«دوستانە كۈچلەر پەرۋىشى: خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇھاجىرلار توپىغا قاراتقان پائالىيەتلىرى» (1)

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان زۇلۇملارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكى نۆۋەتتە بارغانسېرى كۆپ ساھەگە مەلۇم بولۇۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقايسى جايلاردىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار توپىغا تەسىر كۆرسىتىش ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىش يولىدا قىلىۋاتقان پائالىيەتلىرى كۆپىنچە ھالدا دىققەتتىن مۇستەسنا بولۇپ كەلگەن ئىدى. مۇستەقىل تەتقىقاتچى لىن لى (Lin Li) ۋە ئاۋسترالىيە لاتروب ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس لېيبولد (James Leibold) نىڭ ئورتاق ئەمگىكى سۈپىتىدە روياپقا چىققان «دوستانە كۈچلەر پەرۋىشى: خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇھاجىرلار توپىغا قاراتقان پائالىيەتلىرى» ناملىق زور ھەجىملىك دوكلات «ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنىستىتۇتى» (ASPI) نامىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇزۇندىن بېرى سەل قارىلىپ كېلىنىۋاتقان بۇ تېما ھەققىدىكى كۆپلىگەن سوئاللارغا جاۋاب بېرىلدى.

«بىرلىكسەپ بۆلۈمى: <دوستانە كۈچلەر> نىڭ غەمگۇزارى»

مەزكۇر دوكلاتتا ئالاھىدە يەر ئالغان مەزمۇنلارنىڭ بىرىنى كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق بولغان «بىرلىكسەپ بۆلۈمى» نامىدىكى ئورگاننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلار توپىنى پارچىلاش ۋە ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىشتە ئەڭ ئاكتىپ رول ئويناپ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى بايانلار، دېيىش مۇمكىن. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان ماۋ زېدوڭنىڭ 1926-يىلىدىكى «كىملەر بىزنىڭ دۈشمىنىمىز؟ كىملەر بىزنىڭ دوستىمىز؟ بۇ ئىنقىلاپتىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىدۇر» دېگەن ھۆكۈمى بويىچە بارلىققا كەلگەن «بىرلىكسەپ بۆلۈمى» 1949-يىلىدىن تارتىپ، ئەنە شۇ خىل باش نىشاننى چۆرىدىگەن ھالدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «دوستلارنى قولغا كەلتۈرۈپ دۈشمەنلەرنى ئۇتۇش» ئىستراتېگىيىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئەمما دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، شى جىنپىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبەرلىك ھوقۇقىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، بۇ ئورگاننىڭ رولى مىسلىسىز دەرىجىدە كېڭەيتىلگەن. 2021-يىلى يانۋاردا ئېلان قىلىنغان «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىرلىكسەپ خىزمىتى نىزامى» دا خىتاي كومپارتىيەسىگە ئەزا بولمىغان بارلىق شەخسلەرنىڭ بىرلىكسەپ خىزمىتىنىڭ ئوبيېكتى ئىكەنلىكى، بولۇپمۇ «مۇئەييەن تەسىرگە ئىگە ۋەكىللىك شەخىسلەر» نىڭ بۇ خىل بىرلىكسەپ خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇنىڭ بىلەن «بىرلىكسەپ خىزمىتى» يالغۇز دۆلەت ئىچىدىكى خىتاي كومپارتىيەسىگە ئوخشىمىغان باشقا پارتىيە ۋە گۇرۇھلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرۇشتىن باشقا يەنە چەت ئەللەردە «<دوستانە كۈچلەر> نى يېتىشتۈرۈش ۋە ئۇلارنى زورايتىش» تەك ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان بىر ۋەزىپىنىمۇ ئۈستىگە ئالغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ نىشان بويىچە ئىش كۆرۈشىدە ۋە چەت ئەللەرگە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى بېجىرىشىدە «مۇھاجىرلار ئىشخانىسى» ئاچقۇچلۇق رول ئويناۋاتقان بولۇپ، «مۇھاجىرلار ئىشخانىسى» ھەرقانداق سەۋەب بىلەن خىتايغا ئالاقىسى بولغان شەخسلەرنى ئۇلارنىڭ ھازىرقى دۆلەت تەۋەلىكىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، بىردەك «ئوۋ نىشانى» قىلىدىكەن. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا دائىر بۇ خىزمەتلەر «دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى» نىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە بولۇپ، بۇ كومىتېت بىۋاستە ھالدا مەركىزىي بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشقۇرىشىدا بولىدىكەن. بۇ بۆلۈمنىڭ قارمىقىدا يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان « شىنجاڭ خىزمىتى بويىچە مەركىزىي ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى» ئەنە شۇ ئىشلارغا بىۋاستە قوماندانلىق قىلىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ گۇرۇپپىنىڭ مەسئۇلى خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، خىتاينىڭ ئالىي ھۆكۈمرانلىق قاتلىمىغا مەنسۇپ بولغان شەخسلەرنىڭ بىرى ۋاڭ ياڭ ئىكەن.

«مۇھاجىرلار ئىشخانىسى» نىڭ خادىملىرى يۇقۇرىسى بېيجىڭدا، تۆۋىنى ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ بىر تۇتاش تور ھاسىل قىلغان ھالدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى پارچىلاش ھەمدە ئۇلار ئارىسىدا ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىش خىزمىتىنى داۋام قىلدۇرۇپ كەلمەكتە ئىكەن. بۇنىڭدا ئۇلار مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سودا پائالىيىتى، مائارىپ ئىشلىرى، مەدەنىيەت خىزمىتى، تىل ئوقۇتۇشى قاتارلىق ساھەلىرىگە بىردەك قول تىقىپ خىتاينىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىشكە كۈچ چىقىرىدىكەن. بۇ جەھەتتە خىتاي مۇھاجىرلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى خەيفېڭ «شىنجاڭ مۇھاجىرلار خىزمىتى ھەققىدە كۆرسەتمە» دە ئېنىق قىلىپ: «شىنجاڭلىق مۇھاجىرلارنى دۆلىتىمىزنىڭ مىللىي ۋە دىنىي سىياسەتلىرىنى ئۈنۈملۈك شەرھىلەپ بېرەلەيدىغان قىلىش، شەرقىي تۈركىستان ياكى تىبەت مۇستەقىللىقىنى داۋراڭ قىلغۇچى بۆلگۈنچىلەرنىڭ ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ بېرىش، مۇھاجىرلار ئارىسىدا جۇڭخۇا غۇرۇرى چۈشەنچىسىنى ئۇرغۇتۇش؛ كونسۇلخانا مۇلازىمىتىنى ياخشىلاپ ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن بولغان مۇھاجىرلارنى قوغداش لازىم. شۇندىلا ئۇلار خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىنى ۋە سىياسىي ساھەنى شىنجاڭ ھەققىدىكى تېخىمۇ توغرا تەسۋىرلەر بىلەن تەمىن ئېتەلەيدۇ،» دەپ كۆرسەتمە بەرگەن.

بىر قىسىم چەت ئەل ئاخباراتلىرىدا «يېڭىدىن كۆتۈرۈلىۋاتقان دۇنياۋىي كۈچ» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ خىلدىكى «پەسكەشلىك» دەپ قارىلىدىغان قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشى ھەققىدە سۆز بولغاندا، پروفېسسور جېيمىس لېيبولد بۇنىڭدا كۆپ قىرلىق سەۋەبلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ: «مېنىڭچە، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر شىنجاڭدا ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىدە نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى دۇنياۋى بايانلارنى قايتىدىن قۇراشتۇرۇپ چىقىشقا زېھىن قويۇۋاتقانلىقىدا. چۈنكى سىزنىڭ خەۋىرىڭىز بولغىنىدەك، ھازىر ئۇ جايدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قايسى دەرىجىدە پايخان قىلىنىۋاتقانلىقى، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ قايسى شەكىللەردە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى ھەققىدە بەكمۇ كۆپ بايانلار مەۋجۇت. بۇلار ئامېرىكادا ھەمدە مەن مۇشۇ تاپتا سىز بىلەن سۆزلىشىپ تۇرغان مىنىۇتنىڭ ئۆزىدە ئاۋسترالىيەدە خېلى كۆپ ساھەگە مەلۇملۇق. ئەمما ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە مەۋجۇت بولغان بۇ دائىرىدىن چىققان ھامان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ <ئۇيغۇرلار شىنجاڭدا بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرىۋاتىدۇ> دېگەن مەزمۇندىكى بايانلىرى كۆزگە چېلىقىدۇ. بۇ ھال ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئامېرىكا، ئوتتۇرا-شەرق ۋە ئەرەب دۇنياسىدا تېخىمۇ شۇنداق. شۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرى بىلەن سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەدە <ئىتتىپاقداشلىق> مۇناسىۋىتىدە بولۇۋاتقان بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئاغزىدىن شىنجاڭ ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭكىگە ئوخشاش بايانلارنىڭ چىقىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇشۇ ئارقىلىق غەرب دۇنياسىنى قايمۇقتۇرۇشنى ھەمدە ئۇلارغا ساختا ئۇچۇر يوللاشنى ئىستەيدۇ. بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى قاتارىدا مىشېل باچېلېت (Michelle Bachelet) نىڭ يېقىنقى شىنجاڭ سەپىرىنى تىلغا ئالساقلا كۇپەيە. ب د ت نىڭ بىر مۇھىم رەھبىرى ئەنە شۇ تەرىقىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر توقام يالغانلىرىنى تەكرارلاپ چىقتى. گەرچە مەن ۋە باشقا ماڭا ئوخشىغان تەتقىقاتچىلار شىنجاڭدا نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى ناھايىتى ياخشى بىلگىنىمىز بىلەن دۇنيادىكى نۇرغۇن خەلقلەر، ھەتتا غەرب دۇنياسدىكى خېلى كۆپ سىياسىيونلار ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا نېمىلەرنىڭ كېلىۋاتقانلىقىدىن زىنھار خەۋەرسىز. بۇنداق ئەھۋالدا خىتاينىڭ ئ‍اشۇ خىل تەسىر كۆرسىتىش ھەركىتى خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە بەكمۇ پايدىلىق بولىدۇ. شۇڭا مۇشۇ خىلدىكى دوكلاتلار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ نەيرەڭلىرىنى پاش قىلىش بەكمۇ مۇھىم.».

«تەسىر كۆرسىتىش نىشانى كىملەر؟»

خىتاي مەركىزىي بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ مەلۇماتلىرىدا ئېيتىلشىچە، چەت ئەللەردىكى بىر مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر مۇھاجىرنىڭ ھەممىسى، شۇنداقلا بىڭتۇەنگە ئالاقىدار مۇھاجىرلار بىردەك خىتاي «مۇھاجىرلار ئىشخانىسى» نىڭ تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسىدە ئىكەن. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار، شۇنىڭدەك ئامېرىكا، گېرمانىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە، تۈركىيە، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىمۇ ئەنە شۇ كىشىلەر توپىغا مەنسۇپ ئىكەن. خىتاي مۇھاجىرلار ئىشخانىسى ئەنە شۇ سەۋەبتىن «مۇھاجىر خىتايلار» ۋە «شىنجاڭلىق مۇھاجىرلار» دېگەن ئاتالغۇنى پەرقلىق يوسۇندا ئىشلىتىپ كەلمەكتە ئىكەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى قوللىنىۋاتقان «شىنجاڭلىق مۇھاجىرلار» دېگەندە ئۇيغۇر دىيارى بىلەن مەلۇم ئالاقە تارىخى بولغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مىللەت مۇھاجىرلىرى، شۇنىڭدەك مۇستەملىكىچىلىك باسقۇچىنىڭ ئاكتىپ ئىجراچىلىرىدىن بولغان بىڭتۇەنلەرگە چېتىشلىق خىتايلار كۆزدە تۇتۇلىدىكەن.

ئاپتورلار مىسال تەرىقىسىدە بايان قىلغان ھادىسىلەرنىڭ بىرى «كانادا شىنجاڭ بىرلەشمىسى» نامىدىكى تەشكىلات ھېسابلىنىدۇ. 2010-يىلى تورونتو شەھىرىدە قۇرۇلغان بۇ تەشكىلات جۇ جياڭ ئىسىملىك سابىق خىتاي ئەسكىرىنىڭ باشلامچىلىقىدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا شۇ جايدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى ھەمدە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئىشتىراك قىلغان. ئۇلار ھەر يىلى خىتايلارنىڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بايراملىرىنى «جۇڭخۇا ئۇسلۇبى» دا تەبرىكلەپ، شۇ جايدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى «مېھمان» قىلغان. شۇنداقلا ئۇلارغا «شىنجاڭدىكى تەرەققىيات ۋە شادىمانلىق» ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. 2019-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللىغاندا جۇ جياڭ بۇنىڭغا تەشكىلات نامىدىن ئېتىراز بىلدۈرۈپ «بۇ شىنجاڭدىكى رېئاللىققا تۆھمەت قىلغانلىق» دەپ جاكارلىغان. 2022-يىلىغا كەلگەندە مەزكۇر شەخسنىڭ كانادادىكى خىتاي ئىستىخبارات تورىنىڭ «قوماندان» لىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى ئاشكارا بولغان.

بۇ خىلدىكى جەمئىيەتلەرنىڭ بىرى ئاۋسترالىيەدە 2009-يىلى قۇرۇلغان «جەنۇبىي ئاۋسترالىيە شىنجاڭ بىرلەشمىسى» بولۇپ، ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان شالغۇت نەسىللىك جاڭ يەنشيا (Irena Zhang) ئىكەن. ئۇ كۆپ قېتىم ئاۋسترالىيەدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «شىنجاڭدا ھېچقانداق قىرغىنچىلىق بولغىنى يوق؛ ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارنى مەكتەپلەرگە توپلاپ ماھارەت ئۆگىتىۋاتىدۇ» دېگەندەك مەزمۇندا سۆز قىلغان. شۇنىڭدەك تىنىم تاپماستىن ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساۋاتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا دائىر كۆپلىگەن ساختا ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ تۇرغان. ئۇلارنىڭ ھەر قېتىملىق پائالىيىتىدە ئىزچىل ئاۋسترالىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى «ئەزىز مېھمان» قاتارىدا كۈتۈۋېلىنغان.

بۇ خىلدىكى قىلمىش تۈركىيەدىكى سابىر بوغدا باشلامچىلىق قىلىۋاتقان «ئۇيغۇر سودا-سانەئەتچىلەر بىرلەشمىسى» نىڭمۇ دائىملىق پائالىيىتى ھېسابلىنىدىكەن. 2010-يىلى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان بۇ بىرلەشمىنىڭ خادىملىرىغا خىتاي بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ خادىملىرى سودا ساھەسىدە كۆپ خىل «قولايلىق» لارنى يارىتىپ بېرىدىغان بولۇپ، سابىر بوغدا ۋە ۋولقان ئۆزتۈرك بىرلەشمە نامىدىن ھەرقاچان ئاشكارا ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىدىكەن. يەنە كېلىپ بۇ بىرلەشمە ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى بىلەن بەكمۇ قويۇق مۇناسىۋەتتە ئىكەن. 2016-يىلى خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلى مەخسۇس سابىر بوغدا ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىنى قوبۇل قىلىپ: «سىلەر ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىنى بىرلەشتۈرۈشتە چوڭ رول ئوينىدىڭلار» دەپ تەرىپلىگەن. سابىر بوغدا بۇنىڭغا جاۋابەن: «بىز كونسۇل جانابلىرى بىلەن بۇ جەھەتلەردىكى خىزمەتلەردە تېخىمۇ ئاكتىپ ھەمكارلىشىمىز» دەپ ۋەدە بەرگەن. دەرۋەقە، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بىر قىسىم غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ رامازان چەكلىمىسىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغاندا، ۋولقان ئۆزتۈرك «خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «شىنجاڭدا بىز مۇسۇلمانلارنىڭ رامازان پائالىيىتى پۈتۈنلەي ئەركىنلىك ئاساسىدا بولىدىغانلىقىنى كۆردۇق. بۇ ھەقتە ھېچقانداق چەكلىمە مەۋجۇت ئەمەس» دېگەن. بۇ خىلدىكى «ھەمكارلىق» قا جاۋابەن سابىر بوغدا ۋە ۋولقان ئۆزتۈركنىڭ ئۈرۈمچىدىكى سودا سارايلىرى تېزدىن كېڭەيگەن. سابىر بوغدا بۇ ھەقتە خىتايپەرەس «داگوڭباۋ» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «بىر قىسىم شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچى ئۇنسۇرلىرى بىزنى تىللايدۇ. ئەمما بىز ئۇلار بىلەن ئارىلاشمايمىز ۋە ئۇلارغا پەرۋامۇ قىلمايمىز» دېگەن.

بۇ خىلدىكى «شىنجاڭ بىرلەشمىسى» نىڭ مۇھاجىرەت مۇھىتىدا قانداق رول ئوينايدىغانلىقى ھەققىدە سۆز بولغاندا، پروفېسسور جېيمىس لېيبولد مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىك مۇلازىمەت دېگەندەك ئوخشاش بولمىغان شەكىللەر ئارقىلىق قاراڭغۇدا جاسۇسلۇق قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە بەك كۆپ تەتقىقات نەتىجىلىرى ئوتتۇرىغا چىققان. كومپارتىيە سىستېمىسىغا چېتىشلىق بولغان بۇ ھەركەتلەر نۇرغۇن ئ‍ۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. ئەمما بىز بۇ دوكلاتتا يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشقان بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ خىزمەتلىرى بولسا بۇ جەھەتتە باشقىچە بىر ئۇسلۇبتا ئىش كۆرۈۋاتقانلار ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەزالىرى ئوخشاش بولمىغان سورۇنلاردا <شىنجاڭنىڭ ۋەكىللىرى> سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، شۇ جايدىكى خەلققە ۋاكالىتەن سۆز قىلىدۇ. يېقىنقىسىنى ئالساق ۋاشىنگتون شەھىرىدە <4-ئىيۇل دۆلەت بايرىمى> كۈنىدە ئۆتكۈزۈلگەن پاراتتا بىر توپ خىتايلار ئۇيغۇرچە كىيىنىپ، ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئويناپ پاراتتىن ئۆتتى. ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق <شىنجاڭدا شادىمانلىق دەۋران سۈرمەكتە. ئۇ جايدا تىنچلىق ۋە ئاسايىشلىق بولۇۋاتىدۇ> دېگەن ئۇچۇرنى يوللىدى. ئۇلارنىڭ پاراتتىن ئۆتكەن ھالىتىنى كۆرگەن نۇرغۇن ئامېرىكا تاماشىبىنلىرى ئېنىقلا گاڭگىراپ قالىدۇ. ئەنە شۇ تەرىقىدە بىرلىكسەپ ئىشخانىسى خىتاي جامائىتىنى ئىشقا سېلىپ جامائەتنى قايمۇقتۇرىدۇ. مۇھاجىرەتتىكى بۇ خىتاي جامائىتى بولسا خىتاي مۇھاجىرلار ئىشخانىسىنىڭ قولىدىكى بىر تۈرلۈك قورالغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا مۇشۇ ئارقىلىق دېموكراتىك دۇنيادىكى قىممەت قاراشلىرىنى ئاستىن-ئۈستىن قىلىپ ھەممىلا جايدا، جۈملىدىن ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق جايلاردىكى مۇھاجىرلار توپىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ. بىز بۇ دوكلاتتا تىپىك بولغان تۆت چوڭ مىسال ئارقىلىق بۇلارنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە ۋە بىرلىكسەپ ئىشخانىلىرىغا قانداق باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى يورۇتۇپ بەردۇق.»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى پارچىلاش ۋە سىڭىپ كىرىش تاكتىكىسىدا ئوخشىمىغان «نىشان» لارغا قارىتا ئوخشىمىغان ئۇسۇل ۋە چارىلەر قوللىنىلىدىغان بولۇپ، بۇلارمۇ ئۆز نۆۋەتىدە «مۇھاجىرلار خىزمىتى» نىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىنى تەشكىل قىلغان.