خىتايدىن كېلىۋاتقان فەنتانىل ئۈمىدسىزلىكنىڭ دورىسى ئەمەس، بەلكى جان ئالغۇچى قاتىلدۇر

0:00 / 0:00

يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، فەنتانىلغا خۇمار بولۇپ قېلىش نەتىجىسىدە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىقىۋاتقان ئەجەللىك ئاقىۋەتلەر ئامېرىكادىكى كۆپلىگەن ئائىلىلەرگە ئېچىنىشلىق پاجىئەلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە. فەنتانىل مەسىلىسى نۆۋەتتە ئامېرىكالىقلار دۇچ كەلگەن ئەڭ ئېغىر زەھەر كىرىزىسى سۈپىتىدە تاراتقۇلارنىڭ باش سەھىپىلىرىدە خەۋەر قىلىنماقتا.

2024-يىلى 16-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئامېرىكادىكى فەنتانىل كىرىزىسىدا ئوينىغان رولى ھەققىدە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر يىغىندا ئاشكارىلىنىشىچە، ئامېرىكا ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت ئالاھىدە كومىتېتى بىر نەچچە ئاي تەكشۈرۈش ئارقىلىق، خىتاي كومپارتىيەسى كونتروللۇقىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتى يەر شارى فەنتانىل كىرىزىسىنى بىۋاسىتە مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن ۋە ئامېرىكادا فەنتانىل كىرىزىسىنىڭ يامراپ كېتىشىنى كۈچەيتكەن ئىكەن. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «تولۇقلىما ياردەم ۋە باشقا رىغبەتلەندۈرۈشلەر ئارقىلىق، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت كونتروللۇقىدىكى شىركەتلىرىنى بېيىتىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكالىقلارغا مۆلچەرلىگۈسىز زىيانلارنى سالماقتا».

ۋىرجىنىيە ئىشتاتى ستېرلىڭدىكى زەھەرلىك چېكىملىك چەكلەش ئىدارىسى ئالاھىدە سىناق ۋە تەتقىقات تەجرىبىسىنىڭ خادىمى زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى ھەرىكەتتە قولغا چۈشۈرۈلگەن بىر خالتا فەنتانىلنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. 2016-يىلى 9-ئاۋغۇست، ستېرلىڭ
ۋىرجىنىيە ئىشتاتى ستېرلىڭدىكى زەھەرلىك چېكىملىك چەكلەش ئىدارىسى ئالاھىدە سىناق ۋە تەتقىقات تەجرىبىسىنىڭ خادىمى زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى ھەرىكەتتە قولغا چۈشۈرۈلگەن بىر خالتا فەنتانىلنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. 2016-يىلى 9-ئاۋغۇست، ستېرلىڭ (AP/AP)

ئىگىلىشىمىزچە، نۆۋەتتە يەر شارى فەنتانىل تەمىنلەش زەنجىرىدە 97 پىرسەنتتىن ئارتۇق فەنتانىل خام ئەشياسى خىتايدىن كېلىدىكەن. ئامېرىكانىڭ سابىق باش تەپتىشى ۋىليام بار (William Barr) ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا، «خىتاي فەنتانىل ۋە ئۇنىڭ خام ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقارمىسا ۋە ئېكسپورت قىلمىسىلا، ئامېرىكادا فەنتانىل كىرىزىسى يۈز بەرمەيدۇ» دېگەن.

ئىسپات ئاشلاش يىغىنىدا كۆرسىتىلگەن ۋىدىيولۇق دوكلاتتا تەسۋىرلىنىشىچە، فەنتانىل ئامېرىكادا ھەر يىلى يۈز مىڭدىن ئارتۇق ئىنساننىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، شۇنداقلا ھەر كۈنى 200 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولىدىكەن. فەنتانىل نۆۋەتتە 18 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان ئامېرىكالىقلارنىڭ بالدۇر ئۆلۈشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبكە ئايلانغان.

مەزكۇر ۋېدىيودا فەنتانىل كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئەجەللىك ئاقىۋەتلەرنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن :«قىياس قىلىپ بېقىڭ، بىر كۈنى سەھەر ئورنىڭىزدىن تۇرغىنىڭىزدا 200 يولۇچى قاچىلانغان بىر ئايروپىلاننىڭ ھادىسىگە ئۇچراپ، ئايروپىلاندىكى ھەممە يولۇچىنىڭ ئۆلگەنلىكىدەك بىر پاجىئەلىك خەۋەرنى ئاڭلىسىڭىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئېچىنىشلىق خەۋەر بۈگۈن، ئەتە، شۇنداقلا ھەر كۈنى تەكرارلانسا، قانداق ھېسسىياتتا بولىسىز؟ ھالبۇكى، بۇ قىياس ئەمەس، دەل بۈگۈنكى ئامېرىكادىكى فەنتانىل كىرىزىسىنىڭ رېئاللىقىدۇر».

دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: «گەرچە بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئىنتېرنېتنى تەكشۈرۈش مېخانىزمى كۈچلۈك بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار توردىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق، فەنتانىل خام ئەشيالىرىنىڭ چەت ئەلدە سېتىلىشىغا كۆز يۇمۇپ، ئۇنىڭدىن بىۋاسىتە نەپ ئالىدۇ.»

بۇ يىلنىڭ بېشىدا بۇ كومىتېت خىتايدىكى 30 مىڭدىن ئارتۇق شىركەتنىڭ يەتتە ئېلېكتىرونلۇق سودا تور بېكىتىدە قانۇنسىز دورا ساتقانلىقىنى بايقىغان. بۇ خىتاي شىركەتلىرى ئىستېمالچىلارغا تاموژنا تەرىپىدىن ھەرگىز تەكشۈرۈلمەيدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلغاندىن باشقا، شىفىرلىق پۇلنىمۇ پۇل تۆلەش قورالى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىدىكەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە كومپارتىيەنىڭ سەرخىللىرى قاتناشقان تەشكىللىك جىنايەت گۇرۇپپىلىرى، دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پۇل يۇيۇش شايكىسىغا ئايلانغان.

ئامېرىكا زەھەرلىك چېكىملىك چەكلەش ئىدارىسىنىڭ سابىق تىجارەت دىرېكتورى راي دونوۋان 16-ئاپرېلدىكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «ئالاھىدە كومىتېتنىڭ خىتايدىكى خىمىيەلىك ماددىلارنى ئىشلەپچىقارغۇچىلار، خىتاي كومپارتىيەسى قوللىغان ھەر قانداق ۋاسىتىچى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى توغرىسىدىكى بايقاشلىرى راست، ئىشەنچلىك ۋە ئېنىق پاكىتقا ئىگە».

ئامېرىكا بىلەن خىتاي رەھبەرلىرى ئۆتكەن يىلى نويابىردا ئۆتكۈزگەن ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدە فەنتانىلغا قارشى تۇرۇش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان ئىدى، ھالبۇكى، 16-ئاپرېلدىكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا، ئامېرىكانىڭ بىر قانچە سابىق ئەمەلدارى خىتاينىڭ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغانلىقىنى، شۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانمىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

دوكلاتتا بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇش قاتارلىق فەنتانىل ماتېرىياللىرىنىڭ خىتايدىن ئېقىشىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن بىر قاتار تەۋسىيەلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئامېرىكانىڭ جازالاش سىستېمىسىنى كۈچەيتىپ، فەنتانىل سودىسىغا قاتناشقان ئورۇنلارغا ماس قەدەمدە ئىشلىتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى داۋاملىق جىددىيلىشىۋاتقان بىر پەيتتە ئوتتۇرىغا چىققان بۇ دوكلات، خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى كۆپ تەرەپلىمىلىك تەسىرى ۋە سىڭىپ كىرىش ھەرىكەتلىرىنى ئاشكارىلىغان. بۇ ھال ۋاشىنگتوننىڭ بۇ ھەقتىكى ئەندىشىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن.

16-ئاپرېل ئېلان قىلىنغان يېڭى دوكلاتتا فەنتانىلنىڭ ئاساسلىق خام ئەشياسىنىڭ خىتايدىن كېلىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىسى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايك گاللاگېر مۇنداق دېگەن: «بۇ دوكلاتىمىز ئاشكارىلىغاندەك، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ فەنتانىلنىڭ دۆلىتىمىزگە كىرىشىنى خالايدىغانلىقى ئايدىڭلاشتى». ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «خىتاي كومپارتىيەسى يۇقۇمدىن كېلىپ چىققان قالايمىقانچىلىق ۋە بۇزغۇنچىلىقنى ئۈمىد قىلىدۇ».

ئامېرىكادا ئۇيغۇرلار سانىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا جەمئىيىتىدە كۆرۈلۈۋاتقان بىر قىسىم ئىجتىمائىي كىرىزىسلار، بولۇپ ئۈمىدسىزلىك، چۈشكۈنلۈك، زەھەرگە خۇمار بولۇپ قېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ بىر قىسىم ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىدىمۇ كۆرۈلۈۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي مۇتەخەسسىسى دوكتور مەمتىمىن ئەپەندى، ئامېرىكادىكى فەنتانىل كىرىزىسنىڭ ئۆزىگە 1980-يىللارنىڭ ئاخىرى، 1990-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن زەھەرلىك چېكىملىك كىرىزىسىنى ئەسلەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، خىتاينىڭ پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىۋاتقان زەھەرلىك چېكىملىك سۇيىقەستىنىڭ ئامېرىكادىكى تەسىرىگە، بولۇپمۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىگە كۆرسىتىۋاتقان سەلبىي سەل قارىماسلىق كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

دوكتور مەمتىمىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىن مەزگىللەردە ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئۆزىدىن بۇ فەنتانىل ۋە ئۇنىڭ خۇمارىدىن قۇتۇلۇش ھەققىدە تېببىي مەسلىھەت سورايدىغانلار كۆپىيىپ قالغان ئىكەن.

دوكتور مەمتىمىن ئەپەندى، ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراپ مەۋجۇتلۇق كىرىزىسىدە تۇرۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە فەنتالىننىڭ سىڭىپ كىرىشىگە ھەرگىزمۇ سەل قارىماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

يېقىنقى ئىككى-ئۈچ يىل مابەينىدە ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىدىن رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىمۇ ھەر تۈرلۈك سەۋەبلەردىن مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ زەھەرگە، بولۇپمۇ فەنتانىلغا ئوخشاش يېڭى تىپتىكى ئەجەللىك زەھەرگە ئۆگىنىپ قالغانلارنىڭ بايقالغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇ مەسىلىنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقى ھەققىدە رەسمىي بىر تەكشۈرۈش دوكلاتى ياكى تەتقىقات تېخى مەيدانغا كەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار يىغىلغان ئىجتىمائىي پائالىيەت سورۇنلىرىدا ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر ياشلىرىنى فەنتانىل ۋە باشقا زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان چاقىرىقلار ھەم تەربىيەلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتىكەن.

ئامېرىكا ۋېرجىنىيە ئىشتاتىدىكى ياش ئىمام ئەنۋەر ھاجىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «فەنتانىل كىرىزىسىنىڭ تەسىرى ئۇيغۇرلار ئىچىدىمۇ بار، بىز بۇ مەسىلىنى ئىنكار قىلىش ياكى زەھەرگە ئۆگىنىپ قالغانلارنى ئەيىبلەش بىلەن ئۇنى ھەل قىلالمايمىز» دېدى.

ئەنۋەر ھاجىم يەنە فەنتانىل كىرىزىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىدىغان ئېغىر ئاقىۋەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىق قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ياشلىرىغا نىسبەتەن فەنتانىل ھەرگىزمۇ ئۈمىدسىزلىكنىڭ دورىسى ئەمەس، بەلكى جان ئالغۇچى قاتىلدۇر. شۇڭا بۇ ھەقتە ياش-ئۆسمۈرلىرىمىزگە ساۋات ۋە تەربىيە ئېلىپ بېرىش ئەڭ تەخىرسىز تېمىلارنىڭ بىرىدۇر.»