پەيزۇللا زەيدىن: كورلىدا توغراقلارنىڭ قۇرۇپ كېتىشىدىكى سەۋەبلەردىن بىرى - كۆپەيگەن قۇدۇقلار

0:00 / 0:00

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى بىڭتۈەن ئاھالىلىرىنىڭ يوشۇرۇن قۇدۇق قېزىپ يەرلىكتىن سۇ ئوغرىلىغانلىقى ھەققىدىكى ئىنكاسىدا، بۇ قېزىلغان قۇدۇقلارنىڭ كورلىدا يەرئاستى سۈيىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ۋە توغراقلارنىڭ قۇرۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى تىلغا ئالغانىدى؛ كورلىدىكى ئالاقىدار بىر خادىم بۇ ئاقىۋەتنى ئىنكار قىلمىدى. ئامېرىكادا ياشاۋاتقان يەرشارى مۇھىتى ساھەسىدىكى ئىزدەنگۈچى پەيزۇللا زەيدىنمۇ، كورلىدا توغراقلارنىڭ قۇرۇشى بىلەن كۆپىيىپ كەتكەن قۇدۇقلارنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، ئەمما سەۋەبنىڭ بۇنىڭ بىلەنلا چەكلەنمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە كورلىدا يەرئاستى سۈيىگە تايىنىش 1990-يىللاردىلا كېڭەيگەن؛ 2010-يىللاردىن كېيىن قۇدۇق قېزىشنىڭ تېخنىك جەھەتتىن ئاسانلىشىشى بىلەن، بۇ كېڭىيىش ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇققا تەسىر كۆرسىتىش دەرىجىسىگە يېتىپ بارغان. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىدا دېيىلىشىچە، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن قېزىلغان قۇدۇقلار كورلىدا يەرئاستى سۈيىنىڭ تېز تۆۋەنلىشى ۋە توغراقلارنىڭ قۇرۇپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. كورلىدا سۇ ئوغرىلاش دېلولىرىنى تەكشۈرۈشكە قاتناشقان بىر ساقچى خادىمى، يۇقىرىدا دېيىلگەن ئاقىۋەتنىڭ راستلىقىنى دەلىللىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئاقىۋەتنى ئەڭ باشتا بايقىغان يەرلىك ئاھالىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى قاقشاشلىرى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتالمىغان. مەركەزدىكى كەسپىي ئورگانلار ھەر يىللىق تەكشۈرۈشلىرىدە، بۇ ئەھۋالنى بايقىغان ۋە دوكلاتلىرىغا كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمەلىي بىر چارە-تەدبىر ئوتتۇرىغا قويمىغان.

بىز بۇ ھەقتە بايىنغولىن ئوبلاستلىق تەبىئىي بايلىق ۋە مۇھىت ئاسراش ئىدارىلىرىگە تېلېفون قىلدۇق، ئەمما سوئاللىرىمىزغا جاۋاب ئالالمىدۇق. بىز بۇ تېمىدا، نۆۋەتتە ئامېرىكادا ياشاۋاتقان يەرشارى مۇھىتى ساھەسىدە ئىزدەنگۈچى پەيزۇللا زەيدىن ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ ئىلگىرى ئانا يۇرتىدا كۆرگەنلىرى ۋە نۆۋەتتىكى ئىلمىي ئىزدىنىشلىرىگە ئاساسەن، كورلىدا ھەقىقەتەن ئىھاتە ئورمانلار ۋە توغراقلارنىڭ قۇرۇپ كېتىش ئەھۋالى مەۋجۇتلۇقىنى بايان قىلدى. ئۇ بۇ ئاقىۋەتتە يەرئاستى سۈيى تۆۋەنلەشنىڭ ئاساسلىق سەۋەب ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. پەيزۇللا زەيدىن يەنە يەرئاستى سۈيى تۆۋەنلەشتە كۆپلەپ قېزىلغان قۇدۇقلارنىڭ سەۋەبلەردىن پەقەت بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. كۆنچى دەرياسىنىڭ سۈيىنىڭ تارقاقلىشىشى ۋە ئازىيىشى قاتارلىق ئۆزگىرىشلەرنى تىلغان ئالغان پەيزۇللا ئەپەندىمۇ، بۇ مەسئۇلىيەتسىز ئىشلەپچىقىرىش ۋە مەشغۇلاتلاردا، كورلىغا ماكانلاشقان بىڭتۈەن پولكلىرىنىڭ ئاساسلىق رولچى(سەۋەبكار) ئىكەنلىكىنى ئىشارەتلىدى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى بۇ توغرۇلۇق بەزى ئىنكاسلاردا، ئۇيغۇر ئېلىدە تەبىئىي ئاپەت شەكلىدە كۆرۈلۈۋاتقان بۇ ئاپەتلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە سۈنئىي يەنى بىڭتۈەن پەيدا قىلغان ئاپەتلەر ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭ نۆۋەتتە خىتاي ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا زېمىن ۋە ۋاسىتە تەييارلاپ بېرىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.