خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 75 يىللىقى ھارپىسىدا يەنى بۇ يىل 9-ئاينىڭ 21-كۈنى «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ يۈز يىللىقى داغدۇغا بىلەن تەبرىكلەنگەن. خىتاينىڭ شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىدە مەكتەپنىڭ 1924-يىلى ئەسلىدىكى «رۇس تىلى قانۇن سىياسىي مەكتىپى» ئاساسىدا قۇرۇلۇپ، 1935-يىلى «شىنجاڭ ئىنستىتۇتى» غا ئۆزگەرتىلگەنلىكى، 1949-يىلى خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن داۋاملىق كېڭەيتىلىپ، 1960-يىلى كۆپ خىل كەسىپلەر بويىچە ئۇنىۋېرساللاشقان «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» غا ئۆزگەرتىلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. خىتاينىڭ خەۋىرىدە يەنە «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» دا ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدىن باشلاپ مەكتەپتە خىزمەت قىلغان خىتاي كومپارتىيە ئەزالىرى تىلغا ئېلىنىپ، ئۇلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە بىر تۈركۈم ئىنقىلابىي قىزىل ئىزباسارلار يېتىشتۈرۈلگەنلىكى، مەكتەپنىڭ «غەربىي شىمال رايونىدا 300 مىڭدىن ئارتۇق ئىختىساسلىق خادىم تەربىيەلەپ بەرگەنلىكى» ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. خەۋەردە يەنە بولۇپمۇ شى جىنپىڭ دەۋرىدە مەكتەپنىڭ قىزىل مۇتەخەسسىسلەرنى تەربىيەلەش مەركىزىگە ئايلانغانلىقى تەرىپلىنىپ، مەزكۇر مەكتەپتە يېتىشكەن بىر تۈركۈم خىتاي مۇتەخەسسىسلەر تونۇشتۇرۇلغان. ئەمما مەزكۇر خەۋەردە ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ تورىدىكى مەكتەپنىڭ 100يىللىق تارىخى ھەققىدىكى يازما مەلۇماتتا، 2000-يىلى مەكتەپ سانائەت ئىنستىتۇتى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ كېڭەيتىلگەندىن كېيىنكى ئۇيغۇرلاردىن بولغان ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرلىرىدىن ئەنۋەر ھامۇت، تاشپولات تېيىپ، ۋەلى بارات ۋە ھەرقايسى ئىنستىتۇتلارنىڭ ئۇيغۇر مۇدىرلىرى ۋە مەكتەپتىكى ئۇيغۇر پىروفېسسورلارنىڭ بىرىنىڭمۇ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان.
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىكى «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 100 يىللىقى» ھەققىدىكى خەۋەرلەردە، مەكتەپنىڭ «قىزىل ئىزباسارلارنى تەربىيەلەش مەركىزى» گە ئايلاندۇرۇشنىڭ تەكىتلىنىشى ۋە مەكتەپ تارىخىدا بولۇپمۇ 2000-يىللاردىن كېيىنكى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئۇيغۇر مۇدىرلىرى ۋە ھەرقايسى ئىنستىتۇتلاردىكى ئۇيغۇر رەھبەر ۋە ئۇيغۇر پىروفېسسورلارنىڭ بىرىنىڭمۇ ئىسمى تىلغا ئېلىنماسلىقى، ئىلگىرى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ۋە مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇغان، ھازىر چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىدى.
ئىلگىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان ۋە كېيىن مەكتەپتە بىر مەزگىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغاندىن كېيىن، ياپونىيەدە ئۆز كەسپى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغاندىن كېيىن ئامېرىكا كېلىپ تەتقىقات قىلغان ھەم ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىدە ئىنژېنېر بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مائارىپ-مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى بولۇش سۈپىتى بىلەن نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى تەربىيەلەپ، ئۇيغۇرلۇقنى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا زور تۆھپە قوشقان ئورۇن.
مەلۇم بولۇشىچە، 2017-يىلى ئاشكارىلانغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى چوڭ تۇتقۇندا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر رەھبەرلەر ۋە پىروفېسسورلار ئەڭ دەسلەپ تۇتقۇن ئوبيېكتى قىلىنغان. 2018-يىلىدىن بۇيان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى تاشپولات تېيىپ، فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىدىكى پىروفېسسورلاردىن راھىلە داۋۇت، ئارسلان ئابدۇللا، غەيرەتجان ئوسمان ۋە باشقىلار تۇتقۇن قىلىنىپ ئېغىر جازالانغان بولۇپ، مەزكۇر ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىنىڭ زەربە نىشانى قىلىنىشى خەلقئارادا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغانىدى.
دوكتور ئەركىن سىدىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنى يوقىتىشنى نىشان قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن، بۇ مەكتەپ ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ قارىلىپ كەلگەن. مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زەربە بېرىش نىشانى قىلىنىشى ۋە مەكتەپنى ئاتالمىش «قىزىل ئىزباسارلارنى تەربىيەلەش مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش» نىڭ تەرغىب قىلىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنىڭ مۇھىم بىر پارچىسى ئىكەن.
دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى يەنە مەكتەپتىن تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلاردىن مەكتەپ مۇدىرى پىروفېسسور تاشپولات تېيىپ، دىلمۇرات تۇرسۇن، كومپيۇتېر ئىنژېنېرى ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىم ئەخەت قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.
مەلۇم بولۇشىچە 2017-يىلىدىن كېيىنكى مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قۇرۇلمىسىدا ۋە ئوقۇتۇش مېتودىدا زور بۇرۇلۇش بولغان. ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار قەدەممۇ-قەدەم تازىلىنىپ، مەكتەپتىكى ئوقۇتۇش مېتودىدا شى جىنپىڭ تەشەببۇس قىلغان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نىشانى بويىچە تەربىيەلەش ئاساس قىلىنغان.
خىتاينىڭ خەلق تورىدا ئېلان قىلىنغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يۈز يىللىقى ھەققىدىكى خەۋىرىدە مەكتەپ تارىخىدىكى بۇ زور بۇرۇلۇش ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ 2022-يىلدىكى شىنجاڭ سەپىرىنىڭ 1-بېكىتى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بولغان. ئەينى چاغدا شى جىنپىڭ مەكتەپنىڭ «ماركسىزم ئىنستىتۇتى» دا قۇرۇلغان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىش تەتقىقات بازىسى» دا قىلغان سۆزىدە، «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى شىنجاڭدىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسى، بارلىق مىللەتلەرنىڭ تەقدىرى ئەزەلدىن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئومۇمىي تەقدىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك» دېگەنلەرنى تەكىتلىگەن.
خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتىنىڭ خەۋىرىدە يەنە مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنى «قىزىل ئىزباسارلارنى يېتىلدۈرۈش مەركىزى» گە ۋە «جۇڭخۇا مىللىتى بىرلىكى ئېڭىنى كۈچەيتىش تەتقىقات بازىسى» غا ئايلاندۇرۇشتا، ئۇچتۇرپاندا ئۆز يېنىدىن خىراجەت ئاجرىتىپ خىتاي تىلى مەكتىپى قۇرۇپ «ئىسلاھات نەمۇنىچىسى» نامىغا ئېرىشكەن قۇربان نىيازغا ئوخشاش ئۈلگىلەر تىلغا ئېلىنىپ، ئۇلارنىڭ «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» خىزمىتىدىكى ئاتالمىش تۆھپىلىرى مەدھىيەلەنگەن.
ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئارزۇ قىلىۋاتقىنى دەل قۇربان نىيازغا ئوخشاش، ئۆز مىللىتىدىن تانغان، خىتاي ھۆكۈمىتىگە سادىق بىر تۈركۈم غالچىلار ئىكەن.
80-يىللارنىڭ باشلىرىدىن 90-يىللارغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئاخبارات كەسپىدە دەرس بەرگەن، نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان قۇتلۇق ئالماس ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 100يىللىقىدا، مەكتەپنى «قىزىل ئىزباسارلارنى تەربىيەلەش مەركىزى» قىلىشنى تەكىتلىشى ۋە مەكتەپ تارىخىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى تىلغا ئالماسلىقى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ يوقىتىش نىشانى قىلىنغانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئىكەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى بولغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى نىشانلىق تۇتقۇن ئوبيېكتى قىلغان.
قۇتلۇق ئالماس ئەپەندى يەنە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر ئالىي مائارىپى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى بولۇش بىلەن كۆپلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئالىملىرى ۋە يازغۇچى-شائىرلىرىنى تەربىيەلىگەنلىكى، ھەتتا بۈگۈنكى كۈندە چەت ئەللەردە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرەشنى داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭمۇ ئەنە شۇ ئۇنىۋېرسىتېتتىن يېتىشىپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.
نۆۋەتتە چەت ئەللەردە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىممۇ ئىلگىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىيولوگىيە فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1985-يىلدىكى 12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېموكراتىيە تەلەپ قىلىش ھەرىكىتى ۋە 1988-يىلى 6-ئايدىكى مىللىي تەڭسىزلىككە نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرىدە، ئەينى يىللىرىدىكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى باشلامچى بولغان.
1988-يىلى 6-ئايدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى بولغان، چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئاكتىپ ئۇيغۇر پائالىيەتچىگە ئايلانغان، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» دا باش كاتىپ، قۇرۇلتاي ئىجرائىيە رەئىسى، قۇرۇلتاي رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان، دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىدىكى نۇرغۇنلىغان ئىنقىلابچىلارنى تەربىيەلەپ يېتىلدۈرگەن ئورۇن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەنە شۇنداق كۆپلىگەن سەۋەبلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا بولغان ئەندىشىسىنى بارغانچە كۈچەيتكەن. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بولسا بۇ مەكتەپنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىگە سادىق «قىزىل ئىزباسارلارنى يېتىشتۈرۈش مەركىزى» گە ئايلاندۇرۇش شوئارلىرىنىڭ بارغانچە كۈچىيىشىگە سەۋەب بولغان ئىكەن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.