بۇ يىل 26-مارت كۈنى كانادالىق ئۇيغۇر ھۈسەيىن جېلىلنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە ياتقانلىقىنىڭ نەق 19-يىللىقى بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كانادادىكى ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ ئۇنى خىتاينىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇشقا چاقىرىق قىلدى. بۇ چاقىرىق خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلنىڭ بېشى 4 كانادالىققا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلغان خەۋىرى ئۆتكەن ھەپتە ئاشكارلانغاندىن كېيىن تېخىمۇ جىددىي تۈسنى ئالدى.
كانادادىكى ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنىڭ دىرەكتورى مەمەت توختى چارشەنبە كۈنى يازما ۋە سىنلىق بايانات ئېلان قىلىپ، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەيىننى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدىغان كونكرىت تەدبىرلەرنى ئالىدىغان ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. مەمەت توختىنىڭ ئېيتىشىچە، كانادا ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ قانۇنىي مەجبۇرىيىتى ۋە ئەخلاقىي مەسئۇلىيىتى سەۋەبىدىن ھۆكۈمەتنىڭ ھەل قىلغۇچ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى زۆرۈر ئىكەن.
ھۈسەيىن جېلىل 2001-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قېچىپ، شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ب د ت نىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئايالى ۋە بىر بالىسى بىلەن كاناداغا يەرلەشكەن. ئۇ ۋە ئائىلىسى 2005-يىلى كانادا ۋەتەنداشلىققا ئۆتۈپ، 2006-يىلى مارتتا ئايالى كامىلە 4-بالىسىغا ھامىلدار بولغان ۋاقتىدا بىرگە ئايالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى يوقلاپ كېلىش ئۈچۈن ئۆزبەكىستانغا بارغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئۆزبەكىستاندا ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۆزبەكىستان ساقچى دائىرىلىرىگە ئۇنى تۇتۇپ تۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. نەتىجىدە، ئۆزبەكىستان ھۈسەيىننىڭ كانادا ۋەتەندىشى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.
خەلقئارالىق كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى سەۋەبىدىن ئۇنىڭغا يالغان بۆھتانلارنى چاپلىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئۇنى ئائىلىسى، ئادۋوكاتى ۋە كانادا ئەلچىخانىسىنىڭ خادىملىرى بىلەن كۆرۈشتۈرمىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2006-يىلى ھۈسەيىن ئۈستىدىن مەخپىي سوت ئېچىپ، ئۇنى مۇددەتسىز كېسىۋەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى ھۈسەيىن بىلەن 19 يىلدىن بېرى كۆرۈشەلمىگەن.