ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت ۋە سەنئەت فېستىۋالىنىڭ ئاساسىي تېمىسىغا ئايلاندى

0:00 / 0:00

تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەنىڭ ئەتىمەسقۇت رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان 25-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت ۋە سەنئەت فېستىۋالىدا «ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ خەلقئارادىكى نۆۋەتتىكى يۈزلىنىشى» خەلقئارالىق تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت ۋە سەنئەت فېستىۋالىنىڭ ئاساسىي تېمىسىغا ئايلاندى.

مەزكۇر فېستىۋالدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەخسۇس «شەرقىي تۈركىستان ئۆيى» ئېچىپ تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن بىرلىكتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خەلقئارادا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنى ئاڭلاتماقتا. بۇ فېستىۋالغا تۈركىيەدىن 48 جەمئىيەت ۋە ۋەخپە قاتناشقاندىن سىرت ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ھەم باشقا تۈركىي مىللەتلەر مەخسۇس بۆلۈم ئېچىپ ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت-سەنئىتىنى نامايان قىلماقتا. ئۇيغۇرلار بۇ قېتىم بۇرۇنقى يىللاردىكىگە ئوخشىمايدىغان شەكىلدە نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارىتا خەلقئارادىكى ئىنكاسلار بولۇپمۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى رەھبەرلەرنىڭ خەلقئارادىكى پائالىيەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سۈرەتلەرنى ئېسىپ، ئون مىڭلىغان ئادەمگە ئاڭلاتماقتا.

25-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت ۋە سەنئەت فېستىۋالىغا قاتناشقان سەنئەتچى ۋە تاماشىبىنلار، 2023-يىلى 4-سېنتەبىر، ئەنقەرە
25-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت ۋە سەنئەت فېستىۋالىغا قاتناشقان سەنئەتچى ۋە تاماشىبىنلار، 2023-يىلى 4-سېنتەبىر، ئەنقەرە (RFA/Erkin Tarim)

10 كۈن داۋاملىشىدىغان فېستىۋالدا ھەر كۈنى ئاخشام بىر قانچە ۋىلايەت بىلەن بىر تۈركىي مىللەت ۋەكىل بولۇپ، ئۆزىنىڭ سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتمەكتە.

4-سېنتەبىر ئاخشامدىكى پائالىيەتتە ئۇيغۇر ناخشىچى ئازاتجان ئۇيغۇر ناخشىلىرىنى ئورۇنلىدى ۋە سۇتۇق بۇغرا قاراخان شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى. ئاخىرىدا قولىدا كۆك بايراق بىلەن تۈرك بايرىقىنى لەپىلدىتىپ ئۇيغۇرلارنى ئالقىشلىغان ئون مىڭلىغان كىشىگە سۆز قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىلى خەيرۇللا ئەفەندىگىل ئەپەندى، تۈرك خەلقىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك ئەتىمەسقۇت رايونلۇق ھۆكۈمەت رەئىسى ئەنۋەر دەمىرەل ئەپەندى ۋە ھەر قايسى جايلاردىن كېلىپ بۇ يەرگە جەم بولغان قىممەتلىك مېھمانلار خۇش كېلىپسىلەر، بۈگۈن بۇ يەردە 25 يىلدىن بۇيان بۇ پائالىيەتتە تۈرك دۇنياسىنى بىر يەرگە جەم قىلغان، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ دەرد-ئەلەملىرىنى ئاڭلىتىشىمىزغا مەيدان ھازىرلاپ بەرگەن ئەتىمەسقۇت رايونلۇق ھۆكۈمەت رەئىسى ئەنۋەر دەمىرەل ئەپەندىگە رەھمەت ئېيتىمەن. ھۆرمەتلىك تۈرك قېرىنداشلىرىم، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار باشتا بارلىق تۈركىي خەلقلەر يوق بولۇش خەۋپىگە دۇچار بولماقتا. 2017-يىلىدىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستانلىقلار جازا لاگېرىدا ۋە تۈرمىلەردە ئەقىلگە سىغمايدىغان خورلۇقلارغا ئۇچرىماقتا. قىسقىسى ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىماقتا، بۇنى توختىتىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خەلقئارا سورۇنلاردا ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بۇنى ئاڭلىتىشقا تىرىشماقتا. ئەگەر بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىشنى خالىساڭلار فېستىۋال مەيدانىدىكى ‹شەرقىي تۈركىستان ئۆيى› نى ئېكسكۇرسىيە قىلىڭلار! » .

ئارقىدىن 25 يىلدىن بۇيان خەلقئارالىق تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت ۋە سەنئەت فېستىۋالى ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئەتىمەسقۇت رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەنۋەر دەمىرەل ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى دەيدىغان بىر مەسىلىمىز بار. ئۇ، خەلق دۇچار بولۇۋاتقان قىيىنچىلىقلار بار. بۇ ھەقتە خەيرۇللاھ ئەپەندى بەزى نەرسىلەرنى دېدى. بۇ دېگەنلىرى شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقانلارنىڭ ئاز بىر قىسمى. بۇلارنى كۆرۈشىمىز، قەلبىمىزدە ھېس قىلىشىمىز كېرەك. تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلار بىر مىللەت. ئۇلارنىڭ دەردى بىزنىڭمۇ دەردىمىز. بىز ئۇلارنىڭ دەردىنى ئورتاقلىشىپ ئازايتىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك. بىز ھەر دائىم شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىمىزنى قايتا تەكرارلىماقچىمەن. ئۇلار ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز» .

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئەنۋەر دەمىرەلگە رەھمەت ئېيتىپ خاتىرە بۇيۇمى تەقدىم قىلىۋاتىدۇ، 2023-يىلى 4-سېنتەبىر، ئەنقەرە
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئەنۋەر دەمىرەلگە رەھمەت ئېيتىپ خاتىرە بۇيۇمى تەقدىم قىلىۋاتىدۇ، 2023-يىلى 4-سېنتەبىر، ئەنقەرە (RFA/Erkin Tarim)

ئارقىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئەنۋەر دەمىرەلگە رەھمەت ئېيتىپ خاتىرە بۇيۇملىرى تەقدىم قىلدى.

بۇلاردىن سىرت دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يەنە مەزكۇر فېستىۋالدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيەت-سەنئىتى، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەييارلىغان دوكلاتلار، نەشر قىلدۇرغان كىتابلار، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىملىرى ۋە قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى، ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سۈرەتلەرنى كۆرگەزمە قىلدى.

ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى بۇ پائالىيەتكە سىياسىيونلار، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرىدىن بولۇپ ئون مىڭلىغان كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئىزچىل ھالدا بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى، بۇ پائالىيەتتە كۆپ ساندا كىشىگە جازا لاگېرلىرى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئاڭلىتىلغانلىقىنى، بۇ فېستىۋالنىڭ ت ر ت ئاۋاز (t r t awaz) ، بەڭگۈتۈرك (Benggütürk) تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن نەق مەيداندىن تارقاتقانلىقىنى، شۇڭا ئۈنۈمىنىڭ ناھايىتى زور بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئەتىمەسقۇت، پايتەخت ئەنقەرەنىڭ بىر رايونى بولۇپ 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان بۇ فېستىۋالغا قىرغىزىستان، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، شىمالىي سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىشتىراك قىلماقتا. ئىراق تۈركمەنلىرىگە، گىرېتسىيەدىكى تۈركلەرگە، قىرىم تاتارلىرىغا ۋاكالىتەن ئۇلارنىڭ تۈركىيەدىكى تەشكىلاتلىرى بۇ فېستىۋالغا قاتناشماقتا. بۇ تۈركىي مىللەتلەر 10 كۈن بويىچە ئۆز تارىخىنى، سەنئىتىنى، مەدەنىيىتىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ۋە دۇچار بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تونۇشتۇرىدۇ.