يېقىندا يۇتۇپ قانىلىدا « بلاكمەن دا نىڭ ساياھىتى» نامىدا، ئافرىقا قېنىدىكى ئەنگىلىيەلىك مۇسۇلمان يۇتۇبىرنىڭ خىتاي ساياھىتى تەسۋىرلەنگەن بىرقانچە پارچە ۋىدىيوسى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىپ قىزىقىش قوزغىغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ «مەن خىتايدىكى ئەڭ تالاش-تارتىش قوزغىغان شەھەرنى زىيارەت قىلدىم» ماۋزۇسى قويۇلغان 1 سائەت 7 مىنۇتلۇق زىيارەت خاتىرىسىدە، ئۇنىڭ ئۈرۈمچى زىيارىتى مەزگىلىدە، پېشىم نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن، جامائەتكە ئوچۇق بولغان بىرمۇ مەسچىت تاپالمىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنىڭغا مەسچىتلەرنىڭ تاقاق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكى ۋە ئۇنىڭدىن بۇنداق سوئاللارنى سورىماسلىقنى ئاگاھلاندۇرغانلىقى ھەققىدىكى كۆرۈنۈشلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ سىن فىلىمى تارقالغاندىن كېيىنكى بىرقانچە كۈن ئىچىدىلا زىيارەت قىلىنىشى 580 مىڭ قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن.
ئەنگلىيەلىك مۇسۇلمان يۇتۇبىر تەرىپىدىن 3-ئاينىڭ 9-كۈنى يەنى رامىزان مەزگىلىدە يۇتۇپ تورىغا يوللانغان بۇ سىن فىلىمى، چەت ئەللەردە ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىدىغان فەيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ قىسقا فىلىم شەكلىدە كەڭ تارقىلىپ، ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان.
3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىر ئايلىق رامىزان ئېيى باشلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن روزا تۇتۇش چەكلەنگەن بولۇپ، رامىزان مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئەر-ئاياللىرىنىڭ ئۆستەڭ چېپىش، پارنىك تازىلاشتەك بىكارلىق ھاشارغا سېلىنىۋاتقان سىن كۆرۈنۈشلىرىمۇ كۆپلەپ تارقىلىشقا باشلىغان ئىدى.
بۇ كۆرۈنۈشلەردىن رادىيومىز تەرىپىدىن دەلىللەنگەن ئەھۋاللاردىن، قەشقەرنىڭ پەيزىۋات ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر كۈنى چۈشلۈك تاماق يېگەن كۆرۈنۈشىنى مەھەللە كومىتېتىغا يوللاشقا مەجبۇر قىلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغانىدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ بارغانچە چەكلىنىۋاتقان دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرى يىللاردىن بۇيان چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ جىددىي دىققەت قىلىۋاتقان ۋە قاتتىق ئەيىبلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىي ئېتىقادى بويىچە مەسچىتلەرگە كىرىپ ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇشقا ئوخشاش دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرى يىللاردىن بۇيان قاتتىق چەكلىنىپ، نۇقتىلىق باستۇرۇش ئوبيېكتىغا ئايلانغان.
تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىللىق رامىزان مەزگىلىدىكى چەكلىمىلىرىنىڭ ئالدىنقى يىللاردىكىدىنمۇ قاتتىق بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات تەييارلاۋاتقانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ ۋەزىيەت ئەسلى دۇنيانىڭ جىددىي دىققەت نەزىرىدە بولۇشى كېرەك بولسىمۇ، ئەمما خىتاي بىلەن بولغان سودا ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى ئۈستۈن كۆرۈۋاتقان بىر قىسىم دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۆلەتلىرى مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ بىر پارچىسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا زۇلۇم تارتىۋاتقان رېئال ۋەزىيىتىنى بىر چەتكە قايرىپ قويماقتىكەن.
ھالبۇكى نيۇ-يوركتىكى تۇڭگان ئانالىزچى ما جۈ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دەل بىر قىسىم دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە ئۇچراۋاتقان باستۇرۇش ۋەزىيىتىگە سۈكۈت قىلىشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان باستۇرۇشى ۋە دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىكى چەكلىمىلىرى نۆۋەتتە پۈتكۈل خىتاي مىقياسىغا قاراپ كېڭىيىشىگە سەۋەب بولماقتا ئىكەن.
ما جۈ ئەپەندى سۆزىدە، بۇ يىل 4-مارتتىن 9-مارتقىچە بېيجىڭدا ئېچىلغان «خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى» ۋە «سىياسىي كېڭەش يىغىنى» نى نەقىل ئالدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاتالمىش ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرى ئارىسىدا ئۇيغۇرلار، تۈركىي خەلقلەر ۋە تۇڭگانلاردىن تاللانغان دىنىي زاتلار بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ دىنىي ئىبادەتلىرى ئۈچۈن ئىلگىرىكى يىللاردا كۆرۈنۈش ئۈچۈن بولسىمۇ ئېچىپ بېرىلىدىغان بېيجىڭدىكى «نىيۇجىې مەسچىتى» نىڭ بۇ يىل رېمونت قىلىنىش نامىدا تاقاق ئىكەنلىكىنى، سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەردىن مۇسۇلمان دىنىي زاتلار ئۈچۈن رامىزان ئېيىغا توغرا كەلگەن يىغىنلاردا، ئىلگىرىكى يىللاردا مەخسۇس تەييارلىنىدىغان زوھۇرلۇق ۋە ئىپتارلىق تاماقلارنىڭمۇ بۇ يىل تەييارلانمىغانلىقى ئاشكارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.