ھېنرىك شاجىۋىسكى: «ئۇيغۇرلار ئۆز كىملىكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن لايىھەلەنگەن نۇسخىسىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلانماقتا»

0:00 / 0:00

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا ئاياغلاشقان خىتاينىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىغا قاتناشقان ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىللىرى» ، ئۇيغۇر ئېلىدە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كىشىلەرنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈش» ۋە «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» نى كۈچەيتىشنى تەكىتلەنگەن.

«خىتاي خەۋەرلەر تورى» ۋە «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ 12-مارتتىكى خەۋەرلىرىدە، بېيجىڭدىكى «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە، مۇخبىرلار بىلەن «شىنجاڭ ۋەكىللىرى» ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان «شىنجاڭدىن سوراڭ» ناملىق دىيالوگ سۇپىسىدا ئاتالمىش «ۋەكىل» لەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئەدەبىيات-سەنئەت ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ھېكايىسىنى پۈتۈن دۆلەت ۋە دۇنياغا سۆزلەش توغرىسىدىكى پىكىر بايانلىرى داۋراڭ سېلىنغان.

خىتاينىڭ رايوندا ئۇيغۇرلارغا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» شوئارى ئاستىدا يۈرگۈزۈۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ۋە خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى خەلقئارادا ئەيىبلىنىۋاتقان پەيتتە، خىتاينىڭ بۇ «ئىككى يىغىنى» دا ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىللىرى» نىڭ بەس-بەستە ئوتتۇرىغا قويغان بىمەنە تەكلىپلىرى، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ دىرېكتورى ھېنرىك شاجىۋىسكى بۇ ھەقتە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ يۇمشاق كۈچ ئارقىلىق ئۆز تەشۋىقاتىنى دۇنياغا تارقىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «بىز يېقىنقى مەزگىلدىكى تارىخقا قارىغىنىمىزدا، خىتاي كومپارتىيەسى 2010-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۇيغۇر رايونىدا ‹ئاشقۇنلۇق›، ‹بۆلگۈنچىلىك› ۋە ‹تېررورلۇق› مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدە داۋراڭ سالغان ئىدى. ھازىرقى بايانلىرىدا بولسا، ئۇيغۇر رايونى مەبلەغ سېلىشقا تەييار، شۇنداقلا زىيارەت قىلىشقا ماس كېلىدىغان ئوچۇق رايوننىڭ بىرى، ئىككى يىغىندا تەكىتلەنگەن نۇرغۇن ئامىللار ھازىر شىنجاڭدا بار، دېگەنلەرنى بازارغا سالماقتا. بۇ ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يۇمشاق كۈچ ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ، ئۆز تەشۋىقاتلىرىنى دۇنياغا تارقىتىشىنىڭ بىر ئۇسۇلىدۇر. ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئەلۋەتتە بۇ ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى. بىزگە مەلۇمكى، ئەدەبىيات ۋە باشقا شەكىلسىز مەدەنىيەت مىراسلىرى، شۇنداقلا ئەمەلىي مەدەنىيەت مىراسلىرى خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقات ۋە ھېكايىلىرىنى سۆزلەش ئۈچۈن ۋاسىتە قىلىنماقچى. خىتاي كومپارتىيەسى ئەدەبىيات-سەنئەت ۋاسىتىسى ئارقىلىق، ھەر خىل زىددىيەتلىك كۆز قاراشلارنى ئەمەس، بەلكى ئۆزى خالىغان ھېكايىنى سۆزلىمەكچى بولۇۋاتىدۇ».

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جىن جىجېن (金之镇) مۇنداق دېگەن: «مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كەسپى توپى بەرپا قىلىشتا شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن بېيىتىش ۋە شىنجاڭنى ساياھەتچىلىك بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشتەك ‹ئىككى مۇھىم نۇقتا› نى ئاساس قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى گەۋدىسى بەرپا قىلىشتەك تۈپ خىزمەت لىنىيەسىنى چىقىش قىلىش كېرەك».

ھېنرىك شاجىۋىسكى بۇ ھەقتە ئۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ، مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، تىل، زىيالىيلار، خەلق، تارىخچىلار ۋە دىنىي ئەقىدىلەرنى ئىپادىلەشكە قارشى تەدبىر ئالماقتا. ئەلۋەتتە، مەدەنىيەت گۈللىنىشى پىكىر ئەركىنلىكى ياكى بەدىئىي ئىپادىلەش ئەركىنلىكىنىڭ نامايەندىسى بولۇشى كېرەك. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كىملىكىنى ئىپادىلەش يوللىرى كۆپ، ئەمما ئەمەلىيەت شۇكى، بۇ يەردىكى مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى دېگەن ئېيتىمنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ئۇقۇمى ناھايىتى ئېنىق. ئۇ ھەرگىزمۇ رايوندا تېخىمۇ ياخشى ئەخلاقىي ۋە ئىجادىي ساپاغا ئىگە ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ، مۇزىكا ۋە سەنئەت ساھەسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدا، مەدەنىيەتنى بېيىتىش ياكى مەدەنىيەتنىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدا رول ئويناش ئۈچۈن ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئۇ مەلۇم دەرىجىدە كونترول قىلىش كۈچىگە ئىگە بولۇپ، ئىقتىسادىي مەقسەت ئۈچۈن پايدىلىنىش ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرۇلغان. شۇڭلاشقا ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتى، ئەنئەنىسى ۋە كىملىكىنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن تەييارلانغان نۇسخىسىنى ئورۇنداشقا مەجبۇرلانماقتا. ئۇلارنىڭ بىردىنبىر مەقسىتى ساياھەتچىلىك ۋە پۇل تېپىشتۇر. ھالبۇكى، رايوننىڭ ساياھەت گۈللىنىشىدىن پايدىلىنىش ئۇيغۇرلارنىڭ ئىمتىياز دائىرىسىدە ئەمەس. مېنىڭچە، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ قوش ئىستراتېگىيەلىك بىرلەشتۈرۈلۈشى ھەيران قالارلىق ئىشمۇ ئەمەس.»

خىتاي تاراتقۇلىرىدا، ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىللىرى» دىن خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى دىلنار ئابدۇللانىڭ بايانلىرى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. خەۋەردە دىلنار ئابدۇللانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان: «كەلگۈسىدە بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم قارىشىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يېڭى دەۋرنىڭ تېخىمۇ ئېسىل ئەسەرلىرىنى يارىتىشىمىز، خىتاي ھېكايىلىرى ۋە شىنجاڭ ھېكايىلىرىنى ياخشى سۆزلىشىمىز، شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى كىشىلەرنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتالايدۇ.»

«خىتاي خەۋەرلەر تورى» دا ئېيتىلىشىچە، خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مۇيەسسەر توختى شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ بىر قاتار نادىر ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىش ئارقىلىق، «شىنجاڭ ھېكايىسى» نى ياخشى يورۇتقانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقاتىغا ماسلاشقان.

ئىسرائىلىيەدىكى خىتاي يازغۇچى تاڭ دەنخوڭ خانىم بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «قەدىمكى دەۋرلەردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمرانلىرى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇشتا يەرلىك مىللەتلەر ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەردىن پايدىلىنىپ كەلگەن ياكى ئۇلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ قوللىنىپ كەلگەن. شۇڭا خىتاينىڭ مۇستەبىت تۈزۈمىدە، ئەگەر يەرلىك مىللەتتىن بولغان بىر پارتىيە ئەزاسى كادىر ياكى پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەلدارى بولالىغان بولسا، ئۇ چوقۇم خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ساداقەتمەنلىك سىنىقىدىن ئۆتكەن ياكى سىياسىي جەھەتتىن ئىشەنچلىك دەپ قارالغان بولىدۇ. ئاتالمىش خەلق ۋەكىللىرى ئەمەلىيەتتە خەلق تەرىپىدىن سايلانمايدۇ، بەلكى خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن بېكىتىلىدۇ. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش ‹خەلق ۋەكىللىرى› نى قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان زىيانكەشلىكلەرنى، باستۇرۇشلارنى ۋە يوقىتىشلارنى ئىنكار قىلدۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدىكى بۇ خىل ۋەزىيىتىنى ئۆزلىرى خالاپ قوبۇل قىلغاندەك كۆرسىتىۋاتىدۇ.»

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شائىرە راھىلە كامال خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاتالمىش «شىنجاڭ ھېكايەسى» ئۇيغۇر خەلقىنىڭ رېئال ھېكايىسى بولماستىن، بەلكى خىتاي تەرىپىدىن ياساپ چىقىلغان توقۇلما ھېكايە ئىكەن.

خىتاينىڭ بېيجىڭدا ئېچىلغان «ئىككى يىغىنى» نى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ يۇمشاق كۈچى ئارقىلىق ئېلىپ بارسا، يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي ھۆكۈمىتىگە يانتاياق بولۇۋاتقان ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىللىرى» نىڭ قولى ئارقىلىق ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.