قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆتمۈشىگە مۇراجىئەت قىلىدىغان بولساق، بولۇپمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-90-يىللىرى قازاقىستاندا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ، ئەدەبىياتىنىڭ، مەتبۇئاتىنىڭ، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلىمىنىڭ ئۆز تەرەققىياتىدىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەنلىكى مەلۇم. بولۇپمۇ ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمى 1986-يىلى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەركىبىدە قۇرۇلغان ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئىش ئېلىپ بارغان دەۋىردە چوڭ ئۇتۇقلارغا يەتكەن ئىدى. ئۇيغۇرشۇناسلىق پەنىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ راۋاجلىنىشى ئىلمىي خادىملار مەسىلىسىگىمۇ باغلىق بولدى. ئونلىغان يىللار داۋامىدا ئۇيغۇرشۇناسلىق يۆنىلىشىدە ھەل قىلغۇچى رول ئويناپ كەلگەن ئىلمىي خادىملار مەسىلىسىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن ئىدى. مەزكۇر ئىنستىتۇتتا پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئۇيغۇر، قازاق، رۇس، تۇڭگان، تاتار ۋە باشقىمۇ مىللەت ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان ئۇيغۇرشۇناسلار كوللېكتىپى كۆپلىگەن ئىلمىي ئەمگەكلەرنى نەشىر قىلدى، جۇمھۇرىيەت ۋە خەلقئارا دەرىجىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزدى. بۇ جەھەتتە ئىنستىتۇتنىڭ باشقىمۇ خەلقئارا ئىلمىي-تەتقىقات مەركەزلىرى بىلەن بولغان ئالاقىلىرى راۋاجلىنىشقا باشلىدى. لېكىن 1996-يىلى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ بىر مەركەزگە ئايلىنىپ، ئۇنىڭ خدىملىرىنىڭ كەسكىن دەرىجىدە قىسقىرىشى، ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلىمىنىڭ تەرەققىي ئېتىشىگە سەلبىي تەسىر قىلدى.
ئۇنداقتا، ئىلىم ئىلىم ساھەسىگە تونۇلغان ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ يېپىلىشىغا نېمە سەۋەب بولدى؟
«تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئابلەت كامالوف ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمى، ئاندىن بولۇپمۇ 1986-يىلى قۇرۇلغان ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ھۆكۈم سۈرۈشىگە ۋە ئۇنىڭ پائالىيىتىگە شۇ ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقى مەنپەئەتدار بولغان. سەۋەبى بۇ ئىنستىتۇت ئاساسىي جەھەتتىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدىنىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلىرىنى، ئۇ يەردىكى گېئو-سىياسىي جەريانلارنى، شۇ زېمىندا ياشىغان خەلقلەرنىڭ، بىرىنچى نوۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى ئەدەبىياتىنى، ئۆتمۈش تارىخىنى تەتقىق قىلىشنى مەخسەت قىلغان. بۇ، ئەلۋەتتە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن تارتىپ سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى قارىمۇ-قارشىلىقتىن كېلىپ چىققان ئىدى. كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى غۇلاپ، قازاقىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، قازاقىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرى، سودا-ئىقتىسادىي ئالاقىلەر ئورنىتىلدى. كېيىنكى يىللاردا، يەنى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى يېپىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇرشۇناسلىق مەسىلىلىرى ئالاھىدە تەتقىق قىلىش ئوبيېكتى بولۇش ئەھمىيىتىنى يوقاتتى.»
ئابلەت كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قايتا تەشكىللىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا كەلگەن شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قارمىقىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى قازاقىستان ۋە شەرق ئەللىرى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تارىخىي-مەدىنىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي، سىياسىي، دىنىي، شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا، دۇنيا مەدەنىيەتلىرى مەسىلىلىرىنى سىستېمىلىق رەۋىشتە تەتقىق قىلىش بويىچە ئىش ئېلىپ بارغان. كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئۈچۈن ئوقۇش قوراللىرىنى، شۇنداقلا ئىلمىي كادىرلارنى تەييارلاش ئىشلىرىغىمۇ پائال ئارىلىشىپ كەلگەن. ئۇلار قازاقىستاننىڭ باشقىمۇ ئىلمىي دەرگاھلىرى ۋە ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرى، مەتبۇئات ھەم نەشرىياتلار، مەدەنىيەت، مائارىپ ۋە سەنئەت مەركەزلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشتا، ئاسىيا، ياۋروپا ۋە ئا ق ش نىڭ يېتەكچى ئىلمىي مەركەزلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىلمىي لايىھىلەرنى ئورۇنلاشتا، خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى باشقىمۇ ئىلمىي پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشتا ۋە ئۆتكۈزۈشتە ئالاھىدە پائالىيەتچانلىق كۆرسىتىپ، ئۇيغۇرلار تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى دۇنيانىڭ ھەر خىل مەملىكەتلىرىدە تونۇشتۇرۇپ كەلگەن ئىكەن.
ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چوڭ ئوقۇتقۇچىسى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزات دوكتورى شائىرەم باراتوۋا خانىم 1996-يىلدىن تارتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى مەركىزىي ئاسىيا، ھەتتا دۇنيا بويىچە خەلقىمىزنىڭ تارىخى ھەم تىل-ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىدىغان بىردىن-بىر ئىلمىي تەتقىقات مەركىزى بولۇپ كەلگەنلىكى ئېنىق. ئەمما كېيىنكى يىللاردا بەزى ئوبيېكتىپ سەۋەبلەرگە كۆرە مەركەز ئۆزىنىڭ بۇ ماھىيىتىنى يوقىتىشقا قاراپ يۈزلەندى. بۇنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرىنىڭ بىرى كادىر مەسىلىسى دەپ ئويلايمەن. يېقىندا بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئىلىم-پەن ساھاسىگە ئالاھىدە دىققەت بۆلۈنىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن ئىدى. دېمەك، كەلگۈسىدە تارىخ، ئەدەبىياتشۇناسلىق ھەم تىلشۇناسلىق ساھەلىرىدە يېڭى كەشپىياتلارنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان ياشلار مەركەز تەركىبىگە قايتا جەلپ قىلىنىدۇ دېگەن سۆز. لېكىن بۇنىڭ بارلىقىنى ۋاقىت كۆرسىتىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»
ئىگىلىشىمىزچە، ھازىر ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىدە ئاز ئادەم ئىشلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مەملىكەتنىڭ ھەر خىل تەتقىقات مەركەزلىرىدە تىل، ئەدەبىيات ۋە تارىخ مەسىلىلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئالىملار يېتەرلىك ئىكەن. ئۇيغۇرشۇناس ئالىملارنىڭ مۇنداق چېچىلىپ كېتىشى بۈگۈنكى كۈندىكى قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىق پەنىنىڭ ئۆزىگە خاس بىر ئالاھىدىلىكى دەپ قارالماقتا. ئۇنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇنىڭدىكى ئۇيغۇرشۇناس ئالىملار دۇنيا ئىلىم جەريانلىرىغىمۇ يېقىندىن ئارىلىشىپ كەلمەكتە. مەسىلەن، شۇلارنىڭ بىرى ئابلەت كامالوف بولۇپ، ئۇ ياۋروپا، ئا ق ش ۋە ياپونىيەگە ئوخشاش چەت ئەللىك ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ پائالىيىتىگە ئاكتىپ ئارىلىشىپ كېلىۋاتماقتا. ئابلەت كامالوف ھازىرقى ۋاقىتتا ياۋروپا مەركىزىي ئاسىيا تەتقىقاتچىلىرى بىرلەشمىسىنىڭ پرېزىدېنتى، كۆپلىگەن خەلقارا ئىلمىي ژورناللار تەھرىرات كوللېكتىپىنىڭ ئەزاسى. پەقەت مۇشۇ يىلى ئۇنىڭ بىر قاتار ئەمگەكلىرى ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ نەشرلىرىدە يورۇق كۆرگەن.»
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور ئالىمجان ھەمرايېف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «كېيىنكى پەيتلەردە ۋەزىيەت ياخشى تەرىپىگە ئۆزگىرىشكە باشلىدى دەپ ئويلايمەن. چۈنكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ رەھبەرلىرى يېقىندا چوڭ يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭدا بۈگۈنكى ئۇيغۇرشۇناسلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ناھايىتى مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئالىملىرىمىز يېڭى لايىھەلەرنى سۇنىدۇ دەپ ئويلايمەن. ئاساسىي مەسىلە بىزنىڭ ئۇيغۇر ئالىملىرى مۇشۇ ئىشقا قانچىلىك دەرىجىدە بەللىرىنى باغلاپ كىرىشىدۇ، مانا شۇنىڭدا. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا چۈشكەن سىناقلار ناھايىتى جىددىي. مۇشۇنداق بىر شارائىتتا بىزمۇ ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك.»
ئالىمجان ھەمرايېف ئىلگىرىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى دەۋرىدە ئىلمىي لايىھەلەرنىڭ كۆپىنچە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەۋسىيە قىلىنغان بولسا، كېيىنكى يىللاردا، يەنى قازاقىستان مۇستەقىللىك ئالغاندىن كېيىن بۇ جەھەتتە كۆپلىگەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئىلمىي لايىھەلەرنى تەستىقلاش قائىدىلىرىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
مەلۇماتلاردىن ئىگىلىنىشىچە، ئاخىرىقى يىللاردا ئۇيغۇرشۇناس ئالىملار پائالىيىتىنىڭ خېلە جانلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۇ بىرىنچى نوۋەتتە قازاقىستاننىڭ يېتەكچى ئۇيغۇرشۇناس ئالىملىرى رىسالەت كەرىموۋا ۋە ئابلەت كامالوفلارنىڭ رەھبەرلىكىدە تۈزۈلگەن ئىلمىي لايىھەلەرنىڭ قازاقىستان بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ، خىراجەت بۆلۈنگەنلىكى بىلەن باغلىقكەن.