىتاي يەنە بۇرۇنقىغا ئوخشاش بۇ 500 مىليارد يۈەننى ئېكسپورت ساھەسىگە ياردەم بېرىشقا قوشسا، ئۇ ھالدا ئۇ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىدىكى مەسىلىنى يەنىمۇ زورايتىدۇ، دەپ قارايمەن. ئۇنىڭ ئورنىغا، ھۆكۈمەت بۇ مەبلىغىنى ئىستېمالچىلارنى يۆلەشكە ئىشلەتسە، ئۇ ھالدا ئىقتىسادقا بەكرەك پايدىسى بولۇشى مۇمكىن.»
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 90-يىللىرىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ كۆلىمى 20 ھەسسىگە يېقىن كېڭەيگەن بولۇپ، بانكا قەرزىمۇ ئېشىپ كەتكەن. بۇ تېز ئېشىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ بىرى ئۆي-مۈلۈك كەسپى بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 30 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن. خىتايدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرمۇ ئۆي-مۈلۈك تەرەققىيات شىركەتلىرىگە دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى يەرلەرنى يۇقىرى باھادا ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىش ئارقىلىق غايەت زور كىرىم ياراتقان. ئەمما كۆپ يىللىق ئۆي-مۈلۈك ئېچىشتىن كېيىن، بۇ ساھە پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان. ھازىر خىتايدىكى بانكاچىلىق ساھەسىنىڭ ئۈنۈمسىز قەرزىمۇ زورايغان.
بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلەردە خىتاينىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ئەھۋالى 1990-يىللاردىكى ياپونىيە دۇچار بولغان «كۆپۈك ئىقتىساد» قا ئوخشىتىلغان. «كۆپۈك ئىقتىساد» ياپونىيەدە 1980-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 90-يىللارنىڭ بېشىغىچە بولغان ئۆي-مۈلۈك ۋە پاي بازىرى باھاسىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى تېز ۋە سىجىل بولمىغان پۇل پاخاللىقىنى باشتىن كەچۈرۈشى ۋە ئارقىدىن ئىقتىسادنىڭ قاتتىق يىمىرىلىپ، ئۇزۇن يىل ئەسلىگە كېلىش باسقۇچىدىن ئۆتۈشىدەك بىر ۋەزىيەتكە دۇچار بولۇشىغا بېرىلگەن ئىسىم ئىكەن. بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭمۇ «كۆپۈك ئىقتىساد» نى باشتىن كەچۈرىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىشماقتا. ئەمما رايموند كونىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ھازىرقى ئىقتىسادى ئەھۋالى ئەينى ۋاقىتتىكى ياپونىيەنىڭكىدىنمۇ مۇرەككەپ بولۇشى مۇمكىنكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«ئەلۋەتتە، بۇنى ياپونىيەدە 90-يىللاردا يۈز بەرگەن ئۆي-مۈلۈك ۋە پۇل-مۇئامىلە كۆپۈكىنىڭ پارتلىشى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ. بىراق مەن خىتاينىڭ كۆلىمى، سىياسىي قۇرۇلمىسى ۋە دۆلەتنىڭ تىجارەتكە ئارىلىشىشنىڭ چوڭقۇرلۇقى سەۋەبىدىن خىتاي دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسنى تېخىمۇ مۇرەككەپ، دەپ قارايمەن. ياپونىيەنىڭ ھېچ بولمىغاندا پىشىپ يېتىلگەن ئىستېمال ئىقتىسادى، كۈچلۈك ئورگانلىرى ۋە ھەرىكەتچان دېموكراتىيەسى بار ئىدى. شۇڭا ئۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بەزى تەڭشەشلەرنى ئېلىپ باردى. بىراق خىتاي بولسا، ئىقتىسادىي سىياسەتلەرنى سىياسىي قارارلار بىلەن كونترول قىلىدىغان چوڭقۇر گىرەلىشىپ كەتكەن سىستېما بەرپا قىلدى. ھەقىقىي مەنىدىكى بىر ئىقتىسادىي تەشكىللىنىش، بولۇپمۇ ئىستېمالچىلارنى ئىشلەپچىقارغۇچىلاردىن مۇھىم ئورۇنغا قويىدىغان تەشكىللىنىش، ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى بۇزۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. جۈملىدىن بۇ پەقەت ئىقتىسادىي خىرىسلا ئەمەس، بەلكى بىر سىياسىي خىرىستىن ئىبارەت. ئەمما بىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تارىخىغا قارايدىغان بولساق، ئۇ ئۆزىنىڭ كونترول قىلىشتىن ئىبارەت قىممەت قارىشىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى نامايان قىلىپ كەلدى.»
«نىككىي ئاسىيا» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ خىتاينىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە، 500 مىليارد يۈەنلىك ھۆكۈمەت مەبلىغى پىلانىنى خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا مۇناسىۋەتلىك ئەندىشىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ بۇ پىلاننىڭ قانداق ئەمەلىيلىشىدىغانلىقى ھەققىدىكى تەپسىلاتلار ئۈستىدە توختالمىغان. ئاندىن ئۇ يەنە، ئىلگىرىكى باش مىنىستىرلار قىلغاندەك، خىتاي ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىدىغان ئاخبارات يىغىنىمۇ ئۇيۇشتۇرمىغان. «نىككى ئاسىيا» گېزىتىنىڭ دېيىشىچە، بۇنداق ئەھۋال چەت ئەل مەبلىغىنىڭ خىتايدىن چىقىپ كېتىشىنى يەنىمۇ تېزلەشتۈرىدىكەن. ئەمما شۇنداقتىمۇ، لى چياڭ ۋە باشقا پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ ھاكىمىيەتتىكى مونوپوللۇقىنى قوللاشتىن باشقا ئامالى يوق ئىكەن.
تۈركىيەدىكى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ئىقتىسادتا خالتا كوچىغا كىرىپ قېلىش ۋەزىيىتى ھاكىممۇتلەق تۈزۈمدىكى دۆلەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان بىر مۇتلەق ئاقىۋەت بولۇپ قالغان. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە ئامېرىكانىڭ تاموژنا بېجىنىمۇ ئۈنۈملۈك ھەل قىلالمىغانلىقىنى، ئىستېمالچىلىرىنىڭ ئىشەنچىنى ئاشۇرالمىغانلىقىنى، جۈملىدىن بۇ مەسىلىدە نەتىجە قازىنالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ شۇڭا تۈزۈلمە خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش يۈز بەرمىگۈچە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئوڭايلىقچە تۈزەلمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
«نىككىي ئاسىيا» گېزىتى بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە «خىتاي ئەسلىدە بۇ يىللىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ئۆي-مۈلۈك كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن رادىكال پىلاننى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك ئىدى. بۇنداق پىلان بولمىسا، ئۆي-مۈلۈك كىرىزىسىنىڭ ئومۇمىي ئىقتىسادقا ئېلىپ كېلىدىغان پاسسىپ تەسىرى پەقەت بىر يىلدىن ئىككى يىلغىچە ئەمەس، بەلكى بەش يىل ھەتتا تېخىمۇ ئۇزۇن داۋاملىشىدۇ. ھەتتا، ياپونىيەدەك كۆپۈك ئىقتىساد تەقدىرىگە دۇچ كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە خىتاي ئاللىقاچان چوڭقۇر پۇل پاخاللىقى گىردابىغا بېرىپ قالدى» دەپ يازغان.
«بلۇمبېرگ خەۋەرلەر» تورىنىڭ 17-مارت كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ ئالدىمىزدىكى ھەپتە خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ باشلىقلىرىنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار «كۇۋالكوم» شىركىتىنىڭ باشلىقى كىرىستىيانو ئامون ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ «ئارامكو» شىركىتىنىڭ باشلىقى ئەمىن ناسىر قاتارلىق باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ يىللىق ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش نىشانىنى 5 پىرسەنتكە يەتكۈزۈش پىلانى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ قوشۇمچە تاموژنا بېجى ۋە باشقا ئىقتىسادى مەسىلىلىرى سەۋەبىدىن ئەمەلگە ئاشماسلىقتەك خەۋپكە دۇچ كەلگەنلىكتىن، شى جىنپىڭ بۇ ئۇچرىشىشلار ئارقىلىق چەت ئەل مەبلىغىنىڭ سىرتقا ئېقىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئىزچىل ئاجىزلىشىشتەك ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشماقتىكەن.