ياپون تىلىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى تەسۋىرلەنگەن تۇنجى كارتون فىلىمى دىققەت قوزغىدى

ئاپرىلنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ياپون تىلىدا چۈشەندۈرۈلگەن بىر كارتون فىلىم ئىجتىمائىي تور سۇپىلىرىدا تارقىلىپ، كەڭ كۆرەرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ تۇنجى قېتىم ياپون تىلىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى توغرىسىدا ئىشلەنگەن فىلىم بولۇپ، ئۇ يېڭىچە ئۇسلۇبى ۋە ياپونچە ئاۋازلىق چۈشەندۈرۈشلىرى بىلەن جەلپكارلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان.

بۇ فىلىمدا، Temu ۋە Shein قاتارلىق خىتاينىڭ ئەرزان مال سېتىش توربەتلىرىنىڭ زاۋۇتلىرىدا مەجبۇرىي ۋە قۇل ھالىتىدە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەر تەسۋىرلەنگەن ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك توغرىسىدا ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەردىكى ئەمەلىي ئەھۋاللار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

مەزكۇر كارتون فىلىم تۈركىيەدىكى «شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتى» تەرىپىدىن ئىشلەنگەن بولۇپ، ئۇلار يېقىندا مودا بولۇۋاتقان ياپونىيە Ghibli ستۇدىيەسىنىڭ سۈنئىي ئەقىلگە بىرلەشتۈرۈلگەن ئەپ دېتالىدىن پايدىلىنىپ ئىشلەنگەن.

2017-يىلدىن بېرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەك سۈپىتىدە ئىشلىتىشى بىر خەلقئارالىق مەسىلىگە ئايلانغان بولۇپ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر بۇ مەسىلىگە ئورتاق كۆڭۈل بۆلمەكتە. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2021-يىلى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نى ماقۇللىغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلىگەن ئىدى. ياۋروپا بىرلىكى، ئەنگلىيە ۋە كانادا ھۆكۈمەتلىرىمۇ بۇنىڭغا قارشى تەدبىر قوللىنىشقا تىرىشماقتا.

يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى، شىنجاڭ پاختىسى ۋە شوخلىسىنىڭ غەرب كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىدا بايقىلىشى خەلقئارادا زور غۇلغۇلا قوزغاپ كەلمەكتە. ياپونىيەنىڭ Uniqlo نى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن غەربتىكى داڭلىق كىيىم-كېچەك شىركەتلىرى ئۇيغۇر پاختىسىنى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن قاتتىق ئەيىبلەشكە قالغان ئىدى. Uniqlo نىڭ باش ئىجرائىيە دىرېكتورى بۇلتۇر نويابىردا بۇنى ئىنكار قىلىپ «بىز شىنجاڭ پاختىسى ئىشلەتمەيمىز» دېگەن. نەتىجىدە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى Uniqlo نى ئەيىبلىگەن ئىدى.