خىتاي ئۇيغۇر رايونىدا روزا ھېيتنى چەكلەپ، بېيجىڭدا ھېيتنى چەتئەللىك مېھمانلار بىلەن داغدۇغىلىق كۈتۈۋالغان

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزاندا روزا تۇتۇشى ۋە روزا ھېيتنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى قاتتىق چەكلىگەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا چەتئەللىك مېھمانلارنى تەكلىپ قىلىپ روزا ھېيتنى داغدۇغىلىق كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇلار بۇ پائالىيەتكە تۈركىي ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە دىپلوماتلىرىنى تەكلىپ قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇۋانى بولغان يەر-شارى ۋاقتى گېزىتىنىڭ سەيشەنبە بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بېيجىڭدا دۈشەنبە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق روزا ھېيتنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىگە 43 دۆلەتتىن 70 كە يېقىن دىپلومات قاتناشقان ئىكەن. خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قېتىمقى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، ئۇ ئېچىلىش سۆزىدە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتلىرىنى تونۇشتۇرۇشتىن سىرت، يەنە بۇ رايوندا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن.

ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭ خەلقىنىڭ كېلەچىكىنىڭ پارلاق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «شىنجاڭدىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى ھاياتقا بولغان تەشنالىقىنى يامان غەرەز ۋە ئاساسسىز ئەيىپلەشلەر، شۇنداقلا (شىنجاڭ مەسىلىسىگە قارىتىلغان) يامان نىيەتلىك ئارىلىشىشلار توساپ قالالمايدۇ» دېگەن.

خەلق گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى كۈتۈۋېلىشقا قاتناشقان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش سېكرېتارى نۇرلان يېرمېكبايېۋ، «شىنجاڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بولۇپمۇ بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق مەسىلىلىرىدە، شۇنداقلا تېررورىزم، رادىكالىزم ھەم بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشتە ئەھمىيەتلىك رول ئوينىدى. خىتاي 2024-2025-يىللىق رەئىسلىك نۆۋىتىنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ھالقىلىق رول ئوينىشىغا تىلەكداشمىز» دېگەن.

پاكىستاننىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خالىل ھاشمى يەر-شارى ۋاقتى گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە تۇتقان مەيدانىنى ماختىغان. باش ئەلچى ھاشمى سۆزىدە، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە تۇتقان مەيدانى ئەقىلگە مۇۋاپىق. ھۆكۈمەت ئاۋال خەلقنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە كۈچلەندۈرىدۇ. سىياسىي ۋە پۇقرالار ھوقۇقىنىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ. شىنجاڭدىكى ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەر ۋە جامائەتلەر ھەر دەرىجە ھۆكۈمەتلەردە ياخشى ۋەكىللىك قىلىنغان. ئۇلار يېزىدىن ۋىلايەت ۋە شەھەرلەرگىچە بولغان ئوخشىمىغان ھۆكۈمەت قاتلاملىرىغا قاتنىشالايدۇ. ئۇلار قارار چىقىرىش جەريانىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىدۇر» دېگەن.

ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ 10 دىن ئارتۇق غەرپتىكى ئىتتىپاقداشلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلىدىن بېرى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قەبىھ جىنايەتلىرىنى ئېرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ ئەيىپلىگەندىن بېرى، ئۇ تۈركىي ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى يېنىغا تارتىپ ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى خەلقئارادا يۇيۇشقا ئۇرۇنغان ئىدى. نەتىجىدە، تۈركىيەدىن باشقا تۈركىي ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلەر مىللىتى تۈرك ۋە دىنى ئىسلام بولغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى قوللاپ خىتاينى ئەيىپلەشنىڭ ئورنىغا، خىتاينى ئىزچىل قوللاپ كەلمەكتە. بۇ قېتىم بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن روزا ھېيتنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدىمۇ، بۇ تۈركىي ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ رامىزان ۋە روزا ھېيتنى چەكلىگەنلىكىنى ئەيىپلەشنىڭ ئورنىغا، يەنىلا خىتاينى مەدھىيەلەپ ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى قوللىغان.