مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ چوڭ بايراملىرىدىن بىرى بولغان روزا ھېيت ھەر يىلى بىر ئاي داۋاملاشقان رامىزاننىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن يېتىپ كېلىدۇ. بۇ يىلقى روزا ھېيت 30-مارتقا توغرا كەلگەن بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر جامائەتلىرى بۇ ھېيتنى ئىناق-ئۆملۈك ئىچىدە دۇئا-تىلاۋەت ۋە ئۆز-ئارا يوقلىشىشلار ئارقىلىق كۆڭۈللۈك كۈتۈۋالدى.
ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان ۋىرجىنىيە ئىشتاتىدىكى ئۇيغۇر مەسچىتىدە، جامائەت سەھەردە يىغىلىپ، ھېيت نامىزىنى بىرگە ئوقۇدى. ئىمام نامازنىڭ ئاخىرىدا دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ، ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك ۋە زۇلۇمغا خاتىمە، شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى جامائەتكە سەبىر ۋە ئىناقلىق تىلىدى. ناماز ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مەسچىتنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا ئۇيغۇر بازىرى ئېچىلىپ، ئۆپكە-ھېسىپ، نان-سامسا، كاۋاپ-مانتا قاتارلىق تائاملار نەق مەيداندا پىشۇرۇلۇپ سېتىلدى. جامائەت مەززىلىك تائاملاردىن ھۇزۇرلانغاچ ھېيت شادلىقى بىلەن ساما ئۇسسۇلىغا ئىشتىراك قىلدى.
بۇ روزا ھېيتنى ئامېرىكادىن باشقا يەنە كانادا، ياۋرۇپا، تۈركىيە، ئاۋسترالىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارمۇ قىزغىن تەنتەنە بىلەن كۈتۈۋالدى. ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايىد شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار مەرىكە زالىغا يىغىلىپ، قىزغىن ھالدا روزا ھېيت پائالىيىتىگە قاتناشتى. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار بولسا كوچا-كوچىلاردا ناغرا-سۇنايلارنى چېلىپ، بايرام كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.
ئۇيغۇرلار مىڭ يىلدىن بېرى تەبرىكلەپ كېلىۋاتقان بۇ روزا ھېيت بۇ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق بېسىمى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدا تەبرىكلەنمىگەن. خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھېيتنى كۈتۈۋالغانلىقى توغرىسىدا ئاساسەن خەۋەر بەرمىگەن. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ يىلمۇ روزا تۇتۇشى چەكلەنگەنلىكى، رامىزان جەريانىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە زورلانغانلىقى ھەتتا چۈشلۈك تاماق يېگىنىنىمۇ رەسىم ۋە سىن تارتىپ دوكلات قىلىشقا مەجبۇرلانغانلىقى رادىيومىز تەرىپىدىن دەلىللەنگەن ئىدى.