خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن قارشىلىشىشنىڭ ئورنىغا، دىئالوگنى تاللاشنى ئوتتۇرىغا قويغان

خىتاي باش مىنىستېرى لى چياڭ 23-مارت يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ستىۋ دەينىس بىلەن بېيجىڭدا كۆرۈشكىنىدە، خىتاي بىلەن ئامېرىكانىڭ دىئالوگنى تاللاپ ئۆز-ئارا تىركىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. لى چياڭ سۆزىدە ئىككى دۆلەتنىڭ بىر مۇھىم تارىخىي باسقۇچقا يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ، خىتاي رەئىسى شىجىنپىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن يانۋاردا تېلېفوندا كۆرۈشكىنىدە ئىككى دۆلەتنىڭ دوست ۋە شېرىك بولالايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا بىر-بىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە تۆھپە قوشالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ توغرىسىدا بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى دەينىس پرېزىدېنت ترامپنىڭ يېقىنلىرىدىن بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىم بېيجىڭغا ترامپ بىلەن شىجىنپىڭ ئارىسىدىكى ئالىي ئۇچرىشىشنىڭ ئۇلىنى سالغىلى، شۇنداقلا ئامېرىكا ئۈچۈن مۇھىم بولغان فېنتانىل مەسىلىسىنى خىتاي بىلەن سۆزلەشكىلى كەلگەن ئىكەن. ئۇ ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستېرى خېلىفېڭ بىلەن كۆرۈشكىنىدە، پرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتايدىن كېلىدىغان فېنتانىل زەھەرلىك چېكىملىك تەركىبلىرىنىڭ ئېقىپ كىرىشىنى توختىتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ بۇ كۆرۈشىشى توغرىسىدا بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، لى چياڭ سودا ئۇرۇشىدا ئۇتۇپ چىقىدىغان بىر تەرەپنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرىپ، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايغا كېلىپ تەرەققىي قىلىش پۇرسەتلىرىدىن بەھرىمان بولسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. لى چياڭ يەكشەنبە ئەتتىگەندە ئېچىلغان خىتاي تەرەققىيات مۇنبىرىدا سۆز قىلىپ، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تاشقىي سەۋەپلەردىن كۈتۈلمىگەن تەۋرىنىشكە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ ئىقتىسادى يېقىنقى ئايلاردىن بېرى زور ئارقىغا چېكىنگەن بولۇپ، س ن ن نىڭ يېقىندىكى مۇلاھىزىسىگە قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ خىتاي بىلەن ئېلىپ بارىدىغان سودا ئۇرۇشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن.