خىتاي ھۆكۈمىتى 2022-يىلى نويابىردا ئۈرۈمچىدىكى بىر ئائىلىلەر بىناسىغا ئوت كېتىپ 40 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر ھاياتىدىن ئايرىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كەڭ كۆلەملىك نامايىشتىن كېيىن، ئۆزىنىڭ جازالاش نىشانىنى نامايىشنى قوللىغان ياكى ئۇنىڭغا قاتناشقان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان. خىتاينىڭ ھەر بىر شەھەر ۋە ئۆلكىلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ نامايىشلار «ئاق قەغەز» ھەرىكىتى دەپ ئاتالغان بولۇپ، مىڭلىغان ئون مىڭلىغان خىتاي ئاھالىسى قاتناشقان بۇ نامايىشقا بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان ۋەياكى ئۇنى قوللىغان ئىدى.
مەركىزى نيو-يوركتىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى 26-مارت كۈنى ئۆزىنىڭ تۋىتېر ھېسابىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىچۇەن ئۆلكىسىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ياشار شۆھرەتنىڭ «ئاق قەغەز» ھەرىكىتىنى قوللاپ چىقىپ، ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتقانلىقى ئۈچۈن 3 يىل كېسىلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ياشار ئۆزى بىر ئوقۇغۇچى بولۇشتىن سىرت، يەنە بىر ناخشىچى بولۇپ، ئۇ چېڭدۇدىكى نامايىشتا ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىدە ئۆلگەن ئۇيغۇرلارنى ئەسلەپ ناخشا ئېيتىپ ماتەم تۇتقان ئىكەن.
خىتايچە چىقىدىغان كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش تورىنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، ياشار شۆھرەت 1998-يىلى 25-ئىيۇل بۆرتالادا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ بۇ يىل 26 ياشقا كىرگەن ئىكەن. ئۇ دەسلەپتە شىنجاڭ مالىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇپ، كېيىن سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ پايتەختى چېڭدۇغا بىلىم ئاشۇرۇشقا بارغان ئىكەن. ئۇ تىرىشىپ ئوقۇشتىن سىرت، يەنە ناخشا ئىجات قىلىش ۋە ئېيتىش بىلەن نام چىقارغان ئىكەن.
باياناتتا ئېيتىلىشىچە، ياشار شۆھرەت 2022-يىلى 27-نويابىر كۈنى چېڭدۇدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا ئۇيغۇرچە تەزىيە ناخشىنى ئېيتقاندىن كېيىن، ساقچىلار ئۇنى نەق مەيداندا تۇتۇپ كەتكەن. يەرلىك ساقچى دائىرىلىرى دەسلەپتە ياشارنى چەتئەللىك دەپ ئويلاپ قېلىپ، ئۇنى «ئاممىنى يىغىپ تەرتىپنى بۇزۇش» گۇمانى بىلەن 21 كۈن تۇتۇپ تۇرغان ئىكەن. ياشار بۇنىڭدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ساقچىلار ئۇنى داۋاملىق كۆزىتىپ تۇرغان. ئەمما 2023-يىلى 9-ئاۋغۇست كۈنى ئۆلكە ئاتلاپ كەلگەن بۆرتالا ساقچىلىرى ئۇنىڭ ياتىقىغا بېسىپ كىرىپ ھېچقانداق جىنايەت ئارتماي تۇرۇپ ئۇنى تۇتۇپ بۆرتالاغا ئېلىپ كەتكەن.
بۆرتالا شەھەرلىك سوتى ئۇنى 2024-يىلى 20-ئىيۇن كۈنى ياشار ئېيتقان «ئويغان» قاتارلىق ناخشىلىرىدا ئىشلەتكەن سۆزلەردە «ئەسەبىيلىك تەرغىپ قىلىنغان» ۋە «ئەسەبىيلىكنى تەرغىپ قىلىدىغان ماتېرىيال ساقلىغان» دېگەن باھانە بىلەن ئۇنى 3 يىل كەسكەن. ياشار بۇ سوتنىڭ ھۆكۈمىگە نارازى بولۇپ، يۇقىرى سوتقا ئەرز قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يۇقىرى سوت ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا تۆۋەنكى سوتنىڭ ھۆكۈمىنى توغرا تاپقان. ھازىر ياشار ئىلى ئوبلاستىنىڭ شىخو تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ياشارغا ئوخشاش «ئاق قەغەز» ھەرىكىتىنى قوللاپ چىققان 19 ياشلىق كامىلە ۋايىتنىمۇ «ئەسەبىيلىكنى تەرغىپ قىلغان» دېگەن باھانە بىلەن 3 يىل كەسكەن بولۇپ، ئۇ ھازىر قەشقەرنىڭ مۇش ئاياللار تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە ئىكەن.