گۈلخان سۆھبىتى: «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا تېخىمۇ زور تىرىشچانلىق زۆرۈر! »

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى بىر مەھەل دۇنياۋى تېمىلاردىن بولغان بولسىمۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردا خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى جىددىي ئۆزگىرىشلەر، شۇنىڭدەك خىتاينىڭ غايەت زور ئادەم كۈچى ۋە مالىيە كۈچى بەدىلىگە ئوتتۇرىغا چىقارغان تەشۋىقات ئۇرۇشى تۈپەيلىدىن تەدرىجىي ھالدا بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر پەسكويغا چۈشۈشكە يۈزلەندى. ئەمما ئوخشىمىغان ئۇچۇر يوللىرىدىن مەلۇم بولۇۋاتقان تۈرلۈك خەۋەرلەر قىرغىنچىلىقنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، پەقەت بۇنىڭدىكى بەزى ئاشكارا شەكىللەرنىڭ «قىياپەت ئۆزگەرتىش» ھالىتىگە ئۆتكەنلىكىنى ئالغا سۈرىدۇ. مۇشۇ خىل ئاچچىق رېئاللىقنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قاراپ چىقىش مەقسىتىدە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى 30-ئىيۇل كەچقۇرۇن لاگېرشۇناس ئالىملاردىن دوكتور ئادرىيان زېنز ۋە كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسى دوكتور سوفى رىچاردسون خانىمنى مەخسۇس تەشكىللەنگەن «گۈلخان سۆھبىتى» گە تەكلىپ قىلدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە باشلانغان سۆھبەت تەبىئىي ھالدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ تاشقى دۇنياغا بىلىنىشى، جۈملىدىن بۇ ئىككىيلەننىڭ قانداق بولۇپ ئۇيغۇرلارغا قىزىقىشىنى بويلاپ داۋام قىلدى. خۇددى بۇ ئىككىيلەن ئورتاق ھالدا دەسلەپكى قەدەمدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە يۈزەكى چۈشەنچىگە ئىگە بولغاندەك، ئۆتكەن 15 يىل مابەينىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ئىزچىل تۈردە يامانلىشىپ ماڭغان. بۇ خىل يامانلىشىشقا ماس ھالدا ئۇلارنىڭ دىققىتى تىبەتلەر ۋە خىتاي مەسىلىسىدىن تەدرىجىي ھالدا ئۇيغۇرلارغا يۆتكىلىشكە باشلىغان. بولۇپمۇ 2016-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر جەمئىيىتى تارىختىكى مىسلىسىز قىرغىنچىلىق تۈپەيلىدىن ھالىدىن كەتكەندە بۇ خىل رېئاللىق بىر مەھەل ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن كەڭ يەر ئالغان. 2023-يىلىدىن باشلاپ بۇ خەۋەرلەرنىڭ ئورنىنى «كىشىلەرنىڭ لاگېرلاردىن چىقىشقا باشلىغانلىقى ۋە ۋەزىيەتنىڭ نورماللاشقانلىقى» ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ئېلىشقا باشلىغان. ئەمما رېئاللىقنى ئىنچىكە كۆزىتىشلەر نەتىجىسىدە «قويۇپ بېرىلگەن» كىشىلەرنىڭ قايتىدىن تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان. بۇنىڭغا ماس ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتى دېموكراتىك ئەللەردىكى ئوچۇق مۇھىت ۋە دېموكراتىك سورۇنلارنى مونوپول قىلىشقا ئۆتۈپ ئۆزلىرىنىڭ «تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقان» خەلققە قارشى ئىش كۆرۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەشكە ئۆتكەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى مەخسۇس تەشكىللىگەن «گۈلخان سۆھبىتى» كۆرۈنۈشى، ئوڭدىن سولغا لاگېرشۇناس ئالىملاردىن دوكتور ئادرىيان زېنز، كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسى دوكتور سوفى رىچاردسون، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر. 2024-يىلى 30-ئىيۇل، فايرفاكس
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى مەخسۇس تەشكىللىگەن «گۈلخان سۆھبىتى» كۆرۈنۈشى، ئوڭدىن سولغا لاگېرشۇناس ئالىملاردىن دوكتور ئادرىيان زېنز، كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسى دوكتور سوفى رىچاردسون، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر. 2024-يىلى 30-ئىيۇل، فايرفاكس (RFA/Shehrizad)

دوكتور ئادريان زېنزنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارشى زۇلۇملارنىڭ ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقانلىقى نۆۋەتتىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ھادىسىسىدە تېخىمۇ روشەن ئەكس ئېتىدۇ. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە «ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە نامراتلىقنى تۈگىتىش» نامىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنى توختاۋسىز تۈردە زامانىۋى قۇللۇققا زورلاۋاتقان بولۇپ، بۇ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ قەبىھ قىلمىش بولۇپ قالغان. تېخىمۇ يامىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلىق بولغان ئىقتىسادىي مەنپەئەت غەرب دۇنياسىدىكى ئىنسانلارنى بۇ قەبىھلىككە شېرىك قىلىپ قويۇشتىن سىرت، سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ بۇنىڭغا قارشى تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەرنى ئېلىشىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرقى كۈندە ئىلگىرىكىدەك ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشكە دائىر مەلۇماتلارنى ئېلان قىلماس بولۇۋالغان بولسىمۇ، ۋاسىتىلىك يوللاردىن مەلۇم بولۇۋاتقان ئۇچۇرلار «ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش» نامىدىكى بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى دەلىللەيدۇ. بولۇپمۇ يېقىندىن بۇيان پاختا ۋە شوخلا (پەمىدۇر) ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە بۇ ھال تېخىمۇ شۇنداق بولغان. تېخىمۇ چاتاق بولۇۋاتقىنى شۇكى، ھازىر خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن ئۇيغۇر ئىشچىلارنى شۇ جاينىڭ نوپۇسىغا ئۆتكۈزۈش باشلىنىپ بولغان. بۇ يەنە بىر ياقتىن ئۇيغۇر نوپۇسىنى شالاڭلىتىش ۋە باشقا ئۆلكىلەرگە چېچىۋېتىش ئۇرۇنۇشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ئۇيغۇر جەمئىيىتى ھەققىدىكى رېئاللىق شۇ قەدەر ئاشكارا بولۇۋاتقان ئەھۋالدىمۇ يەنىلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قىرغىنچىلىققا قارشى ئورتاق بىر ئېتىراپ قىلىش ۋە چەكلەش يۈزلىنىشىنى ۋۇجۇدقا چىقىرالماسلىقى توغرىسىدا سۆز بولغاندا سوفى رىچاردسون بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەردىن بىرىنى تىلغا ئېلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەتنى ئويناپ كېتىۋاتىدۇ» دېدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، دۇنيا مىقياسىدا 150 تىن ئارتۇق دۆلەت قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسىگە ئىمزا قويغان. گەرچە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئۇيغۇر كىملىكىنى ئۆچۈرۈش، ئىس-بۇسىنى چىقارماي ئادەم ئۆلتۈرۈش، جىنسىي خورلۇقنى كېڭەيتىش قاتارلىق قەبىھ جىنايەتلەر زور كۆلەم ئالغان ھۆججەتلىك ماتېرىيال سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولسىمۇ، خەلقئارادىكى ھۆكۈم چىقىرىدىغان سوت مەھكىمىلىرى بۇ دەۋانى قولغا ئېلىشتىن ئۆزىنى تارتىۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ ئۇلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى ئۆچۈرۈش ئۇرۇنۇشىدىكى ۋاسىتىلىرىنى ھەمدە بۇنىڭغا يوشۇرۇنغان نەيرەڭلەرنى چۈشەنمەيۋاتىدۇ. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ھازىرقى رېئاللىق ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئازغىنە دۆلەتلەردىكى سوت مەھكىمىلىرى ھۆكۈم چىقىرىش بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى چەكلەشكە قارشى ئەمەلىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئىچىدە ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان ئەڭ زور تارىخىي قەدەم «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ھېسابلىنىدۇ. بۇ قانۇن 2022-يىلى ئىيۇندا ئىجرا بولۇشقا باشلىغاندىن بۇيان بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ دۇنيا تەمىنلەش زەنجىرىگە، جۈملىدىن ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىگە زور بىر توسۇق پەيدا قىلغان. ئەمما ئادرىيان زېنزنىڭ قارىشىچە، خىتاي تېزدىن بۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئېلىپ، شىركەتلەرنى باشقا جايلارغا يۆتكەشكە ئۈلگۈرگەن، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تاۋار ئوبوروتىغا دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلماس بولۇۋالغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر رايونىدىن باشقا جايلارغا قانداق ماللارنىڭ يۆتكەلگەنلىكىنى بىلگىلى بولماس بولۇپ قالغان. شۇنداقلا «شېين»، «تېمۇ» قاتارلىق شىركەتلەر نامىدىن غەرب دۇنياسىغا غايەت زور مىقداردىكى تاۋارنى پارچە شەكىلدە ئېكسپورت قىلغان. نەتىجىدە 800 دوللاردىن تۆۋەن قىممەتتىكى تاۋارلارنى تەكشۈرمەسلىك بەلگىلىمىسى بۇ يوچۇققا يېڭى يول ئېچىپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ يوچۇقتىن فېنتانىلغا ئوخشاش زەھەرلىك بۇيۇملار، شۇنداقلا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەنگەن كۆپ خىل تاۋارلار ئامېرىكا بازىرىغا بىمالال ئېقىپ كىرگەن. ھالبۇكى، ياۋروپا دۆلەتلىرىدە تېخى بۇنداق قانۇنلار ئوتتۇرىغا چىقمىغان ئەھۋالدا خىتاينىڭ ياۋروپا بازىرىدىن غايەت زور دەرىجىدە پايدىلىنىپ كېتىشى بۇنىڭدىكى يەنە بىر چوڭ خىرىس بولۇپ قالغان.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى مەخسۇس تەشكىللەنگەن «گۈلخان سۆھبىتى» كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 30-ئىيۇل، فايرفاكس
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى مەخسۇس تەشكىللەنگەن «گۈلخان سۆھبىتى» كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 30-ئىيۇل، فايرفاكس (RFA/Shehrizad)

دوكتور ئادرىيان زېنزنىڭ قارىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان يەنە بىر چوڭ بوھران خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىنى كۆپەيمەس قىلىش ئۇرۇنۇشى ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئەينى ۋاقىتتىكى گىتلېر ھاكىمىيىتىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولغان شەكىلدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئۆچۈرۈشنى تېزلەشتۈرگەن. بولۇپمۇ خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندە 12 مىليون ئۇيغۇرنى بىراقلا قىرىپ تاشلاش چوڭ بىر مەسىلە بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار بۇنى زور كۆلەملىك ئادەم ئۆلتۈرۈش يولى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنى نۆلگە چۈشۈرۈش، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى ئەڭ ئاخىرىدا يوققا چىقىرىش ئۇسۇلىدا ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان. بۇ ھال خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ئېلان قىلغان كۆپلىگەن «ئىلمىي ماقالىلەر» دە، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى» دە ماس قەدەمدە ئەكس ئەتكەن.

سۆھبەتنىڭ سوئال-جاۋاب بۆلىكىدە، ئوخشىمىغان شەخسلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدىكى ئۇيغۇر سىياسىتى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىن كېلىدىغان چارىلەر، ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۇيغۇر داۋاسى بويىچە تەربىيەلەش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دۇنياسىنى كونترول قىلىۋېلىشىغا تەسىر كۆرسىتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار دېگەندەك تېمىلاردا سوئاللار سورىدى.

پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى نامىدىن ئادرىيان زېنز ۋە سوفى رىچاردسونغا ئاددىي، ئەمما مەنىلىك سوۋغىلار تەقدىم قىلىنغاندا زالدا گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

پائالىيەتتىن كېيىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئېلتەبىر ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر پائالىيەتنى تەشكىللىشى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

خۇددى مۇتەخەسسىسلەر كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك، نۆۋەتتە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش يولىدىكى قىيىنچىلىقلار كۆپلىگەن ساھەدە مەۋجۇت بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئىزچىل تۈردە «مەنزىل ئۇزاق، يۈك ئېغىر» دېگەندەك كۆپ خىل خىرىسلارنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم، شۇنداقلا بۇنىڭغا قارشى كوللېكتىپ تىرىشچانلىقنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى بارغانسېرى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بولۇپ قالماقتا.