سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن سوۋېتنى ئىتتىپاقىنى مەركەز قىلغان «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» ئاياغلىشىپ، كاپىتالىست قىممەت قارشى سوتسىيالىزم ئۈستىدىن غەلىبە قازاندى دەپ قارالغانىدى. مۇتەخەسسىسلەر، ھازىر ئامېرىكا ۋە خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ دېموكراتىيە، خۇسۇسىي مۈلۈك، قانۇن-تۈزۈم، ئېچىۋېتىلگەن بازار، پىكىر ئەركىنلىكى قاتارلىق بىر يۈرۈش سىياسىي تۈزۈم ۋە قىممەت قاراشلىرىنى مەركەز ھەم يېتەكچى قىلغان يېڭى شەكىلدىكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە شۇنىڭدەك ئامېرىكا ۋە خىتاي ئارىسىدىكى «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» نىڭ كەسكىنلىشىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى كۆرسەتمەكتە.
يېقىندا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى بروكىڭس ئىنستىتۇتى (Brookings Institution) نىڭ تەتقىقاتچىلىرى «ئامېرىكا خىتايغا قارىتا يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئورۇشى ئېلىپ بېرىشى كېرەكمۇ؟ » دېگەن نام ئاستىدا بىر دوكلات ئېلان قىلغان. ئۇلار سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ھازىرقى خىتاي رېئاللىقىنىڭ پۈتۈنلەي پەرقلىق ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارىتا يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئورۇشى ئېلىپ بېرىشىنىڭ ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن كۆپ زىيىنى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئۇلار: «خىتاي سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاش ئامېرىكاغا قارشى دىپلوماتىك ۋە ئىدېئولوگىيەلىك رىقابەت ئېلىپ كېلەلمەيدۇ» دېگەن.
ھالبۇكى، پېنسىلۋانىيە شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ سابىق شەرقىي ئاسىيا تەتقىقاتى پىروفېسسورى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق ئەمەلدارى ۋىليام دۇيكېر خىتاينىڭ ئامېرىكاغا قارشى كۆپ تەرەپلىمىلىك رىقابەت ۋە تەھدىت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى ھەم ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ توقۇنۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«بىرىنچى قېتىملىق سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى بىلەن بۈگۈن ئوتتۇرىسىدا چوڭ پەرق بار. ھالبۇكى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى كۆپىنچە ھاللاردا كاپىتالىستىك دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا بازىرىدىكى ئەۋزەللىكىگە ۋە ئۈستۈنلۈكىگە خەتەر ئېلىپ كەلمىدى. بۈگۈنكى كۈندە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ كۈچى ۋە تەسىرى كاپىتالىستىك دۆلەتلەر يۈرگۈزگەن ئىقتىسادىي ئۈستۈنلۈكىگە بىۋاسىتە تەھدىت ئېلىپ كەلدى. ھازىر دۇنيا ئىقتىسادى بىۋاسىتە گىرەلىشىپ كەتكەن. ئەلۋەتتە خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بىلەنلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكىتى ۋە تەسىرىگىمۇ دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. بۇ، بىزگە ئىككى تەرەپنىڭ رىقابىتىنىڭ ئۆز-ئارا گىرەلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئەھۋالدىن كېلىپ چىققان بىۋاسىتە توقۇنۇش ھەر قايسى تەرەپلەرگە بىرىنچى قېتىملىق سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىغا قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ» .
ئامېرىكادىكى مۇستەقىل سىياسىي ئانالىزچى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» نى خىتاينىڭ ئامېرىكاغا قارشى بۇرۇنلا باشلاتقانلىقىنى، ئامېرىكانىڭ كېچىكىپ تەدبىر ئېلىشقا باشلىغانلىقنى تەكىتلىدى.
بروكىڭس ئىنستىتۇتىنىڭ مەزكۇر دوكلاتىدا يەنە مۇنداق دېگەن: «بۈگۈنكى خىتاي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۈپ پەرقى شۇكى، بېيجىڭ دېموكراتىك ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىمايدۇ ياكى سىياسىي ئەندىزىسىنى زورلىمايدۇ» .لېكىن، ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئەكسىچە، خىتاينىڭ دېموكراتىيە، قانۇن-تۈزۈم، ئېچىۋېتىلگەن بازار، پىكىر ئەركىنلىكى قاتارلىق ئامېرىكانىڭ بىر يۈرۈش سىياسىي تۈزۈم ۋە قىممەت قارىشىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ، «ئاخىرىدا دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ئۆتۈپ چىقىدۇ. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا ئامېرىكا غەلىبىگە ئېرىشىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.
ۋىليام دۇيكېر بۇ ھەقتە سۆز بايان قىلىپ، ئامېرىكادىكى بىر قىسىم خىتاي مەسىلىلىرى كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ خىتاي توغرىسىدا بەك ساددىلىق بىلەن پىكىر بايان قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ يەنە ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ خىتايغا قارشى تەۋرەنمەسلىكى ۋە مۇستەھكەم بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ كۆز قارشىنى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى:
«ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى بولغىنى تەۋرەنمەي ۋە مۇستەھكەم بولۇش كېرەك. ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئالدى بىلەن، ئۆزلىرىنىڭ جەمئىيىتىنى ياخشىلىشى ۋە ئۆزلىرىنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا قارىتىشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا بىزنىڭ ئۇسۇلىمىز ۋە يۇلىمىز خىتاي ئوتتۇرىغا قويغان ئۇسۇلدىن ۋە يولدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. باشقىلارغا ئۈمىد بولىدۇ. سىز ۋە مەن بىر ئاز بۇرۇن بۇ توغرىلىق پاراڭلاشتۇق. مەن، خىتاينى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ خىتاينى باشقىلارنىڭ ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ خىل ۋە كۆپ مەنبەلىك جەمئىيەتكە تەرەققىي قىلىدۇ دەپ ئويلىشىنى ساددىلىق دەپ ئويلايمەن. بۇ پەقەت ئارزۇ ۋە ئۈمىدتىنلا ئىبارەت» .
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن يېقىندا ئامېرىكانىڭ ن پ ر (NPR) رادىيوسىغا «ئامېرىكا خىتاي بىلەن يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئورۇشىنى خالىمايدۇ، ئەمما خەلقئارا تەرتىپنى قوغدايدۇ» دېگەن.
ئۇنداقتا ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابىتى سوغۇق ئۇرۇشمۇ؟ ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئاندېرس كور(Anders Corr) بۇ ھەقتە كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئىقتىسادىي، دىپلوماتىك ۋە سىياسىي مەنپەئەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يادرولۇق قىممەت قارىشى سەۋەبىدىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان توقۇنۇشقا پېتىپ قالغان. بۇنى «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» دېيىشكە بولىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى:
«مېنىڭچە ئۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئورۇشىغا قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ ۋە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئورۇشىنىڭ بارلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە ئوخشاش. ئەگەر ئۇنى ئامېرىكا بىلەن ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى بىلەن سېلىشتۇرسىڭىز. سىز مەيلى خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي رىقابەتكە قاراڭ، ئېكسپورتنى كونترول قىلىشىغا قاراڭ. ياكى دىپلوماتىيەگە قارايدىغان بولسىڭىز، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدە ماھىيەتتە كۆپلىگەن رىقابەت ۋە ئىختىلاپلار بار. ئامېرىكا قارشى تەرەپنى رەت قىلىدۇ. دېمەكچىمەنكى خىتاي ۋېتوسىنى ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان ئىشلارغا قارشى ئىشلىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھەربىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتساق، بىز سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە خىتاي تەرەپتە يادرو قوراللىرىنىڭ ناھايىتى تېز قۇرۇلغانلىقىنى ۋە تەرەققىي قىلغانلىقنى كۆرىمىز. شۇڭا نۇرغۇن ئوخشاشلىقلار بار. مېنىڭچە بۇنى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ياكى ئىككىنچى قېتىملىق سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دېيىشكە يېتەرلىك پاراللېل ئوخشاشلىقلار بار.»
ئامېرىكا پرىنسىتون ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پىروفېسسورى سىتىۋىن كوكىن (Stephen Kotkin) «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى داۋاملاشماقتا» ناملىق ماقالىسىدە، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ تارىختا ۋە بۈگۈنمۇ غەربكە قارشى بىرلىك سەپنى بۇزمىغانلىقى، سوۋېت يىمىرىلگەن بىلەن رۇسىيەنىڭ چوڭ دۆلەت غايىسىنىڭ ساقلىنىپ قالغانلىقى ۋە خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ ئورنىنى ئېلىشقا ئۇرۇنۇپ، يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى كۆرسەتكەن.
ۋىليام دۇيكېر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بەزى ئانالىزچىلار ۋە دىپلوماتلار ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ھازىرقى مۇناسىۋىتىنى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەپ ئاتاشنى مۇۋاپىق كۆرمەيدىكەن. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە توقۇنۇش تېخىمۇ كۈچەيگەن ئەھۋال ئاستىدا ئاندىن بۇنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» دەپ ئاتاشقا باشلايدىكەن.