خىتاينىڭ غەرب دۆلەتلىرىگە بولغان دۈشمەنلىكى ۋە ھەربىي تەييارلىقى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ قانچىلىك خەتەرلىك ئىكەنلىكى ۋە دۇنياغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغانلار، خىتاينى تەتقىق قىلىپ باققان ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر چۈشەنگەن مۇتەخەسىسلەردۇر. ئەنگىلىيە گىئو-ئىستراتېگىيە مۇتەخەسىسى مەتىۋ ھەندېرسىن (Matthew Henderson) يازغان «خىتاي غەرب دۇنياسى بىلەن بولىدىغان ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلماقتا» ناملىق ماقالىدە كوممۇنسىت خىتاينىڭ غەرب دۇنياسى ئويلىغاندەك تىنچلىقسۆيەر، تەرەققىپەرۋەر ھاكىمىيەت ئەمەسلىكى، بەلكى غەرب دۇنياسىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكى ياخشى يورۇتۇپ بېرىلگەن.

25-ئاپرېل كۈنى «تېلېگراف» تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىدە، ئاپتور كوممۇنسىت خىتاينىڭ ئەزەلدىن ئۇرۇشقا، زوراۋانلىققا، بۇزغۇنچىلىققا مايىل خاراكتېرىنىڭ بارلىقىنى، كۈچلەنگەن ھامان غەرب دۇنياسىغا قارشى دۆلەتلەرنى ئەتراپىغا توپلاپ دۇنيانى ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈشكە ۋە يېتەكچى ئورۇنغا ئۆتۈشكە ھازىرلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ئەنگىلىيەنىڭ خىتايغا قاراتقان يۇمشاق سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

ئۇ ئەنگلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىسىتىرىنىڭ «خىتايدىن ۋاز كەچكەنلىك ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ مەسىلىسىدىن ۋاز كەچكەنلىك» دېگەن سۆزىنى تەنقىدلەپ، «قارىغاندا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ كوۋىد مەزگىلىدە تارقاتقان بىر قاتار يالغانلىرى ۋە زوراۋانلىقلىرىدىن، تىبەت، ئىچكىي موڭغۇل، خوڭكوڭ، شىنجاڭنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىشلاردىن ساۋاق ئالمىغان ئوخشايدۇ. خىتاي تەيۋەندەك بىر دېموكراتىك دۆلەتنى يۇتۇۋېلىشنىڭ قەستىدە، ئۇ يەنە ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىنادا قەبىھ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىگە ئىقتىسادىي ياردەم بەردى» دېگەن.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، كوممۇنسىت خىتاي ئىدېئولوگىيە جەھەتتىنلا دېموكراتىك دۆلەتلەر بىلەن سىغىشالمايدۇ. ئۇ بۇھەقتە مۇنداق يازىدۇ: «خىتاي كوممۇنىستلىرى ناھايىتى باي، ئۇلار سايلام بىلەن بارلىققا كەلمىگەن ماركىسىزمچىلار، ئۇلار ئامېرىكا ۋە ئەركىن دۇنيا بىلەن تەڭسىز جەڭگە كىرىشىڭ كويىدا. ئۇلارنىڭ لۇغىتىدە <تىنچلىق دەۋرى>، <تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش> دېگەن سۆزلەر يوق. بەزىلەر <خىتاي بولمىسا يادرو قوراللىرىنى چەكلەش مەسىلسىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ> دېيىشىدۇ. ئەمما خىتاي غەرب دۇنياسىنى خارابلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىدا دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ئۇرۇنماقتا ۋە تېخىمۇ زور كۆلەمدە يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولماقتا».

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن تور ئارقىلىق سۆھبەتتە. 2021-يىلى 15-دېكابىر، موسكۋا.
رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن تور ئارقىلىق سۆھبەتتە. 2021-يىلى 15-دېكابىر، موسكۋا. (AP)

ئالىي تەتقىقاتچى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ سابىق تاشقىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى جېففىرىي كەيىن (Geoffrey Cain)، ئەگەر خىتاي مۇشۇ تەييارلىق بىلەن ماڭسا ۋە ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىمىسا، كەلگۈسىدە ئۇرۇشتىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاي بىلەن ئامېرىكانى چوقۇم ئۇرۇشىدۇ دېيەلمەيمىز. نۇرغۇن ئىشلار نۆۋەتتىكى تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن. ئەگەر ئىشلار ھازىرقىدەك داۋاملىشىۋەرسە، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا كەلگۈسى 5 يىلدا ئۇرۇش پارتىلايدۇ، بۇ مېنىڭلا قارىشىم، ئەمەس، كۆپلىگەن ھەربىي مۇتەخەسسىسلەر مۇھاكىمە قىلىۋاتقان مەسىلە. ھېچكىم ئۇرۇشنى خالىمايدۇ، مەنمۇ خالىمايمەن. ئەمما مەسىلە شۇكى، خىتاي كەلگۈسى مەلۇم ۋاقىتتا تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن، خىتاي ھازىر شۇ يولغا كېتىۋاتقاندەك قىلىدۇ، خىتاي تەيۋەننى قايتۇرۇۋالماقچى، ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلسا، ئامېرىكا ئۇ يەرگە بېرىپ تەيۋەننى قوغدايدۇ، دېمەك، ئۇ چاغدا ئۇرۇش پارتلايدۇ».

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ھەربىي كۈچى ۋە تېخنىكىسى بىر-بىرىگە يېقىنلاپ قالغان دۆلەتلەر ئاسانلىقچە ئۇرۇشمايدۇ، ئەمما خىتاي ھەقىقەتەن تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىپ قالسا، ئۇرۇش پارتىلىشى مۇمكىن.

ئاپتور ئۇ ماقالىسىدە يەنە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، كىلىمات مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، چۈنكى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلسا، خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ تېخىمۇ بىمەنىلىك ئىكەنلىكىنى، چۈنكى خىتاينىڭ ئۆزىلا ۋىرۇس تارقالغان جاي ئىكەنلىكى ۋە بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى، كەلگۈسىدە چىقىدىغان ۋىرۇسنىڭ يەنىلا خىتايدىن چىقىشى مۇمكىنلىكىنى ۋە خىتاينىڭ ئۇنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئاپتور خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرىتارى شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ رەزىللىك ئىتتىپاقى قۇرغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن بىرلىشىپ، دېموكراتىيە ۋە قانۇن ئۈستىگە قۇرۇلغان خەلقئارا تەرتىپنى بۇزماقچى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئىنتېرنېت تورىدىن تارتىپ جاسۇسلۇققىچە، باشقا دۆلەت كاتىۋاشلىرىغا پارا بېرىشتىن تارتىپ ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىشكىچە، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىگە تەھدىت سېلىشتىن تارتىپ قورقىتىش دىپلوماتىيەسى ئېلىپ بېرىشقىچە، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي مەخپىيەتلىكى ۋە بىخەتەرلىك تېخنىكىسىنى ئوغرىلاشتىن تارتىپ مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر بىلەن ئىتتىپاق قۇرۇشقىچە، خەلقئارا ئورگانلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن تارتىپ تەشكىللىك ھالدا خاتا ئۇچۇر تارقىتىش ۋە يالغان تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشقىچە بارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشلەتمەكتە.

ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئەنگلىيە باش مىنىستىرى رىشى سۇناك (Rishi Sunak) نىڭ ئېيتقىنىدەك، <خىتاي دۆلەت كۈچىدىن تولۇق پايدىلىنىپ دۇنياغا خوجايىنلىق قىلىشنىڭ كويىدا. بۇ گەپنىڭ مەنىسى ئېنىق. ئەمما ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ھازىر دۇنيا تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن بۇ خىرىسقا ناھايىتى ئاجىز، يۇمشاق ئۇسۇل بىلەن تاقابىل تۇرماقتا. فرانسىيە شائىرى بودلېر توغرا دەيدۇ: <ئالۋاستىنىڭ ئەڭ ئۇستا ھىيلە-مىكرى ئۆزىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىگە باشقىلارنى ئىشەندۈرۈشتۇر>. خىتايغا قارىتىلغان سىياسەتنى يېڭىلايدىغان ۋاقىت كەلدى: ئۇ بولسىمۇ ياخشى گەپ، بولمىسا تاياق».

28-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكانىڭ ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى قانىلى بولغان «سودا قاتلىمىنىڭ ئىچىدىكىلەر» (Business insider) تورىدا بېرىلگەن بىر خەۋەرگە كۆرە، ئامېرىكانىڭ داڭلىق مەبلەغ سالغۇچىسى راي دالىيو (Ray Dalio) 27-ئاپرېل كۈنى قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقىنى، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ «مەسىلىنى گەپ بىلەن ھەل قىلىشتىن ھالقىپ» كەتكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ بىر-بىرىگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىگە ئەگەشكەن باشقا دۆلەتلەرنىمۇ ئۇرۇش قاينىمىغا سۆرەۋاتقانلىقىنى، 2024-يىل ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا پرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلاپ قالسا، بۇنىڭ تەسىرى پۈتۈن دۇنياغا بولىدۇ، چوڭ شىركەتلەر دائىم ئۇرۇش باشلاشتىن بۇرۇن ۋەزىيەتنى ھەم پايدا-زىياننى مۆلچەرلەپ بولىدۇ.

«ياپونىيە خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 26-ئاپرېل كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا بىلەن خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ناچارلىشىشىغا ئەگىشىپ، تۆتتىن بىر قىسىم ئامېرىكا شىركەتلىرى خىتايدىن چېكىنىشكە باشلىغان. چۈنكى خىتاي «جاسۇسلۇققا قارشى ھەرىكەت» نى سودا ساھەسىگە كېڭەيتىپ، گۇمانلىق دەپ قارىغان چەت ئەللىك سودىگەرلەر ۋە مۇخبىرلارنى تۇتۇپ سوراق قىلغان.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو روبىيو بۇ خەۋەرگە تىۋىتتېردىن ئىنكاس قايتۇرۇپ: «ئامېرىكا شىركەتلىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇلارنىڭ دوستى ئەمەسلىكىنى، بەلكى مەڭگۈ دوستى بولالمايدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك؛ شى جىنپىڭ پەقەت ئۆز پارتىيەسىگە پايدىلىق ئىشلارغىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ. شىركەتلەر ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ ھاكىمىيەت بىلەن مۇناسىۋەتنى بىراقلا ئۈزۈشى كېرەك» دېگەن.