قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى يىل ئاخىرىدا خەيرىخاھلىق ھەرىكەتلىرىنى توختاتمىدى

0:00 / 0:00

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھەر يىلى خەيرىخاھلىق ئىشلىرىنى يۈرگۈزۈپ، كۆپ بالىلىق ئائىلىلەرگە، يىتىم-يېسىرلارغا، مەجرۇھ بالىلارغا، تەبىئىي ئاپەتتىن زەرداپ چەككەنلەرگە ۋە باشقىلارغا ماددىي ياردەم كۆرسىتىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ يىل پۈتكۈل دۇنياغا تارقىغان كورونا ۋىرۇسى ۋاباسى مۇناسىۋىتى بىلەن پەيدا بولۇۋاتقان قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، قازاقىستاننىڭ ھەر شەھەر ۋە يېزىلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى يەنىمۇ داۋام قىلىپ كەلگەنىدى. ۋابانىڭ يەنە كۈچىيىشى سەۋەبىدىن قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئەلدە كۆرۈۋاتقان بىخەتەرلىك چارىلىرىنى قەتئىي ساقلىغان ھالدا يىل ئاخىرىدىمۇ خەيرىخاھلىق ھەرىكەتلىرى توختىمىغان.

«جانان» جەمئىيەتلىك فوندى ئۆتكۈزگەن خەيرخاھلىق پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2020-يىل 26-دېكابىر، ئالمۇتا.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى «جانان» جەمئىيەتلىك فوندىنىڭ مۇدىرى مىزەنگۈل ئاۋامىسىموۋا خانىم خەيرىخاھلىق ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىشتا قازاقىستاندىكى باشقىمۇ ئۇيغۇر جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلىرى قاتارىدا «جانان» فوندىنىڭمۇ ئاكتىپ پائالىيەت يۈرگۈزۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «2020-يىل قىيىنچىلىقلارغا قارىماي ‹جانان› فوندى ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى ئىشلار، تەشەببۇسلار بىلەن ئۆتتى، دەپ ئويلايمەن. ‹جانان› فوندى بۇ يىلى خەيرىخاھلىق ئىشلارنىڭ بېشىدا تۇردى. ئۇ بولسىمۇ، قازاقىستاندا ئاغرىققا دۇچار بولغان بالىلارغا ياردەم بەردۇق. 50 بالىغا ئوزۇق-تۈلۈك سېۋىتى قىلدۇق. ئۇنىڭدىن باشقا تۇرمۇشى ناچار ئائىلىلەرگە ئۆزىمىزنىڭ ياردىمىنى كۆرسەتتۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە نىزامنامىمىزگە باغلىق ھەر يىلى بىر مەكتەپكە ياردەم قىلىمىز. بۇ يىلى بىز چۇلۇقاي مەكتىپىگە ئۈستەل ۋە ئورۇندۇقلارنى ئېلىپ بەردۇق. تۇرمۇشى ناچار 50 كە يېقىن ئادەمگە ‹ئۇيغۇر ئاۋازى› گېزىتىنى يېزىپ بەردۇق.»

بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئالمۇتا شەھىرىنىڭ نەۋرۇزباي ناھىيەسىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى تەرىپىدىنمۇ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر ناھىيە جامائەتچىلىكى ئارىسىدا بولۇپمۇ «ر-ۋىزىيون» شىركىتىنىڭ پرېزىدېنتى رىنات ئوسمانوف ئەينى ۋاقىتلاردا ئالمۇتا شەھىرىدە «دوستلۇق» تەنھەرىكەت مەكتىپىنى سېلىپ، بالىلارنىڭ ھەقسىز مەشقلەندۈرۈش، ئەھۋالى ناچار ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرىنى تەن-ھەرىكەت كىيىملىرى بىلەن تەمىنلەش ۋە باشقىمۇ كۆپلىگەن خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغانكەن. 22-دېكابىر كۈنى ئۇ تالدىقورغان شەھىرىدىكى ئاڭلاش ۋە سۆزلەش قابىلىيىتى تۆۋەن، ئېغىر كېسەلگە مۇپتىللا بولغان 120 بالىغا يېڭى يىللىق ئارچا مۇراسىمىنى ئۇيۇشتۇرۇپ بەرگەنىكەن.

ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيەلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭمۇ بۇ يىلى بىر قاتار خەيرىخاھلىق ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى مەلۇم. كورونا ۋىرۇسى ۋاباسىنىڭ تارقىلىشى سەۋەبىدىن مەملىكەتتە ئېلان قىلىغان پەۋقۇلئاددە ھالەت ۋە كارانتىن تەرتىپى مۇناسىۋىتى بىلەن مەزكۇر مەركەز تەرىپىدىن بۇ يۆنىلىشتە كۆپلىگەن ئىشلار قىلىنغانكەن.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ناھىيەلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ كاتىپى گۈلمىنەم توختايېۋا خانىم مۇنداق دېدى: «ئۆكتەبىر ئېيىدىن باشلاپ بۇ مەركەزگە رەخمەتجان سۇدجاكوف رەھبەر بولۇپ تەيىنلىنىپ، مەركەز ئىشلىرىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇۋەتتى. ئاز ۋاقىت ئىچىدە ئۇ ئورۇنباسارلىرى بىلەن ناھىيەمىزدىكى غالجات، كەتمەن، ئاقتام، تۈگمەن قاتارلىق بارلىق يېزىلارنى ئارىلاپ، ياشلىرىمىزنى بىلىملىك ۋە ياراملىق ئىنسانلاردىن ئېتىپ تەربىيىلەشكە چاقىردى. ھازىرقى ۋەزىيەتكە باغلىق تۇرمۇشى ناچار ئائىلە بالىلىرىغا ۋە تەن-سالامەتلىكى ناچار بالىلارغا 250 دانە يېڭى يىللىق سوغا تارقاتتى.»

ئىگىلىشىمىزچە، مۇنداق خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ تالغىر ناھىيىسىگە قاراشلىق قايرات يېزىسىدىمۇ ئېلىپ بېرىلغان. جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى نۇرانىي ئانىلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى گۈلجاھان مۇراتوۋا تۇرمۇشى ناچار 10 ئائىلىنىڭ بالىلىرىغا يېڭى يىللىق سوغىلىرىنى تاپشۇرغانكەن. گۈلجاھان مۇراتوۋا كۆپ بالىلىق ئائىلىلەرنى تۇرۇشلۇق ئۆي بىلەن تەمىنلەش ئىشلىرىنىمۇ داۋاملىق ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ساخاۋەتچىلىرىنىڭ بىرىكەن.