قەشقەر 6-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى ئىبراھىم داۋۇتنىڭ 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى كېچىدە تۇتقۇن قىلىنىپ، شۇ يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۆلۈم خەۋىرىنىڭ ئائىلىسىگە ئۇقتۇرۇلغانلىقى رادىيومىز تەرىپىدىن بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 19-كۈنى ئاشكارىلانغانىدى. شۇندىن كېيىن يەنى 20-دېكابىر كۈنى، قەشقەر 6-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ خىتاي خادىمى، ئىبراھىم داۋۇتنىڭ مەزكۇر مەكتەپنىڭ 2016-يىلى پېنسىيەگە چىققان خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ بىرقانچە يىلنىڭ ئالدىدا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى دەلىللەنگەن. ئەمما ئۇ ئىبراھىم داۋۇت ھەققىدە ئىلگىرىلەپ مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغانىدى.
ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئىگىلىشىمىز داۋامىدا، ئىبراھىم داۋۇتنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى رادىيومىزغا يەتكۈزگەن، لېكىن ھازىرچە ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىبراھىم داۋۇت قەشقەر 6-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلىگەن مەزگىلىدە، «قوش تىللىق مائارىپ» نامىدىكى خىتاي تىللىق ئوقۇتۇشقا ئۈزلۈكسىز نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى ئوقۇتۇشىنى تەشەببۇس قىلغان. بۇ سەۋەبتىن ئۇ 2016-يىلى ئۆزى تەلەپ قىلىپ پېنسىيەگە چىقىپ كەتكەنگە قەدەر، مەكتەپ ئىچىدە كۆپ قېتىم ئۆزىنى تەكشۈرۈشكە مەجبۇرلانغانىكەن.
بۇ خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قەشقەر 6-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى ئىبراھىم داۋۇت 2016-يىلى پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، تاكى 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاخىرقى قېتىم تۇتقۇن قىلىنغانغا قەدەر، قەشقەردىكى ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن بىرقانچە قېتىم تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىنىپ سوراق قىلىنغان ئىكەن.
بۇ خانىم يەنە ئوقۇتقۇچى ئىبراھىم داۋۇت ھەققىدە ئۆزى بىلىدىغان ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ، خىتايچە مائارىپىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىبراھىم داۋۇتنىڭ 2008-يىلدىن باشلاپ، ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن «تەكرارلاش ۋە چەت ئەل تىللىرى ئۆگىنىش كۇرسى» ئاچقانلىقى ۋە خىمىيە دەرسلىكىدىن ئۇيغۇرچە مەشىق ماتېرىياللىرىنى نەشر قىلدۇرۇپ، ئۆزى ئاچقان كىتاب دۇكانلىرىدا ساتقانلىقى ئۈچۈن، كۆپ قېتىم ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە سوراق قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نۆۋەتتە نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ۋە ئانا تىل تەشەببۇسچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ 2011-يىلى قەشقەردە «ئانا تىل يەسلىسى» ئاچقان مەزگىلىدە خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى ئىبراھىم داۋۇتنىڭ ئۆزىنى يېقىندىن قوللىغانلىقى ۋە ھەمكارلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، 2016-يىلىدىن كېيىن دۇنياغا ئاشكارىلانغان ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قاماش دولقۇنىدا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئاساسلىق تۇتقۇن نىشانىغا ئايلانغان. ئىبراھىم داۋۇتقا ئوخشاش، خىتايچە مائارىپقا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر تىلى مائارىپىنى تەشەببۇس قىلغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زور كۆپ قىسمى تۇتقۇن قىلىنىپ، مۇددەتلىك ۋە مۇددەتسىز قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ھالبۇكى 2017-يىلى 8-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىر تۇتاش ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يەسلىدىن تارتىپ ئوتتۇرا مەكتەپلەرگىچە بارلىق مەكتەپلەردە بىر تۇتاش نەشر قىلىنغان خىتايچە دەرسلىك قوللىنىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ مەزگىللەردە يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نەشرىياتىنىڭ ئۇيغۇرچە دەرسلىك تۈزۈشكە مەسئۇل بولغان ساتتار ساۋۇت، يالقۇن روزى قاتارلىق تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىدە «بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلغان» دېگەندەك قالپاقلار كىيدۈرۈلۈپ تۈرمىلەرگە تاشلىنىپ قاتتىق جازالانغانىدى.
«مائارىپنى خىتايلاشتۇرۇش» خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە بۇيرۇقى بىلەن خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە ئومۇملاشتۇرۇلۇۋاتقان سىياسەت بولۇپ، ئۇيغۇرلار بۇ سىياسەتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى قۇربانلىرىغا ئايلانغان.
خىتاينىڭ «چېگرا رايونلىرى» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر ئېلى، تىبەت، ئىچكى موڭغۇلىيە قاتارلىق رايونلار مەدەنىيەت ۋە تىل جەھەتتە خىتايدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايونلاردا ئىزچىل تۈردە خىتاي مەدەنىيىتىنى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە سىڭدۈرۈشكە، بولۇپمۇ خىتايچىنى بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تىلىغا ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن. خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى، 2021-يىلى 28-دېكابىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2025-يىلغا بارغاندا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ 85 پىرسەنت ئاھالىسى، يېزىلارنىڭ 80 پىرسەنت ئاھالىسىنىڭ خىتايچە سۆزلەش ۋە چۈشىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى» دە بۇلتۇر 30-دېكابىر ئېلان قىلغان خەۋەردە يەنە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ 12-ئاينىڭ 30-كۈنى خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ قەرەللىك مۇزاكىرە يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىش، چېگرا رايونلاردا پۇتۇڭخۇانى، يەنى خىتايچىنى ھەمدە مەركەز رەھبەرلىكىدە تۈزۈلگەن دەرسلىكلەرنى تېخىمۇ كەڭ ئومۇملاشتۇرۇش» نى تەكىتلىگەن. شى جىنپىڭنىڭ 2025-يىلى يېڭى يىل ھارپىسىدا قىلغان بۇ سۆزى خىتاينىڭ بۇنىڭدىن كېيىن يەنە، خىتاي تىلى مائارىپىنى خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۇيغۇر، تىبەت موڭغۇل قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە سىڭدۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن داۋام قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارالماقتا.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.