مىرئادىل كارانتىن قىلىنغان ئاتۇشتىكى «6‏-رايون» نىڭ لاگېرغا يېقىن ئورۇن ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى

0:00 / 0:00

10-يانۋاردىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا ئاتۇشتا مىرئادىل نۇرئەخمەت ئىسىملىك بىر ياشنىڭ بىر تۈركۈم كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» يۇقۇمى گۇمانى بىلەن «6‏-رايون» دەپ ئاتىلىدىغان بىر جايدا كارانتىن قىلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا «6‏-رايون» نىڭ ئىلگىرى لاگېر ئورنىدا ئىشلىتىلگەنلىكى ساقچى خادىملىرى تەرىپىدىن دەلىللەندى. خەۋەر ئارخىپلىرىمىزنى ئاختۇرۇشىمىز جەريانىدا ئاتۇشتا جەمئىي بەش لاگېر بارلىقى، بۇ بەش لاگېرنىڭ بىرى ئوتتۇرىدا، قالغانلىرى ئۇنى چۆرىدىگەن ھالدا يېقىن ئەتراپتا ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى.

بىز ئاتۇشتا مىرئادىل نۇرئەخمەت ئىسىملىك بىر ياشنىڭ «6‏-رايون» دېگەن جايدا كارانتىن قىلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، بۇ ئورۇننىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى ۋە نېمە ئىش قىلىدىغان ئورۇن ئىكەنلىكى ھەققىدە ئالاقىدار خادىملاردىن مەلۇمات ئىگىلىدۇق.

ئاتۇش شەھەر ئىچىدىكى بىر ساقچى خادىمى بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلدى. بىر كەنت ئاياللار مۇدىرى مىرئادىل نۇرئەخمەتنىڭ ئۈرۈمچىدىن قايتقان ۋە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» يۇقۇمى بىلەن گۇمانلانغان بىر تۈركۈم كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە 6-رايونغا قامالغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆھبىتىمىز داۋامىدا بۇلارنىڭ شەھەردىكى كارانتىن ئورنىدا ئىشلىتىلىۋاتقان مېھمانخانىلارغا سىغمىغانلىقتىن 6‏‏-رايونغا يۆتكەلگەنلىكىنى بايان قىلىش بىلەن بىرلىكتە 6‏-رايوننىڭ ئەسلىدە بىر لاگېر ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى. ئۇ ئاكىسىنىڭ «تەربىيەلەش» كە ئەكېتىلگەن بىر ئوغلىنىڭ ئىلگىرى بىر مەھەل دەل مۇشۇ 6-رايوندا تۇرغانلىقىدىن خەۋىرى بارلىقىنى ئېيتتى.

ساقچى خادىملىرىدىن بىرى ‏6-رايون ھەققىدە ئېغىز ئېچىشتىن چۆچۈسە، يەنە بىر خادىم 6‏- ۋە 5‏-رايونلارنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغان يەرلەر ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشكە قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاخىرىدا تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ج. خ. قوماندانلىق مەركىزى 6‏-رايوننىڭ ئىلگىرى «تەربىيەلەش مەركىزى»، يەنى لاگېر ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

ئۆتكەن يىلنىڭ بېشىدا ئاتۇشقا تېلېفون قىلغان ۋاقتىمىزدا بىر ساقچى خادىمى ئاتۇشتا 5 لاگېر بارلىقى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا قەشقەرگە ماڭىدىغان يول ئۈستىدىكى يېڭىدىن ئېچىلغان سانائەت رايونىدا ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى. ئۇ بەش لاگېرىدىن بىرىنىڭ ئوتتۇرىدا، قالغانلىرىنىڭ بولسا بۇنى چۆرىدىگەن ھالدا يېقىن ئەتراپتا ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلغان ئىدى.

مانا بۇ ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، مىرئادىل نۇرئەخمەت قاتارلىق «ۋۇخەن ۋىرۇسى» يۇقۇم گۇماندارلىرىنىڭ ئاتۇشتا ئىلگىرى لاگېر قىلىنغان بىر ئورۇنغا ۋە مەۋجۇت لاگېرلارنىڭ يېقىن ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولماقتا.