رەيچىل ھاررىس: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تارىخىنى خىتاي تارىخىغا باغلاش ئۈچۈن ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىنىمۇ قايتا يېزىۋاتىدۇ»

0:00 / 0:00

ئەنگلىيەدىكى خان جەمەتى ئانتروپولوگىيە ئىنستىتۇتى 15-نويابىر كۈنى داڭلىق ئېتنو-مۇزىكاشۇناس پىروفېسسور جون بىلاكىڭ (John Blacking) نىڭ شەرىپىگە ئاتاپ «بىلاكىڭ لېكسىيەسى» ئۇيۇشتۇرغان. بۇ لېكسىيە ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىللىق لېكسىيە «چېگرادىن تىڭشاش: مىللەت ھالقىغان ئېتنوگرافىيە ۋە ئىقتىدار» دېگەن تېمىدا ئۆتكۈزۈلگەن، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا ئىنستىتۇتى (SOAS) بۇ پائالىيەتكە ھەمكارلاشقان.

لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا ئىنستىتۇتى (SOAS) نىڭ پىروفېسسورى رەيچىل ھاررىس (Rachel Harris) خانىم مەزكۇر پائالىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ 12 مۇقامىنى ئاساس قىلغان ھالدا، «چېگرا ھالقىغان مۇقام» دېگەن تېمىدا لېكسىيە بەرگەن. ئۇ لېكسىيەسىدە ئاساسلىقى ئېتنوگرافىيە جەھەتتىن ئۇيغۇرلار بىلەن ئەڭ يېقىن بولغان ئۆزبېكلەردە ساقلىنىپ قالغان مۇقاملار بىلەن ئۇيغۇرلاردىكى 12 مۇقامنىڭ باغلىنىشى ۋە ئورتاقلىقى ھەققىدە توختالغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ ھازىرقى ئەزەربەيجان ۋە ئىراندا ئورۇنلىنىدىغان مۇقاملار بىلەن باغلىنىشى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەرگەن. رەيچىل خانىم بۇ لېكسىيەدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سوپىلار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلەر ۋە ئۇلار ئورۇنلىغان ناخشا-مۇزىكىلاردىكى پۇراق ئۈستىدىمۇ توختالغان.

لېكسىيە تۈركىيەنىڭ ئاناتولىيە رايونىدىن كەلگەن تۈرك مۇزىكانت ئوسمان بەيسال ۋە قەشقەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئۇيغۇر مۇزىكانت شۆھرەت نۇرنىڭ ئورۇنلىشىدىكى نەق مەيدان ئىجادى مۇزىكىلار بىلەن داۋام قىلغان.

ئەنگلىيەدىكى خان جەمەتى ئانتروپولوگىيە ئىنستىتۇتى 15-نويابىر كۈنى «چېگرادىن تىڭشاش: مىللەت ھالقىغان ئېتنوگرافىيە ۋە ئىقتىدار» دېگەن تېمىدا لېكسىيە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، لېكسىيەگە قاتناشقانلارنىڭ خاتىرە سۈرىتى. 2024-يىلى 15-نويابىر، ئەنگلىيە
ئەنگلىيەدىكى خان جەمەتى ئانتروپولوگىيە ئىنستىتۇتى 15-نويابىر كۈنى «چېگرادىن تىڭشاش: مىللەت ھالقىغان ئېتنوگرافىيە ۋە ئىقتىدار» دېگەن تېمىدا لېكسىيە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، لېكسىيەگە قاتناشقانلارنىڭ خاتىرە سۈرىتى. 2024-يىلى 15-نويابىر، ئەنگلىيە (Eziz Eysa Elkun)

خان جەمەتى ئانتروپولوگى ئىنستىتۇتى ئېتنو-مۇزىكا ۋە ئېتنو-ئىجادىيەت كومىتېتى رەئىسى، ئۇسسۇل ۋە مەدەنىيەت ئىجراچىسى كەسپىنىڭ پىروفېسسورى ئەن دەيۋىد (Ann David) خانىم مەزكۇر پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، ئۇ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى ئېلخەت ئارقىلىق قوبۇل قىلدى.

ئۇ پائالىيەت ھەققىدە مۇنداق دەپ يازغان: «پىروفېسسور رەيچىل ھاررىس لېكسىيەسىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىنىڭ ناھايىتى ئۆزگىچە بىر قىسمىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ لېكسىيەسىنى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ يېقىملىق مۇزىكىلىرى، مۇڭلۇق ناخشىلىرى، ھەتتا دۇئالار بىلەن بىرلەشتۈرگەن بولۇپ، ناھايىتى تەسىرلىك ئىدى. كىشىنى ئويغا سالاتتى».

رەيچىل ھاررىس خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن لېكسىيەدىن پايدىلىنىپ ‹مىللەتتىن ھالقىش› تۈرى بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر قىسىم تەتقىقاتلىرىمنى تونۇشتۇردۇم. بۇ تەتقىقات تۈرىنىڭ بەزىلىرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، دىنىي قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىش ۋە (ئۇيغۇر) مۇزىكىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كەڭ مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ مەدەنىيىتىگە قانداق باغلىنىدىغانلىقى ھەققىدە كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ».

ئۇ ئۆزى ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلار ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىز ھازىر تۈركىيەدە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن سوپىزم ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىمىز. ئۇلارنىڭ سوپىزم ھەققىدىكى ئۆگىنىش تارىخى ۋە سۈرگۈنگە مەجبۇرلىنىش تارىخىنى توپلاۋاتىمەن. ئۇنىڭدىن باشقا چېگرا ھالقىغان سوپىزمنىڭ ئورتاق تارىخىنى تەتقىق قىلىۋاتىمەن، بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبى بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ پەرغانە ۋادىسى رايونى ئوتتۇرىسىدىكى نەقشىبەندى تەرىقىتىنىڭ تارىخى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ چېگرالارغا قانداق تارقالغانلىقى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىمەن. مۇزىكا ئارخىپلىرىنى سېلىشتۇرۇپ ئاڭلاۋاتىمەن. ئۆزبېك مۇقاملىرى بىلەن ئۇيغۇر 12 مۇقامنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشقا دىققەت قىلىۋاتىمەن. ئاخىرىدا بىزنىڭ قىلماقچى بولغىنىمىز بىر قىسىم يېڭى ئىجادىي ھەمكارلىقلارنى بارلىققا كەلتۈرۈش، يەنى ئۆزبېكىستان مۇزىكانتلىرى ۋە ئۇيغۇر مۇزىكانتلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ، ئۇلاردىن بىر-بىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى ۋە ئىجادىي باغلىنىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنى تەلەپ قىلماقچىمىز.»

تۈرك مۇزىكانت ئوزان بايسال (Ozan Baysal) تۈرك چالغۇسى باغلاما بىلەن، ئۇيغۇر مۇزىكانت شۆھرەت نۇر ئۇيغۇر چالغۇسى ساتار بىلەن تەڭكەش قىلىپ بىرلىكتە ساز چېلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 15-نويابىر، ئەنگلىيە
تۈرك مۇزىكانت ئوزان بايسال (Ozan Baysal) تۈرك چالغۇسى باغلاما بىلەن، ئۇيغۇر مۇزىكانت شۆھرەت نۇر ئۇيغۇر چالغۇسى ساتار بىلەن تەڭكەش قىلىپ بىرلىكتە ساز چېلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 15-نويابىر، ئەنگلىيە (Eziz Eysa Elkun)

رەيچىل خانىم لېكسىيەسىنى تۈرك مۇزىكانت ئوزان بايسال (Ozan Baysal) نىڭ تۈرك مۇزىكا ئەسۋابى باغلاما ۋە ئۇيغۇر مۇزىكانت شۆھرەت نۇرنىڭ ئۇيغۇر مۇزىكا ئەسۋابى راۋاب ۋە دۇتار بىلەن ئورۇنلىغان نەق مەيدان ئىجادى مۇزىكا بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان.

ئەن دەيۋىد خانىم خېتىدە بۇ مۇزىكا ئىجراسى ھەققىدە ئالاھىدە توختالغان بولۇپ، مۇنداق دەپ يازغان: «رەيچىل ئۆزى بىلەن بىللە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋە يېڭى مۇزىكا ئىجاد قىلىۋاتقان تالانتلىق ئىككى مۇزىكانتنى تونۇشتۇردى. ئۇلار سەھنىدە ناھايىتى گۈزەل نومۇرلارنى ئورۇنلىدى. ئۇلارنىڭ نومۇرلىرى كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. نۇرغۇن كىشىلەر پائالىيەتتىن كېيىن مۇزىكانتلار بىلەن سۆزلەشتى. ھەر ئىككى مۇزىكانت ھەقىقەتەن بىلىملىك ۋە ئىقتىدارلىق ئىدى. تاماشىبىنلار ئۇلارنىڭ نومۇرلىرىدىن ناھايىتى ھۇزۇرلاندى، مەن بۇ مۇزىكىلارنى رەيچىلنىڭ لېكسىيەسىدە ئوتتۇرىغا قويغان نۇقتىلارغا بەكمۇ ماس كەلدى، دەپ ئويلايمەن.»

رەيچىل خانىم بۇ تەتقىقاتىنىڭ يەنە بىر تەرىپى بارلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە بۇ تۈرنىڭ سىياسىي تەرىپى بار. بۈگۈنكى ئاتالمىش شىنجاڭ مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتىكى يۈزلىنىشكە قارايدىغان بولساق، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تارىخىنى خىتاي تارىخىغا مەھكەم باغلاش ئۈچۈن ئۇنى قايتا يېزىۋاتىدۇ. مەن بۇ تارىخنىڭ ئىنتايىن بۇرمىلانغانلىقىنى بايقىدىم. ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن ئۆزبېكىستاندا تۇرۇۋاتقان خەلقلەرنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشلارغا قارايدىغان بولساق، مېنىڭچە، ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىنىڭ قەيەرگە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ياخشى بىلەلەيمىز.»

مەلۇم بولۇشىچە، خان جەمەتى ئانتروپولوگى ئىنستىتۇتىنىڭ تولۇق ئىسمى ئەنگلىيە ۋە ئىرېلاندىيە خانلىق ئىنسانشۇناسلىق ئىنستىتۇتى (RAI) بولۇپ، 153 يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، 1871-يىلى قۇرۇلغان. مەزكۇر ئىنستىتۇت ئاساسلىقى ئىنسانشۇناسلىق چۈشەنچىسىنى، شۇنداقلا ئىنسانشۇناسلىقنىڭ ئاممىۋى ئىشلار ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە قوشقان تۆھپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.