ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىدىن سۇخاس سۇبرامانيام، مارىيا ئېلۋىرا سالازار ۋە ئاۋام پالاتا تاشقىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزاسى گرېگورى مىكس بىرلىكتە سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش قانۇن لاھىيەسىنى قايتا تونۇشتۇرغان.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزاسى سۇخاس سۇبرامانيام بۇ قانۇن لاھىيەسىنى تونۇشتۇرۇش سۆزىدە، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق زىيانكەشلىكى بىر كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسىدۇر. مەن ئۆزەمنىڭ رايونىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشكىنىمدە، ئۇلار قېرىنداشلىرىنىڭ خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. مەن ئادەم ئويلاپمۇ تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلار ئۈچۈن تېزدىن كۆچمەن ياكى پاناھلىغۇچى سالاھىيىتى بېرىدىغان بۇ ئىككى پارتىيە تەڭ قوللىغان تىرىشچانلىققا يېتەكچىلىك قىلغىنىمدىن پەخرلىنىمەن» دېگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزاسى مارىيا ئېلۋىرا سالازار سۆزىدە، «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى بولسا بىز شاھىت بولغان ئەڭ ۋەھشىي ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ بىرىدۇر. بىز چوقۇم شىنجاڭدىكى سىستېمىلىق زىيانكەشلىك ۋە تەن جازاسىدىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچالايدىغان ئۇيغۇر ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشىمىز كېرەك» دېگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتا تاشقىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزاسى گرېگورى مىكس بۇ قانۇن لاھىيەسىنى قوللاپ، «ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارشى شىنجاڭدا ئېلىپ بارغان ئېرقىي قىرغىنچىلىقىنى دۇنياغا بىلدۈرۈشتە ھالقىلىق رول ئوينىدى. ئەمدى بىزنىڭ ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ قوغدىنىش بېرىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى» دەپ بىلدۈرگەن.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش قانۇن لاھىيەسى تۇنجى قېتىم 2021-يىلى مارتتا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئامېرىكادىكى ئىككى پارتىيەنىڭ 12 ئەزاسى ئورتاق قوللىغان بۇ قانۇن لاھىيەسىدە خىتاينىڭ ئېغىر زۇلۇمىدىن قېچىشقا مەجبۇر بولغان ئۇيغۇرلارغا P-2 ئالاھىدە ئېتىبار سالاھىيىتى بېرىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەگەر بۇ قانۇن لاھىيەسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتۈپ پرېزىدېنت ترامپ قول قويسا، ئۇ قانۇنغا ئايلىنىپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پاناھلىق تاپالمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىدا پاناھلىق قىلىشىغا ئوڭايلىق يارىتىپ بېرىدىكەن.