دانىئال ئاۇفشلاگېر: ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش دۇنيا مەدەنىيىتى ئۈچۈن قوشقان نۇرغۇن تۆھپىسى بار

0:00 / 0:00

«ئۇيغۇرلار قەدىمىي مەدەنىيەتكە ئىگە خەلق، ئۇلار بۈگۈن شىنجاڭ دەپ ئاتالغان شەرقىي تۈركىستاندا قەدىمدىن ئۆزىگە ئۆزى خوجا ئەركىن ۋە ھۆر ياشاپ كەلگەن، دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئۆلمەس تۆھپە قوشقان بىر قەدىمىي مىللەت» دېگەن سۆزلەر شىۋېتسارىيەلىك پېشقەدەم سىياسىي پائالىيەتچى دانىئال ئاۇفشلاگېر ئەپەندىنىڭ زۇرىخ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا ئۇيغۇرلار ھەققىدە بەرگەن باھاسىدۇر. ئۇ، 2-سېنتەبىر كۈنى زۇرىخ شەھىرىدە چاقىرىلغان ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىم مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ تەرەققىياتى ھەم دۇچ كەلگەن خىرىسلارغا ئائىت يىغىندا سۆزلىگەن ئېچىلىش نۇتقىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «بۇ مىللەتنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش دۇنيا مەدەنىيىتى ئۈچۈن قوشقان نۇرغۇن تۆھپىسى بار. ئۇلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى ۋە بۈگۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇ زېمىنغا زورلاپ تاڭغان شىنجاڭ ئاتالغۇسى بولسا يېڭى چېگرا ياكى يېڭى تېررىتورىيە دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. بۈگۈن مانا مۇشۇنداق قەدىم مەدەنىيەتلىك بىر مىللەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جازا لاگېرلىرىدا جان تالاشماقتا، بۇ ئۆلمەس مەدەنىيەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن سىستېمىلىق ھالدا يوق قىلىنماقتا، ياكى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنماقتا. ئەگەر سىز مېنىڭ سۆزۈمنىڭ چىنلىقىدىن گۇمان قىلسىڭىز بېرلىن موزىيىغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى مىڭ ئۆي تام رەسىملىرى ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار ئەسەرلەرنى بىر زىيارەت قىلىڭ. سىز ئۇ يەردىن ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق مەدەنىي مىللەت ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايسىز، مەن بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بۇ پاجىئەلەردىن قاتتىق ئەپسۇسلىنىمەن دەيسىز» .

شىۋېتسارىيەلىك پېشقەدەم سىياسىي پائالىيەتچى دانيال ئائۇفشلاگېر ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەۋاتىدۇ، 2023-يىلى 2-سېنتەبىر، زۇرىخ
شىۋېتسارىيەلىك پېشقەدەم سىياسىي پائالىيەتچى دانيال ئائۇفشلاگېر ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەۋاتىدۇ، 2023-يىلى 2-سېنتەبىر، زۇرىخ (RFA/Hebibulla)

ئۇ، ئۇيغۇر مىللىي تېبابىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

مەزكۇر پائالىيەتنى شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەتنىڭ نىشانى قەدىمىي ئۇيغۇر مىللىي تېبابىتى ۋە ئۇنىڭ ھازىر دۇچ كەلگەن قىسمىتىنى تونۇشتۇرۇش ئىدى. شىۋېتسارىيەدىكى ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرى، شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى ئەندىلى قاراخانلى ئەپەندى ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىنى تېما قىلىپ ئەتراپلىق دوكلات بەردى. ئەندىلى ئەپەندى: ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان يوق قىلىۋېتىشنىڭ نوقۇللا بىر مىللەتكە قارىتىلغان بولماستىن بەلكى ئۇنىڭ تارىخىي يىلتىزى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىغا قارىتامۇ ئىنسان ئەقلىگە كەلتۈرەلمىگۈدەك سىياسىي زىيانكەشلىكلەرنىڭ تەرەققىي قىلىپ بۈگۈن ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەرىجىسىگە يەتكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ داڭلىق زىيالىيلىرى، دىنىي ئۆلىمالىرى، تېبابەت ئالىملىرىنىمۇ يوق قىلىۋاتقانلىقىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن سۆزلەپ، دوكتور خالمۇرات غوپۇرنىڭ بۇنىڭ بىر ئەمەلىي مىسالى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇ، ھەتتا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتى رېتسىپلىرىنىمۇ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋاتقانلىقى، بەزى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ پاتېنت ھوقۇقىنى ئېلىۋېلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن قالغان رېتسېپلىرىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇ پائالىيەت زۇرىختىكى ئاسىيا مەدەنىيىتى مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلدى. پائالىيەتكە شىۋېتسارىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە، شىۋېتسارىيەلىك پائالىيەتچىلەر، مۇتەخەسسىسلەر، شىۋېتسارىيەلىك تۈركلەر ۋە شىۋېتسارىيە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان موڭغۇللار، تىبەتلەرمۇ قاتناشتى. پائالىيەت باشتىن-ئاخىرى ناھايىتى جانلىق كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ پائالىيەت قاتناشقۇچىلىرى بەس-بەستە ئەندىلى ئەپەندىدىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە باشقا ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئەھۋالى ھەققىدە سوئاللار سوراشتى.

تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتنى تامام قىلغاندىن كېيىن، 1994-1995-يىللىرى خوتەن ئۇيغۇر تېبابىتى ئالىي تېخنىكومىدا ئۇيغۇر تېبابىتى بويىچە بىلىم ئاشۇرغان، 1998-يىلىغىچە خىتاي تېبابىتى ئىلمى بويىچە ئوقۇغان، ئارقىدىن تۈركىيەدە ئىستانبۇل جەرراھپاشا دۆلەت دوختۇرخانىسىدا ئىشلىگەندىن كېيىن شىۋېتسارىيەگە كېلىپ يەرلىشىپ، بۇ يەردە ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسى ئېچىپ كېسەل داۋالاۋاتقان ئەندىلى ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى قىسمىتى ھەققىدىكى جاۋابلىرى ۋە ئۇچۇرلىرى كۆپچىلىكنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئىشتىراكچىلاردىن بىرى، دىنلار ئارا مۇناسىۋەتلەر بويىچە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقاتچى چارلېس ساراسېن ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆز تەسىراتىنى شۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى:

«مەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولساممۇ ئۇيغۇر تېبابىتى ھەققىدە جىق مەلۇماتىم يوق ئىدى. بۈگۈن بۇ يەردە ئۇيغۇر تېبابىتى ھەققىدىمۇ كەڭ چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم. ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا كەلسەك؛ خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئۆزىدىن باشقا خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى ۋە مەدەنىيەتلەرنى يوق قىلىۋېتىش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز.

مەنچە بىز ياۋروپالىقلار ۋە غەرب ھۆكۈمەتلىرى نېمە قىلالايمىز دېگەندە، كىنايىلىك، ئابستراكت ئاتالغۇلار بىلەن ئەمەس، بەلكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئوچۇق ئادرېسى بىلەن خىتاينى سوراققا تارتىشىمىز ۋە نەدە نېمە بولۇۋاتىدۇ، ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز، شۇنداقلا بۈگۈن بۇ پائالىيەتكە قېتىلغان سىياسىي پائالىيەتچىلەر، ئاكتىپلار ياۋروپانىڭ خىتايغا بېقىنىپ قېلىشىدىن غەرب دۆلەتلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇشىمىز ۋە توسۇشىمىز كېرەك» .

بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان تۈركلەردىن بىرى، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر تۈرك خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن گېرمانىيەدە ياشايمەن، ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار ھەققىدە جىق نەرسىلەرنى ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن بولساممۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە ئائىت بىر تېبابەت ئىلمى بولغىنىنى بىلمەيتتىم، بىر دوستۇمنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتكە قاتناشقانىدىم، ھەيران قالدىم. ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا مەن ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تىراگېدىيەسى ۋە كىشىنى چۆچۈتكۈدەك بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن تېخىمۇ ھەيران قالدىم، بۇندىن كېيىن بۇ ھەقتە تېخىمۇ جىق ئۇچۇرلارنى ئىگىلەپ، مەن ۋە ئەتراپىمدىكىلەر بىز نېمە قىلالايمىز؟ دېگەن تېمىدا قولۇمدىن كېلىشىچە كۈچ چىقىرىشقا تىرىشىمەن» .

دانىئال ئەپەندى زىيارىتىمىزنى ئايرىم قوبۇل قىلىپ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ، ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە ئۇنىڭ قىسمىتىگە بولغان قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بۇ يەردە ئۇيغۇر تېبابىتىمۇ تونۇشتۇرۇلدى، ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، غەرب ۋە شەرقنىڭكىنى بىرلەشتۈرۈپ بىر مۇكەممەل تېبابەت ئىلمىنى ياراتقان مەدەنىيەتلىك مىللەت، ئۇيغۇر تېبابىتى ئىلمى مېنىڭ بىلىشىمچە خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى تېبابەت ئىلمىي دېگەن ئۇقۇم ئوتتۇرىغا چىقىشتىنمۇ بۇرۇن ئۆزىنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسىنى تىكلەپ بولغان» .

ئەندىلى قاراخانلى ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ۋە گېئوگرافىيەمىز دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلەۋاتىدۇ، 2023-يىلى 2-سېنتەبىر، زۇرىخ
ئەندىلى قاراخانلى ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ۋە گېئوگرافىيەمىز دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلەۋاتىدۇ، 2023-يىلى 2-سېنتەبىر، زۇرىخ (RFA/Hebibulla)

پائالىيەت ئاخىرىدا ئەندىلى قاراخانلى ئەپەندىم رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۆز قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى. ئۇ، بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇش مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىيەتكە ھەسسە قوشقان ۋە شانلىق مەدەنىيەت ياراتقان خەلق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يىغىندىن كېيىن بىز شىۋېتسارىيەدىكى مېدىتسىنا ئىلمى دوكتورى قەيسەر ئابدۇقادىرنى تېلېفون ئارقىلىق زىيارەت قىلدۇق. ئۇ، ئۇيغۇر تېبابىتىنى ياۋروپاغا، جۈملىدىن دۇنياغا تونۇشتۇرۇشنىڭ ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ياۋروپادا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئىستىقبالى بارلىقىنى، جۈملىدىن خىتاينىڭ ھازىر ئۇنى يوقىتىپ، خىتاي تېبابىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇشىنىڭ نەتىجە قازىنالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇرلارنىڭ شىۋېتسارىيەدىكى سانى كۆپ ئەمەس، ئۇلار ئاساسلىقى 1990-يىللار ۋە 2000-يىللاردىن كېيىن بارا-بارا كۆپەيگەن، ئۇلار بېرن، زۇرىخ، جەنۋە قاتارلىق شەھەرلەرگە تارقالغان. ئۇلار ئارىسىدا دوختۇرلاردىن ئەندىلى قاراخانلى مەخسۇس ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسى ئېچىپ يىللاردىن بۇيان كۆپلىگەن كېسەللەرنى داۋالاپ، ئالقىشقا ئېرىشىپ كەلمەكتە.