تۈركىيەدە تۇنجى ۋە مەخسۇس ئۇيغۇر تەتقىقاتى ھەققىدىكى ئالتە ئايدا بىر، تۈرك تىلىدا نەشر قىلىنىدىغان مەزكۇر ئىلمىي ژۇرنالنىڭ 22-سانى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتى. 11 يىلدىن بېرى ژۇرنالنىڭ 22 سانىدا 210 پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىلەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت زىيالىيلىرىنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى بولۇپ، بۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، تىلى، ئەدەبىياتى، فولكلورى، سەنئىتى، ئىجتىمائىي ئەھۋالى، مۇھىتى، سىياسىي ۋەزىيىتىگە ئائىتتۇر. ژۇرنالنىڭ باش تەھرىرى، نەۋشېھىردىكى ھاجىبەكتاش ۋېلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلق ئەدەبىياتى پىروفېسسورى ئادەم ئۆگەر «خەلقئارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى ژۇرنىلى» نىڭ باي ئىلمىي ئارخىپقا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ، مۇنداق دېدى: «11 يىلدىن بۇيان نەشر قىلىنىۋاتقان مەزكۇر ژۇرنىلىمىزنىڭ 22-سانى يورۇق كۆرگەنلىكىدىن ناھايىتى خۇرسەنمىز. بىز ژۇرنىلىمىزنىڭ ھەر يېڭى سانىدا تۈرك دۇنياسى ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ناھايىتى ئەتراپلىق، سۈپەتلىك ماقالىلەرگە ئورۇن بېرىۋاتىمىز. باي مەزمۇنلۇق ئىلمىي ماقالىلەر بىلەن ئوقۇرمەنلىرىنى ئۇچراشتۇرغان خەلقئارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى ژۇرنىلى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ ماقاللىرىنى بىر يەرگە يىغىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇۋاتقان باي ئىلمىي ئارخىپقا ئايلاندى» .
بۇ تور ژۇرنىلىنىڭ 22-سانىدا ئۇيغۇر تىلى، ئەدەبىياتى، فولكلورى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتى توغرىسىدا يېزىلغان 8 پارچە ماقالە بىلەن 2 كىتاب تونۇشتۇرۇش ماقالىسىگە ئورۇن بېرىلگەن. ژۇرنالنىڭ قانۇنىي ئىگىسى ۋە باش تەھرىرى، ئىزمىر ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ پىروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ژۇرنالنىڭ 22-سانىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدا ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسورى نەۋزات ئۆزقان يازغان ‹قەشقەر دىيالېكتىدا ر، ي ئۈزۈك تاۋۇشىنىڭ چۈشۈپ قېلىشى بىلەن پەيدا بولغان ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇشلار›، قىرىققالە ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى ماھىرە چالىق خانىم بىلەن خاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسورى ئۆزقۇل چوبانئوغلۇ يازغان ‹كارىزنىڭ ئۇيغۇر ئىجتىمائىي تۇرمۇشى ۋە مەدەنىيىتىدىكى رولى توغرىسىدا› ۋە بىلگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى مۇرات ئورخۇن يازغان ‹ئۇيغۇرچە لۇغەتلەر› قاتارلىق 8 پارچە ماقالىغا ئورۇن بەردۇق. بۇ ماقالىلەردىن سىرت ئامېرىكالىق ئۇيغۇرشۇناس شون روبېرتس (Sean Roberts) نىڭ كىتابى تونۇشتۇرۇلغان. بىز ژۇرنالىمىزنىڭ بۇ سانىدا ناھايىتى زور ئىلمىي قىممەتكە ئىگە ماقالىلەرگە ئورۇن بەردۇق. بىز دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلارنىڭمۇ ماقالە يوللىشىنى قارشى ئالىمىز» .
مەزكۇر ژۇرنالدا ئىستانبۇلدىكى بىلگە ئۇنىۋېرسىتېتى كومپيۇتېر كەسپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مۇرات ئورخۇن ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇرچە لۇغەتلەر» ماۋزۇلۇق ماقالىسىگە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدا ھەر قايسى كەسىپلەر بويىچە تەييارلانغان لۇغەتلەر تەھلىل قىلىنغان ۋە كۆپ ساندا لۇغەتنىڭ تىزىملىكى بېرىلگەن. مۇرات ئورخۇن ئەپەندى ماقالىسى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
كومپيۇتېر كەسپىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان مۇرات ئورخۇن ئەپەندى «خەلقئارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىلمىي ژۇرنىلى» نىڭ 22-سانىنىڭ مەزمۇن جەھەتتىن كۆپ خىللىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى، تىل-ئەدەبىيات، تارىخ، سەنئەت تارىخى، فولكلور ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىگە دائىر ماقالىلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇر تەتقىقاتىنىڭ كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ھازىر تۈركىيەدە 12 ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۇيغۇر تىلى دەرسى ئۆتۈلمەكتە. ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىدىغانلارنىڭ سانىمۇ كۆپەيمەكتە. ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىغا ئەگىشىپ ئالىي مەكتەپلەردىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر، سىياسەتشۇناسلىق، ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسىپلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئورۇن بېرىلمەكتە. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر تىلى بويىچە دوكتورلۇق ئوقۇۋاتقان يۈسۈف ئۇلۇسوي ژۇرنالدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «‹خەلقئارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى ژۇرنىلى› 11 يىلدىن بېرى ئىزچىل ھالدا توردا چىقىۋاتىدۇ. تورنى زىيارەت قىلىۋاتقانلارنىڭ سانىمۇ كۈنسايىن كۆپىيىۋاتىدۇ. مەنمۇ بۇ تور ژۇرنىلىدىن پايدىلىنىۋاتىمەن. مەنچە بۇ ژۇرنالنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشۇۋاتىدۇ. »
ژۇرنالنىڭ باش تەھرىرى پىروفېسسور ئادەم ئۆگەرنىڭ ئېيتىشىچە ژۇرنالدا ماقالە ئېلان قىلىشقا قويۇلىدىغان تەلەپ كۈچلۈك ئىكەن. ئېلان قىلدۇرۇش ئۈچۈن يوللانغان ماقالىلەر 3 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىغا يوللىنىدىغان بولۇپ، ئۈچ كىشىدىن ئىككىسى ئېلان قىلىنسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدىكەن.