سەرپىل پەنەس شاھىن خانىم: «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن قانۇنىي كۈرەشنى داۋام قىلىمەن»

0:00 / 0:00

2017-يىلى لاگېر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ۋە دېموكراتىك ئەللەردە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، كانادا، ئەنگىلىيە قاتارلىق 10 دۆلەت پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىشى بىلەن تۈركىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار، بولۇپمۇ ئادۋوكاتلار قۇرغان ئاممىۋى تەشكىلاتلار ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە باشلىدى. بۇلاردىن بىرى مەركىزى ئەنقەرەدىكى «يەر شارى ئايال ئادۋوكاتلار ئادالەت مۇنبىرى» دۇر. ئۇلار ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا «شەرقىي تۈركىستان بالىلار ئەمگىكى» ناملىق دوكلاتنى ئېلان قىلدى ھەمدە مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ تونۇشتۇردى. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر مۇنبەرنىڭ رەئىسى، ئادۋوكات سەرپىل پەنەس شاھىن خانىم ۋە مۇئاۋىن رەئىسى، ئادۋوكات ئۆزلەم ئاققۇش خانىملار بىلەن سۆھبەتلەشتۇق.

ئالدى بىلەن ئۆزلەم ئاققۇش خانىم ئادۋوكاتلار قۇرغان مەزكۇر مۇنبەر توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «›يەر شارى ئايال ئادۋوكاتلار ئادالەت مۇنبىرى‹ 2021-يىلى 5-ئايدا قۇرۇلغان. بۇ مۇنبەرنى ئادۋوكات ھەدىلىرىمىز، سىڭىللىرىمىز، ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا قانۇن كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئېزىلىۋاتقان ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ دەردىگە داۋا بولۇش ئۈچۈن قۇرغان. مەقسىتىمىز كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقان بالىلار توغرىسىدا دوكلات تەييارلاپ دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئىدى. بۇ ئارقىلىق پەقەت تۈركىيە جامائەتچىلىكىنىڭلا ئەمەس، يەنە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتىش كۆزلەنگەن. ئۇنىڭ ئۈچۈن بىز كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان بالىلار توغرىسىدا ماتېرىيال توپلاپ، ئۇلارنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزدۇق ھەمدە بۇ ھەقتە دوكلات تەييارلاپ ئېلان قىلىۋاتىمىز. يېقىندا ئۇيغۇر بالىلار دۇچار بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدىكى بىرىنچى دوكلاتىمىزنى ئېلان قىلدۇق. بۇندىن كېيىن نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر بالىلار دۇچار بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە ماتېرىيال توپلايمىز.»

مەركىزى ئەنقەرەدىكى «يەر شارى ئايال ئادۋوكاتلار ئادالەت مۇنبىرى» مۇئاۋىن رەئىسى، ئادۋوكات ئۆزلەم ئاققۇش سۆزلەۋاتىدۇ. 2025-يىلى 22-فېۋرال، ئەنقەرە
مەركىزى ئەنقەرەدىكى «يەر شارى ئايال ئادۋوكاتلار ئادالەت مۇنبىرى» مۇئاۋىن رەئىسى، ئادۋوكات ئۆزلەم ئاققۇش سۆزلەۋاتىدۇ. 2025-يىلى 22-فېۋرال، ئەنقەرە (RFA/Erkin Tarim)

ئادۋوكات سەرپىل پەنەس شاھىن خانىم ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئەڭ كۆپ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندىكى بالىلارغا پارلاق بىر كېلەچەك بەرپا قىلىش ئۈچۈن بىز مۇھىم بىر قەدەم تاشلىدۇق، دەپ ئويلايمەن. شەرقىي تۈركىستاندىكى بالىلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى ماھىيەتتە ئوقۇش ھەق-ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ پىسخىكىلىق ۋە جىسمانىي جەھەتتىن دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇر خانىم-قىزلار، بولۇپمۇ بالىلار دۇچار بولۇۋاتقان دەپسەندىچىلىكلەر پەقەتلا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭلا ئەمەس، پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ غۇرۇرىنى رەنجىتىۋاتىدۇ.»

ئادۋوكات سەرپىل پەنەس شاھىن خانىمنىڭ بىزگە ئېيتىشىچە، ھازىرغىچە ئۇيغۇر بالىلار توغرىسىدا تەييارلانغان دوكلاتلاردا، شۇنداقلا ئۆزلىرى تەييارلىغان دوكلاتلارغا ئاساسلانغاندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى بالىلار سىستېمىلىق شەكىلدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنماقتا ئىكەن: يۈز مىڭلىغان بالىنىڭ مەكتەپلەردە ئوقۇشتىن مەھرۇم قىلىنىپ، زاۋۇت-فابرىكىلاردا ۋە ئېتىزلىقلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى، بۇ بالىلارنىڭ ئائىلىلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىلىپ، يىراقتا ۋە قېيىن شارائىتلار ئاستىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ مىللىي كىملىكىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى بۇنىڭدىكى مۇھىم ئالاھىدىلىكلەر ئىكەن.

سەرپىل پەنەس شاھىن يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر بالىلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان يەنە بىر رەزىل سىياسەت بولسا بالىلارنىڭ ئائىلىلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلىشىدۇر. بۇ ھال ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى تەنھالىققا مەھكۇم قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلارنى مىللىي كىملىكىدىن ئۇزاقلاشتۇرماقتا. ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى زور خەۋپ ئاستىدا ياشىماقتا. بۇ پەقەت بالىلارغا خەۋپ ئېلىپ كېلىش بىلەنلا قالماي ئۇيغۇر جەمئىيىتىگىمۇ زور زىيان-زەخمەت ئېلىپ كەلمەكتە: ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتىدىن مەھرۇم قىلىپ، خىتايچە تىلدىلا ئوقۇتۇلىدىغان دۆلەت مەكتەپلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا. بىز شەرقىي تۈركىستاندىكى بالىلارنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن خەلقئارادا ۋە تۈركىيەدە مۇھىم ئىشلارنى قىلىشنى خالايمىز.»

«يەر شارى ئايال ئادۋوكاتلار ئادالەت مۇنبىرى» نىڭ مەسئۇلى، ئادۋوكات سەرپىل پەنەس شاھىن خانىم سۆھبىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا «شەرقىي تۈركىستاندىكى بالىلار ئەمگىكى» ناملىق دوكلاتنىڭ بۇندىن كېيىنكى پائالىيەتلىرى ئۈچۈن تۇنجى بىر قەدەم بولغانلىقىنى، بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن خەلقئارالىق قانۇن مېخانىزملىرىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.