ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى تونۇتۇش پائالىيىتى ئالقىشقا ئېرىشتى

0:00 / 0:00

مەركىزى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە بولغان «ئۇيغۇر مەدەنىيەت-مائارىپ بىرلىكى» تەشكىلاتى 20-يانۋار كۈنى ئۆتكۈزگەن پائالىيەتلىرى توغرىلىق ئۆزلىرىنىڭ تور سەھىپىسىدە مۇنداق بايانلارغا ئورۇن بەرگەن: «بۈگۈن قەھرىتان ئېيىنىڭ 20-كۈنى گېرمانىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت-مائارىپ بىرلىكى ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ‹مەدەنىيەت بېغى› پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، مائارىپ، تائام مەدەنىيىتى، كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى ۋە ئۇسۇل سەنئىتى قاتارلىق جەھەتلەردە كەڭ ئىشتىراكچىلارنى ھەيرەتتە قالدۇردى».

دەرۋەقە، مەزكۇر پائالىيەتكە دائىر ئېلان قىلىنغان سىن كۆرۈنۈشلىرى ۋە سۈرەتلەردە مەزكۇر «مەدەنىيەت بېغى» پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلغان ميۇنخېندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى روشەن كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. شەھەرلىك مەدەنىيەت تارماقلىرى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ 20-يانۋار كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە ميۇنخېن شەھىرىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كۆپ ساندىكى ۋەكىللىرى قاتناشقان.

ئۇيغۇر ئۆسمۈر قىزلىرىنىڭ ئورۇندىشىدىكى گۈزەل «دولان ئۇسسۇلى». 2025-يىلى 20-يانۋار، ميۇنخېن
ئۇيغۇر ئۆسمۈر قىزلىرىنىڭ ئورۇندىشىدىكى گۈزەل «دولان ئۇسسۇلى». 2025-يىلى 20-يانۋار، ميۇنخېن (RFA/Ekrem)

ئۇيغۇر مەدەنىيەت-مائارىپ بىرلىكى تەشكىلاتى بۇ سورۇندا، ساپ ئۇيغۇرچە كىيىنگەن ئۇيغۇر ئۆسمۈر قىزلىرىنىڭ ئورۇندىشىدىكى گۈزەل «دولان ئۇسسۇلى» نى تەقدىم قىلىپلا قالماي، ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلار ئۆيلىرىدە ھازىرلاپ كەلگەن ھەر خىل لەززەتلىك ئۇيغۇر تائاملىرىنىمۇ كۆرگەزمە قىلغان. ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ بۇ نامايەندىلىرىنىڭ بۇ سورۇنغا داخىل بولغان ھەر ساھە خەلقنىڭ قىزغىن ئالقىشلىرىغا سازاۋەر بولغانلىقى تەسۋىرلەنمەكتە.

مەزكۇر پائالىيەتنى تەشكىللىگەن «ئۇيغۇر مەدەنىيەت-مائارىپ بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى پەرىدە خانىم بۈگۈن بۇ خۇسۇستا توختالغاندا، ئالدى بىلەن بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشتىكى مەقسەتنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنى گېرمانلار ۋە باشقا مىللەتلەرگە تونۇتۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. پەرىدە خانىم سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرى ۋە رەڭدار ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ سورۇن ئەھلىنىڭ مەدھىيەلىرىگە ئېرىشكەنلىكىنى ۋە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭمۇ پائالىيەتتىن كېيىن ئۆزلىرىگە ئالاھىدە رەھمەت خەتلىرى ئەۋەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلار ئۆيلىرىدە ھازىرلاپ كەلگەن ھەر خىل لەززەتلىك ئۇيغۇر تائاملىرى. 2025-يىلى 20-يانۋار، ميۇنخېن
ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلار ئۆيلىرىدە ھازىرلاپ كەلگەن ھەر خىل لەززەتلىك ئۇيغۇر تائاملىرى. 2025-يىلى 20-يانۋار، ميۇنخېن (RFA/Ekrem)

«ئۇيغۇر مەدەنىيەت-مائارىپ بىرلىكى» تەشكىلاتى تەركىبىدىكى «ئۇيغۇرىيە مەكتىپى» نىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئابىدە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار پائالىيەت ئەسناسىدا ئۆز مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئانا تىلى، مەدەنىيىتى، سەنئىتى، تارىخى، جۇغراپىيەسى قاتارلىق ساھەلەردە تەربىيەلەۋاتقانلىقىنى كەڭ تاماشىبىنلارغا تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن.

2018-يىلى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە قۇرۇلغان «ئۇيغۇر مەدەنىيەت-مائارىپ بىرلىكى» تەشكىلاتى ھەمدە ئۇنىڭ تەركىبىدىكى «ئۇيغۇرىيە مەكتىپى» مەركىزى ميۇنخېن شەھىرىدىكى د ئۇ ق ۋە ميۇنخېندىكى ھەر ساھە مەشرەپ ئەھلىنىڭ يېقىندىن قوللىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار تۈرلۈك مەدەنىي، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە ئۆزئارا ھەمكارلىشىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.