ئەنگلىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرى ئېد مىلىباند ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى ئەنگلىيە ئېنېرگىيە قانۇنىغا كىرگۈزۈلگەن قۇللۇق ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك تۈزىتىشكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، كەڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. بۇ كىرگۈزۈلگەن تۈزىتىشتە ھۆكۈمەتنىڭ قۇللۇق ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپ چىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى چەكلىشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئەنگلىيەدە چىقىدىغان كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتىدە ئېيتىلىشىچە، ئېنېرگىيە مىنىستىرى مىلىباند ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئەنگلىيە ئېنېرگىيەسىنىڭ 180 مىليون پوند-ستېرلىڭ قىممىتىدىكى تۇنجى قۇرۇلۇشىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇنىڭدا 200 مەكتەپنىڭ ئۆگزىسىگە كۈنتاختا بېكىتىلىدىكەن. مىلىباند مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگىنىدە بىر قىسىم كۈنتاختىلارنىڭ خىتايدىن كېلىدىغىنىنى ئېتىراپ قىلغان.
ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى داۋىد ئالتون بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ تۋىتتېر ھېسابىدا ئۇيغۇر قۇللۇق ئەمگىكى ئارقىلىق ياسالغان كۈنتاختىلارنى ئىشلىتىشنىڭ ئەخلاقسىزلىق ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭدا ئەنگلىيەنىڭ قولى بولماسلىقىغا چاقىرىق قىلدى.
ئەنگلىيەدىكى يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپ قالغان دورىت ئولىۋېر ۋولف خانىم بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئەنگلىيە ۋەزىرى كېير ستارمېرغا خەت يېزىپ، ئۇنىڭ تارىختىن ساۋاق ئېلىپ جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلغان. دورىت خانىم ۋەزىرگە يازغان خېتىدە، «بۈگۈن مېنىڭ كۆڭلۈمگە ئېغىر كەلگەن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ئۈستىدە سىزنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىڭىزنى سورايمەن» دېگەن.
دورىت خانىم خېتىدە يەنە، «ئەنگلىيەنىڭ ئېنېرگىيە قانۇنى سىزنىڭ ھۆكۈمىتىڭىزگە زور پۇرسەت يارىتىپ بەردى. يەنى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئالدىدا ئەنگلىيەنىڭ زامانىۋىي قۇللۇق مەھسۇلاتىنىڭ ئەخلەت ساندۇقى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدىغان پۇرسەتتۇر. چۈنكى بۇ يېڭىلىنىدىغان ئېنېرگىيە ساھەسى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ قېنى بىلەن بويالغان» دېگەن.
دورىت خانىم خېتىنىڭ ئاخىرىدا، «مەن ئۆمۈر بويى ئۆزەمنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىسسىق-سوغاقلارنى سۆزلەش ئارقىلىق <قايتا تەكرارلانماسلىق> دېگەننىڭ بىر قۇرۇق سۆزلا بولۇپ قالماسلىقىنى ئارزۇ قىلىمەن. ئەمما مەن <قايتا تەكرارلانماسلىق> نىڭ <قايتا-قايتا تەكرارلىنىش> ئىكەنلىكىنى كۆردۈم» دېگەن.
دورىت ئولىۋېر ۋولف خانىم بۇ يىل 89 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇ 5 ياش ۋاقتىدىلا ناتسىستلاردىن قېچىپ يۇگوسلاۋىيەدە يوشۇرۇنۇپ يېتىپ ئامان قالغان ئىكەن.