ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپېيونىڭ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ھەققىدىكى باياناتىغا ئىنكاس قايتۇرغان خىتاي دائىرىلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ تولۇق قوغدىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرى ئارىسىدا، رايوندا مىللىي تىل-يېزىق ۋە مىللىي مائارىپنىڭ قوغدىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.
مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈن ۋە ئىلگىرى ئىگىلىگەن بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىدىن خىتاي تەشۋىقاتىدىكى مەزكۇر مەلۇماتنىڭ قىپقىزىل يالغانلىقى يەنە بىر قېتىم دەلىللەندى.
ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپېيو خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىجرائاتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ئاخباراتى ھەقنى سۆزلىگەن مايك پومپېيوغا ئەسەبىيلەرچە ھۇجۇم قىلدى. ئەمما، مايىك پومپېيونى ئەيىبلەشتە سەلبىي سۈپەتلەرنى ئايىماي ئىشلەتكەن خىتاي تەرەپ، ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىشتا قىينالدى. خىتاي ئاخباراتى بۇ تېمىدا ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتىنىڭ گۈل-گۈلىستانلىق ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ بەخت-سائادەتكە چۆمۈلۈپ ياشاۋاتقانلىقىنى قايتىدىن بازارغا سالدى. خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونلۇق تېلېۋىزىيە قانىلى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپىنىڭ قوغدىلىۋاتقانلىقىنى تەرەددۇتسىز تىلغا ئالدى. بۈگۈن، 25-يانۋار رادىيومىزغا كەلگەن ئاۋاز خاتىرىسى شەكلىدىكى بىر ئىنكاستىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ئۆلكىلىرىدە ياشاۋاتقان كەلپىنلىك بىر ئۇيغۇر خىتاي ئاخباراتىنىڭ يۇقىرىقى خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن يۇرتى كەلپىنگە تېلېفون قىلىپ، قوشنىسىنىڭ ئوقۇشسىز قالغان ئىككى بالىسىنى مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە ئالاقىدار خادىمدىن مەلۇمات سورىغان. ئۇ ئۆزىنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن قوشنىسىنىڭ تەربىيەلەشكە ئەكېتىلگەنلىكى، ئۇنىڭ 5 ۋە 7 ياشلىق ئىككى بالىسىنىڭ ئوقۇشسىز قالغانلىقى ھەم بۇلارنى كىمگە تاپشۇرۇشى كېرەكلىكىنى سورىغان. ئۆزىنىڭ كەلپىن ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ خادىمى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان مەزكۇر خادىم، بۇ ئىككى بالىنى مائارىپ ئىدارىسىگە ئەكېلىپ تاپشۇرۇشنى ئېيتقان. ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغۇچى، مەزكۇر خادىمدىن، بۇ بالىلارنىڭ قايسى تىلدا تەربىيە ئالىدىغانلىقىنى سورىغان. مائارىپ خادىمى، ھازىر كەلپىندە پۈتۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۆلەت تىلىدا تەربىيە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئىنكاس قىلغۇچى، بالىلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئوقۇش ئىمكانى بار-يوقلۇقىنى سورىغىندا، مەزكۇر خادىم، كەلپىندە مائارىپتا دۆلەت تىلىنىڭ ئومۇملىشىپ بولغانلىقىنى تەكرارلىغان.
«شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى» نىڭ ئامېرىكانى ئەيىبلىگەن يەنە بىر خەۋىرىدىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىۋاتقانلىقى تەكرارلانغان.
بىز بۈگۈن كەلپىن ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە تېلېفون قىلىپ، بۇ مەكتەپتە ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتۇلۇۋاتقان دەرس بار-يوقلۇقىنى سۈرۈشتە قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خىتاي خادىم ئۆزىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى ئىكەنلىكىنى، مەكتەپتە ئۇيغۇر مۇدىر يوقلۇقىنى ئېيتتى؛ بىز ئۇنىڭدىن بۇ مەكتەپ ياكى كەلپىندىكى باشقا مەكتەپلەردە ئۇيغۇرچە دەرس بار-يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بۇ ھەقتە تەشۋىقات ئىدارىسىدىن مەلۇمات سورىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان مەكتەپ مەمۇرىي خادىملىرىدىن بىرى، مەكتەپتە ئۇيغۇرچە دەرس ئۆتۈش ئەمەس، ئوقۇتقۇچى ۋە خىزمەتچىلەر ئۆزئارا ئۇيغۇرچە سۆزلەشكىمۇ رۇخسەت يوقلۇقىنى ئاشكارىلىدى.
يۇقىرىدا دىققىتىڭلارغا سۇنغىنىمىز، خىتاي ئاخباراتىنىڭ ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى باياناتىغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشۋىقاتىدىن مىللىي مائارىپقا ئالاقىدار ئۇچۇرنىڭمۇ ساختىلىقىنىڭ يەنە بىر رەت دەلىللىنىشىدۇر.